تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا باشلىغان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى دىپلوماتىك ۋە تىجارىي ئورگانلىرى، تۈركىيەنىڭ سودا-تىجارەت ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەر خىل ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. خىتاي تاراتقۇلىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ پرېزىدېنت ئەردوغان بىلەن خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىنتايىن «دوستانە»، «ئۇچقاندەك» تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەمما تۈرك كارخانىچىلار ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەتتە تۈركىيە تەرەپنىڭ زىيان تارتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىش كېرەكلىكىنى تىلغا ئالماقتا.
1-نويابىر كۈنى تۈركىيە تاشقىي سودا كېڭىشى ئىستانبۇلدا ئۇيۇشتۇرغان تۈركىيە ۋە خىتاي كارىخانىچىلىرى ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەتنىڭ كېلەچەكى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. ئۇچرىشىشتا سۆز قىلغان خىتاي سانائەت ۋە كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جۇۋ يەنچۈەن، كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت سوممىسىنىڭ 100 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئىشىنىش ئۈچۈن ھەممە ئاساسلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شاۋبىن يىغىندا قىلغان سۆزىدە، خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاندىن بۇيانقى 51 يىل ئىچىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ نۇرغۇن قەدەملەرنى بېسىپ، بۈگۈنكى سەۋىيەگە كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تېزدىن تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ كېيىنكى يىللاردا ئىككى دۆلەت پرېزىدېنتلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن ھەر ئىككى دۆلەت بارلىق ساھالاردە ئۆز ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، زور پايدا ئالماقتا.»

بۇ يىغىندا تۈركىيە تاشقىي سودا كېڭىشىنىڭ رەئىسى نائىل ئولپاق ئەپەندى سۆز قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «جوۋ يەنچۈەن ئەپەندى كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىدىدىكى تىجارەت سوممىسىنىڭ 100 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بىز تاشقىي تىجارەتتە زىيان تارتىپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەت. خىتاي پايدا ئېلىۋاتقان بىر دۆلەت. ئەگەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت ئومۇمىي سوممىسى 100 مىليارد دوللارغا چىققان تەقدىردە، ئۇنىڭ 90 مىليارد دوللىرىنى خىتاي ئالسا، بۇ قانداق بولىدۇ؟ بىز ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت تەڭپۇڭسىزلىقىدىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك.»
بۇ خەۋەر تۈركىيە «ئانادولۇ» ئاگېنتلىقىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كۆپ ساندا كىشى ئىنكاس يازغان. سابرى نامىدا بىر كىشى مۇنداق ئىنكاس دەپ يازغان: «كومۇنىست خىتاي يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا قېرىنداشلىرىمىزنى قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنى دۇنياغا ساتماقتا. سىلەر سايراگۈل ساۋۇتباي يازغان ‹شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك› ناملىق كىتابنى ئوقۇڭلار. خىتاي قېرىنداشلىرىمىزغا ۋەھشىيلەرچە زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ. ھەممە نەرسە پەقەت پۇلدىنلا ئىبارەت ئەمەس! خىتاي دۇنيادا قايسى دۆلەتنى باي قىلدى؟ خىتايدىن ئۈمىد كۈتمەڭلار!»
ئەرجان نامىدا يەنە بىر كىشى مۇنداق دەپ يازغان: «تۈركىيە تاموژنا بېجىنى چۈشۈرسە، خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت سوممىسىنى 100 مىليارد دوللارغا ئۆرلىتىش مۇمكىن. لېكىن بۇنىڭ 80 پىرسەنتى ئىمپورت، 20 پىرسەنت ئېكىسپورت بولسا، بۇنىڭ بىزگە نېمە پايدىسى بار؟»
ئىگىلىشىمىزچە، 2021-يىلى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت سوممىسى 35 مىليارد 900 مىليون دوللار بولغان. تۈركىيە خىتايغا پەقەتلا 3 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق مال ئېكىسپورت قىلغان، يەنى تۈركىيە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تەجارىي مۇناسىۋەتتە زىيان تارتقان. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ بۇنىڭ تۈزەلمەيدىغانلىقىنى، خىتاي دېگەندەك، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت سوممىسىنىڭ ھەرگىزمۇ 100 مىليارد دوللارغا چىقمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي ئەلچىسى ليۇ شاۋبىن تەكىتلىگەندەك، كېيىنكى يىللاردا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت راستىنلا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدىمۇ؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇنىڭ خىتاينىڭ ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى، خىتاي تۈركىيەگە تىجارىي مەنپەت بېرىپ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە ئۇرۇنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئورتاق كۆز قاراشقا ئىگە ئەمەسلىكىنى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئارزۇ قىلغان سەۋىيەدە ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇتەخەسسىسلەر، تۈركىيەنىڭ غەرب قىممەت قارىشىنى قوبۇل قىلغان دېموكراتىك سىستېمىدىكى دۆلەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مۇستەبىت خىتاي بىلەن بولغان ھەر جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىنىڭ ئارزۇ قىلغان سەۋىيەگە يەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.