تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 3-ئىيۇن كۈنى رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن خىتايغا يېتىپ بارغان بولۇپ، ھازىرچە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرغان. بۇ جەرياندا ئۇنى خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى خەن چېڭ قوبۇل قىلغان. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن بۈگۈن كۆرۈشكەنلەر ئىچىدە خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېنچىڭمۇ بار بولۇپ، ئۇ، 5-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى، قەشقەر، قورغاس قاتارلىق جايلاردا خىزمەت تەكشۈرگەندە، رايوندا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نى «دائىملاشتۇرۇش» ۋە «نورماللاشتۇرۇش» نى تەلەپ قىلغان ئىدى.
تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT)نىڭ سابىق رەئىسى، ھازىرقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىدە ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەرگىمۇ بارىدىغانلىقى تۈركىيەدە قىزىق تېمىغا ئايلانماقتا.
بىز بۇ ھەقتە تۈركىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ھاكىمىيەتتىكى ئاق پارتىيەنىڭ ئىككى نەپەر پارلامېنت ئەزاسىغا تېلېفون قىلدۇق، ئامما ئۇلار خاقان فىداننىڭ زىيارىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاندىن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلدى.
تونۇلغان ئوبزورچى ئاردان زەنتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ 6-ئاينىڭ 4- ۋە 5-كۈنلىرى شەرقىي تۈركىستان، يەنى خىتايلار ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› دەپ ئاتايدىغان ئىنتايىن نازۇك ۋە سەزگۈر جايغا زىيارەت ئېلىپ بېرىشى، ناھايىتى مۇھىم. مەن شۇنى دەيمەنكى، بۇ دىپلوماتىيە جەھەتتىن ناھايىتى زور ئۇتۇق. مەن ھۆكۈمەتنىڭ ئۇتۇقلىرىنى ئالقىشلايمەن، ئەمما مەغلۇبىيەتلىرىنى مەغلۇبىيەت دەيمەن. ھۆكۈمەتنىڭ كەمچىلىكىنى تەنقىد قىلىمەن، مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەقدىرلەيمەن.»
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا تۈركىيەنى زىيارەت قىلغان ئىدى. شۇ قېتىم ۋاڭ يى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۇنى تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ قوبۇل قىلغان ئىدى. ۋاڭ يى شۇ ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، خىتاينىڭ تۈركىيەنى «ئىستراتېگىيەلىك شېرىك» دەپ بىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. خاقان فىدان باياناتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
تونۇلغان ئوبزورچى ئاردان زەنتۈرك ئەپەندى، خاقان فىداننىڭ ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەرگە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەنچە، خىتايلار خاقان فىداننى 4- ۋە 5-ئىيۇن كۈنلىرى ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەرگە ئاپىرىپ، بۇنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كۆز-كۆز قىلىدۇ. مېنىڭ بۇ ھەقتىكى شەخسى كۆز قارىشىم شۇ، خىتاي، خاقان فىداننىڭ كۆزىنى بوياشقا تىرىشىدۇ. خىتايلار بۇنى ياخشى بىلىدۇ. بۇرۇنمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئۆلىمالاردىن تەركىب تاپقان ئۆمەكلەرنى قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدە ياخشى كۈتۈۋالغان ئىدى. بۇ ئۆمەكلەر ئېكسكۇرسىيەدىن كېيىن نېمە دېسە دېسۇن، ئەمما ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرالمايدۇ. مەن خاقان فىداندەك ئىستىخباراتچىلىق كەسپىدىن كەلگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئىككى كۈن ئىچىدە ئالغان تەسىراتىنى ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمەن. ئۇ، ئۇزۇن يىل ئىستىخبارات ئىدارىسىنى باشقۇرغان بىر كىشى، خىتاي قەيەرنى ئايلاندۇرسا ئايلاندۇرسۇن، ئۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدىغان قابىلىيەتكە ئىگە بىرى. بۇ ئىنتايىن مۇھىم. خاقان فىدان شەرقىي تۈركىستاندىكى تەسىراتلىرىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلىمايدۇ، ئەمما تۈركىيەنىڭ خىتايغا بولغان سىياسىتى بۇندىن كېيىن قانداق بولىدۇ؟ بۇ تەرىپى ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئايان بولىدۇ.»
ئاردان زەنتۈرك ئەپەندى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا، تۈركىيەنىڭ داۋاملىق زىيان تارتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن خىتاي سودا ۋە تىجارەت جەھەتتىن شېرىك دۆلەتلەردۇر. تۈركىيە 2023-يىلى خىتايدىن 48 مىليارد دوللارلىق مال ئىمپورت قىلدى. ھالبۇكى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىدە زور تەڭپۇڭسىزلىق بار. ئۆتكەن يىلى ۋاڭ يى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەردىمۇ بۇ تىلغا ئېلىندى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈگىتىش كېرەك. خىتاي دۆلىتى تۈركىيەنىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىدۇر. يەنى خىتاي دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان سودا شېرىكىمىزدۇر. خىتاينىڭ تۈركىيەگە ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن ئېھتىياجى بار. چۈنكى خىتاينىڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشى تۈركىيەدىن ئۆتىدۇ، تۈركىيەسىز بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ.»
تونۇلغان ئوبزورچى ئاردان زەنتۈرك ئەپەندى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركلەرنىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ دەردىمىز ئۈزۈم يېيىش بولسا، باغۋەننى ئۇرۇش كەتمەيدۇ؛ ئەگەر بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز، ئىستراتېگىيەلىك كۈچىمىزنى خىتاي بىلەن مۇزاكىرە قىلىشقا، مۇشۇ يول ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا قارىتىشىمىز كېرەك. بۇ مەسىلىدە بىز زىيان تارتمايمىز، خىتايمۇ زىيان تارتمايدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار يوق بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇ زىيارەت تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. 2012-يىلى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شەرقىي تۈركىستانغا بارغان ئىدى. كېيىن ئۇ يەردە ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەمدىلىكتە خىتاي قايتىدىن ئىشىكىنى ئېچىۋاتىدۇ. بۇ ئىشىك نېمە ئۈچۈن بىزگە ئېچىلدى؟ بۇنى خاقان فىداننىڭ زىيارىتىدىن كېيىن چۈشىنەلەيمىز. چۈنكى مەن ‹ستار› گېزىتىدە بۇرۇن يازغىنىمدەك، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرىنىڭ مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى تۈركىيەنىڭ مەسىلىسىدۇر. بۇ مەسىلىنى تۈركىيە بىلەن خىتاي ھەل قىلالايدۇ. بىزنىڭ دەردىمىز باغۋەننى ئۇرۇش ئەمەس، بەلكى مېۋە يېيىش بولۇشى كېرەك.»
ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى، پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «ئۇيغۇر» ۋە «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇلىرىنى ئېنىق ئاتاپ باياناتلار بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئاتالغۇلاردىكى بۇ ئوچۇق-ئاشكارىلىقىنى تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ بىر ئىپادىسى دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى، مانا مۇشۇنداق بىر پەيتتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەرگە بېرىشىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ خىتايغا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى جەريانىدا، خىتاينىڭ ئۇنىڭ كۆزىنى بوياشقا تىرىشىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ ئۇرۇنۇشلارنىڭ تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنى باشقۇرغان خاقان فىداندەك بىر كىشىنى ئىشەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تۈركىيەگە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ ۋاقتىنى سۆزلىشىپ بېكىتىدىكەن.