تۈركىيە ئالىي سوتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى 24-ئېغىر جازا مەھكىمىسى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، شەخسلەر ۋە جامائەت ئەربابلىرى توغرىسىدا ئۇچۇر يىغىپ، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا تەمىنلىگەن 6 نەپەر خىتاي جاسۇسىغا قاماق جازاسى بەرگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە پەن رۇي (Pan Rui)، ئابلىز دىليار ۋە چېن چياڭ (Chen Qiang) قاتارلىق 3 جاسۇسقا 12 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى بەرگەن. بەن روڭۋېي (Ban Rongwei)، بەن يىجيې (Ban Yijie) ۋە يۈسۈپ تۇنا قاتارلىق 3 كىشىگە «جاسۇسلۇققا ياردەم قىلىش» جىنايىتى بىلەن 6 يىل 3 ئايلىق قاماق جازاسى بەرگەن.
سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىدا، مەزكۇر جاسۇسلارنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇمات يىغىپ، تۈركىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەتەر ئېلىپ كەلگەنلىكى؛ مەخپىي يوللار ئارقىلىق تۈركىيەدە پاناھلانغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ، بۇنى خىتايغا تەمىنلەش ئارقىلىق ماددىي مەنپەئەتكە ئېرىشكەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ تۈركىيە قانۇنى بويىچە سىياسىي ۋە ئەسكىرىي جاسۇسلۇق جىنايىتى شەكىللەندۈرگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
تۈركىيەدىكى ھۆكۈمەتكە يېقىن گېزىتلەردىن بىرى بولغان «ساباھ» گېزىتىنىڭ 29-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، تۈركىيە 3-جازا مەھكىمىسىنىڭ قارارىدا مۇنۇلار ئەسكەرتىلگەن: خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيەدىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان، يەنى بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پەن رۇي تۈركىيەدە قانۇنسىز مېھمانخانا ئېچىپ، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ يوليورۇقى بويىچە ئىش قىلغان. خىتاي تەرەپ پەن رۇي ئارقىلىق خىتاي ئۈچۈن ئىشلىگەن كىشىلەرگە پۇل ئەۋەتىپ بېرىلگەن؛ خىتاي ئىزدەۋاتقان پاناھلانغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۆي ئادرېسلىرى ۋە ئۇلار توغرىلىق باشقا مەلۇماتلارمۇ خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا يوللانغان.
بىز ئادۋوكات ۋە قانۇنشۇناس فارۇق كەلەشتىمۇر ئەپەندىدىن «تۈركىيەدە ئىلگىرى خىتاي جاسۇسلىرى تۇتۇلغاندا، دېلونى ئاخباراتتا ئېلان قىلماستىن بىر تەرەپ قىلاتتى. بۇ قېتىم ئۇنى ئوچۇق ئېلان قىلىشىدىكى سەۋەب زادى نېمە؟» دەپ سورىدۇق. ئۇ، مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «بۇ ئەلۋەتتە تۈركىيە دۆلىتىنىڭ كۈچىنى، مۇستەقىللىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسىنى ۋە شۇنداقلا تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تۈركىيەدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ كاللىسىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن خىتاي جاسۇسلارنى كۆرمەسكە سالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقمايدۇ؟ دېگەن سوئاللار بار ئىدى. خىتاي جاسۇسلىرىغا تۈركىيە قانۇنى بويىچە قاماق جازاسى بېرىلىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ كاللىسىدىكى بۇ سوئاللارنى يوق قىلدى. مەنچە، بۇ ناھايىتى ياخشى بولدى. مەن بىر ئادۋوكات بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمەن.»
تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچاننى خىتاي دائىرىلىرى 2003-يىلى «تېررورچى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى تەرىپىدىن سىياسىي پاناھلىق بېرىلگەن ۋە 18 يىلدىن بۇيان ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئابدۇقادىر ياپچاننى قايتۇرۇپ بېرىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغانلىقى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتى ئابدۇقادىر ياپچان توغرىلىق تۈركىيەگە بىرىنچى قېتىم 2016-يىلى ۋە 2019-يىلى 5 بەتلىك ئەيىبنامە، 2020-يىلى 6-ئايدا 68 بەتلىك يەنە بىر ئەيىبنامە يېزىپ يوللىغان. تۈركىيە سوت مەھكىمىسى 2022-يىلى 8-ئاپرېل كۈنىدىكى سوتتا خىتاينىڭ ئابدۇلقادىر ياپچان ئۈستىدىكى ئەيىبنامىسىنى رەت قىلىپ، ئۇنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقى توغرىلىق ھۆكۈم چىقارغان. بۇنىڭ بىلەن ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى ئۈستىدىكى نازارەت بىكار قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئەركىنلىككە چىققانلىقى ھەققىدە قارار بېرىلگەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق خىتاي جاسۇسلىرى ئۇنىڭ كەينىگە چۈشۈپ، بىر ئاماللار بىلەن ئۇنى خىتايغا ئېلىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان. ئابدۇقادىر ياپچان ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئۆزىنى بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ خىتاي جاسۇسلىرىنى ۋاقتىدا سوتلاپ ئۇلارغا تېگىشلىك جازا بەرگەنلىكىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خەۋەرلەردە ئېتىلىشىچە 2022-يىلى ئىستانبۇلنىڭ بەيلىكدۈزۈ رايونىدىن خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ئۈچۈن ئىشلىگەن 20 نەپەر جاسۇسلۇق گۇماندارى تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئىككى يىل سوزۇلغان سوتلاش نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 6 جاسۇسقا قاماق جازاسى بېرىلگەن.