خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ساھەلەردە يېڭىدىن باش كۆتۈرىۋاتقان دۇنياۋى كۈچ سۈپتىىدە تونۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ چېگرا ھالقىغان ھالدا ئۆز زۇلۇملىرىنى دۇنيا مىقياسىدا كېڭەيتىۋاتقانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. بۇ جەھەتتە خىتاينىڭ دىپلوماتىيە ۋاستىسى ئارقىلىق ئۆزلىرىگە قارشى پىكىردىكى كىشىلەر ياشاۋاتقان دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنى ماددىي مەنپەئەت ئارقىلىق قىزىقتۇرۇش ياكى ئۇلارغا سىياسىي جەھەتتە تەھدىت سېلىش دېگەندەك ۋاستىلار ئارقىلىق بېسىم پەيدا قىلىپ، ئاشۇ خىل «خەتەرلىك كىشىلەر»نى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىشى ئەڭ تىپىك ھادىسىلەردىن بىرى بولۇپ كەلدى. شۇ قاتاردا مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇلۇشى، بۇنىڭ ئەڭ ئۇنتۇلماس مىساللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
داۋاملىشىۋاتقان خەتەرنىڭ سايىسى
خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن «ش ئۇ ئا ر ۋەكىللەر ئۆمىكى» نامىدىكى بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ 2-نويابىردىن باشلاپ تۈركىيە ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەن رەسمىي سۆھبەتكە ئولتۇرۇشى، جۈملىدىن مەزكۇر ئۆمەك تەركىبىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسزلىك (ج خ) نازارىتىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بولۇشى، تەبىئىي يوسۇندا بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بولۇپمۇ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ھەققىدىكى سۆھبەتنىڭ ۋەھىمىسى ئىزچىل مەۋجۇت بولۇۋاتقاندا، بۇنداق يېڭى بىر سۆھبەتنىڭ باشلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى، جۈملىدىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى يېڭى ۋەھىمىلەرگە گىرىپتار قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە سۆز بولغاندا، تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مەسىلىلىلىرى بويىچە تونۇلغان مۇتەخەسسىس دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يېڭى تەرەققىياتتىن ئەندىشە قىلىشىنىڭ ئورۇنسىز ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2009-يىلى دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى»نى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىگە زور مەلھەم بەرگەن ئىدى. ئەمما كېيىنكى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە دىپلوماتىك كېلىشىملەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، تۈركىيەدىكى پۇل پاخاللىغى، ئىشسىزلىقنىڭ ئېشىپ مېڭىشى، شۇنىڭدەك تاجىسىمان ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنىنىڭ كەمچىل بولۇشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەيدانىمۇ كۆپ قېتىم ئۆزگەرگەن ھەمدە بۇ ھەقتە تۈرلۈك پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم بۇنىڭدا «دۆلەتنىڭ تۈپكى مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا» دېيلىدىغان ئورتاق پىرىنسىپنىڭ نەتىجىسى ئارقىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە «قۇربانلىق» قىلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك ئالاقە ۋە پۇقراۋىي ھېسداشلىقلار
2021-يىلى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىيە مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىغا 50 يىل تولغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى ئابدۇلقادىر ئەمىن ئۆنېن (Abdulkadir Emin Önen) «تاجىسىمان ۋىرۇسى ئەمەلىيەتتە تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە يالغۇز ھۆكۈمەت بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىسى ئەمەس، ئەكسىچە ئاسىيانىڭ ئەڭ شەرقى ۋە ئەڭ غەربىدىكى قەدىمىي ئىككى بۈيۈك مەدەنىيەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىدۇر» دېگەن ئىدى.

2022-يىلى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، «بىز ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى قەدىرلەيمىز. دەرۋەقە، بىز ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قاراشلىرىمىزنى، ئۈمىدىمىزنى ۋە ئەندىشىلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق» دېگەن. خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، يەنە كېلىپ بۇ خىل «ھەمكارلىق» تۈپەيلىدىن تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ تەدرىجى ئەسلىگە كېلىشكە يۈزلىنىشى، ئامېرىكا بىلەن بولغان قارشىلىقنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىشى تۈپەيلىدىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھازىر خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئانچە پەردازلاپمۇ كەتمەس بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
گېرمانىيەدىكى «مېركاتور خىتاي تەتقىقات مەركىزى» ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە لىراسىنىڭ قىممىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قېلىشى، ماھىيەتتە تاشقىي ئېكىسپورت ۋە ساياھەتچىلىككە ئىلھام بېرىپ ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە نىسبەتەن ئىجابىي روللارنى ئوينىغان. يەنە كېلىپ ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ «خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە فوندى»دىن قەرز ئېلىشنى رەت قىلىشى، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىپ مېڭىشى ئۇلارنى تەبىئىي يوسۇندا خىتاي تەرەپكە سىلجىشقا ئۈندىگەن. تېخىمۇ مۇھىمى، تۈركىيەنىڭ «ئۇيغۇر كارتى»نى ئوينىشى بىلەن خىتاينىڭ «كۇردلار كارتى»نى ئوينىشى تۈپەيلىدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتتە «ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى سۆزلىشىش، سىياسىي ئامىللارنى سۆھبەتكە ئارىلاشتۇرماسلىق»تەك يېڭى بىر پىرىنسىپنى تۈزۈپ چىققان. خىتاي تەرەپمۇ تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك رولى ۋە ئۆتكۈنچى بەلۋاغ بولۇش فۇنكىتسىيەسى بارلىقىنى تونۇپ يەتكەچكە، تۈركىيە بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىپ كەلگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم نۆۋەتتىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە بۇ خىل «مەنپەئەتلەر تورى»نىڭ ھەرقاچان مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.
ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تاشقىي دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئىزچىل «قېرىنداش»، «دىنداش» دېگەندەك تەسۋىرلەر بىلەن تەسۋىرلەپ كەلگەن تۈركىيە بولسۇن ياكى ئىسلام دۇنياسى بولسۇن، بۇ مەسىلىدە ئۇيغۇرلار كۈتكەندەك ھېمايىگەرلىك ياكى «ئارقا تىرەك» بولۇش رولىنى ئوينىيالمىغان. بۇنىڭ بىلەن خەلق ئارىسىدا بۇ خىلدىكى رېئاللىققا قارىتا تۈرلۈك سەلبىي پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ توغرىسىدا سۆز بولغاندا، دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسى ھەمدە شۇ دۆلەتلەردىكى پۇقرالارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ھېسداشلىقى ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن پەرقلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى «ش ئۇ ئا ر ۋەكىللەر ئۆمىكى» تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرلىكىگە بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندىنىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلىپ: «خىتاي ۋەكىللىرىگە ئۇيغۇن بىر شەكىلدە جاۋاب بېرىلگەنلىكى، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئامانەت ئىكەنلىكى»نى ئۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.