پارلامېنت ئەزاسى دوغان بەكىن: «تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك»

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىملىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا ۋە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى پارلامېنتى تەرىپىدىن بىردەك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلىشى؛ شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيانە باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ خەلقئارادا كۆپلىگەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلىنىشى، تۈركىيەدىكى بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى.

1-دېكابىر كۈنى «يېڭىدىن رەفاھ» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى دوغان بەكىن ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى دەرھال توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىشكە چاقىردى.

دوغان بەكىن ئەپەندى سۆزىنى مۇنداق باشلىدى: «قىممەتلىك مۇخبىرلار، بۈگۈنكى ئاخبارات يىغىنىمىزنىڭ تېمىسى ‹خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيەسى ۋە جامە-مەسچىتلەرنى چېقىپ، دىننى يوقىتىش سىياسىتى توغرىسىدادۇر. ئەپسۇسكى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىگە يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتى بارغانسېرى زور تىراگېدىيەلەرگە ئايلانماقتا. ئۇلار ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلماي، ئۇلارنى خىتايدەك بولۇشقا مەجبۇرلىماقتا. بۇ خىتاينىڭ ئىرقچىلىق سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدۇر. »

دوغان بەكىن ئەپەندى كېيىنكى يىللاردا خىتاي يولغا قويغان «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ خەتەرلىك ۋەزىيەت پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى جازا لاگېرلىرى قۇرۇپ قىيناش، ئۇيغۇر تۈركلىرىگە بېسىم ئىشلىتىش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، مەسچىتلەرنى، تارىخىي جايلارنى چېقىپ يوق قىلىشنى تېزلەتتى. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى ناھايىتى زور قورقۇنچ ۋە ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنىنى، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىگە خەۋپ دەپ قاراپ، ئۇلارنى خەلقئاراغا تېررورلۇقنىڭ بىر پارچىسى دەپ تەشۋىق قىلماقتا. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى شەرقىي تۈركىستاندا ناھايىتى خەتەرلىك ۋەزىيەت پەيدا قىلماقتا. »

پارلامېنت ئەزاسى دوغان بەكىن ئەپەندى خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى مەقسىتى، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوق قىلىپ، ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. خىتاي بۇ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرك قان سىستېمىسىدىكى خەلقلەرنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشقا تىرىشماقتا. خىتاي شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان خەلقلەرنى خىتايلاشتۇرۇشقا مەجبۇرلاش سىياسىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمايدۇ. ئەگەر خىتاي ئىدارىسى ئاستىدىكى خەلقلەرگە ئەركىنلىك بەرمىسە، مەسىلە كۈنسايىن مۇرەككەپلىشىدۇ. فىرانسىيە ھۆكۈمىتى، فىرانسىيەدىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئىسلام دىنىنى فىرانسۇزلاشتۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ مەغلۇپ بولغاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ. »

پارلامېنت ئەزاسى دوغان بەكىن ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي دائىرىلىرى ئۆمۈر بويى قاماق جازاسى بەرگەن ئۇيغۇر پىروفېسسور راھىلە داۋۇت خانىم 2012-يىلى بىر مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ‹ئەگەر بارلىق جامەلەر چېقىۋېتىلىپ، قەبرىستانلىقلار يوق قىلىۋېتىلسە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زېمىن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى قالمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئۆتمۈشى، قەدىمكى مەدىنىيىتى ۋە مەنىۋىي ھاياتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئۈچۈن ۋە قاچاندىن تارتىپ بۇ زېمىندا ياشاپ كەلگەنلىكىمىز توغرىسىدا ھېچقانداق ئەسلىمىمىز قالمايدۇ› دېگەن سۆزى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى ئىنتايىن ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بەرگەن سۆزدۇر.»

پارلامېنت ئەزاسى دوغان بەكىن ئەپەندى باياناتىدا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەسچىتلەرنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنىڭ چېقىپ تاشلىنىشى؛ بەزىلىرىنىڭ ئېتىۋېتىلىشى، يەنە بەزى مەسچىتلەرنىڭ باشقا ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ سىستېمىلىق ھالدا ئىسلامنى چەكلەش سىياسىتىدۇر. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك!»

«يېڭىدىن رەفاھ» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى دوغان بەكىن ئەپەندىنىڭ بۇ باياناتى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ دېگەن سوئالىمىزغا «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان سابىق پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ ھۆكۈمەت بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇۋاتقان سىياسىي پارتىيەلەردىن بىرىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئېنىق قىلىپ خىتاي زۇلۇمىنى ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇشى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق پىكىرلەر بۇرۇنمۇ ئوخشىمايدىغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما بۇ توغرىلىق ھۆكۈمەتكە يېقىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى بۇنداق قاتتىق بايانات بەرمىگەن ئىدى. ھازىر ھۆكۈمەت پەلەستىن مەسىلىسىدە قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈۋاتىدۇ. بۇنىڭغا تۈركىيە جامائەتچىلىكى ئىچىدە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز زۇلۇمغا ئۇچراۋاتسا، نېمىشقا ھۆكۈمەت سۈكۈتتە تۇرۇۋالىدۇ؟ دېگەندەك نارازىلىقلار كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئەگەر بۇنداق باياناتلار كۆپەيسە، ھۆكۈمەتكە مەلۇم دەرىجىدە تەسىرى بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. »

پارلامېنت ئەزاسى دوغان بەكىن ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنت بىناسى ئىچىدە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى (TRT) نىڭ ئۈچىنچى قانىلىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلدى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ ھەمبەھىرلەندى.