تۈركىيەدە تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۇيغۇرلار مېھرى-شەپقىتىنى كۆرسەتكەن
2023.07.19
1949-يىلدىن بۇيان، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قايتا-قايتا، رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشى ۋە مىسلى كۆرۈلمىگەن زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، باشقا دۆلەتلەردىن پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولدى. بۇ كۆچمەنلىك دولقۇنى 2009-يىلدىن 2016-يىلغىچە يۇقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ، ھازىر ئاز دېگەندە 1 مىليون ئۇيغۇرنىڭ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە. بۇلاردىن 50000 (ئەللىك مىڭ) ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر تۈركىيەدە ياشىماقتا.
ئەركىن، دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلار ماددىي جەھەتتە قىسمەن كاپالەتكە ئىگە بولسىمۇ، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە يات مەدەنىيەت ۋە ھەر خىل ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن. ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ياشاۋاتقان تۈركىيەدە گەرچە دىن، مەدەنىيەت پەرقى روشەن بولمىسىمۇ، ئىقتىسادىي بېسىم ۋە جەمئىيەتنىڭ ناچار تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ كەلگۈسى ئۈمىدىنى كۆرەلمەي چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پاتقان ياشلار مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان. بىر قىسىم ياش-ئۆسمۈرلەر ۋەتىنىدىن ۋە ئاتا-ئانىسىدىن كىچىك تۇرۇپلا ئايرىلغانلىقى، ئاتا-ئانىسى بىلەن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى، تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ، زەھەرلىك چېكىملىك، ئوغرىلىق، تىلەمچىلىك پاتقىقىغا كىرىپ قالغان.
تۈركىيەدىكى مىللەتپەرۋەر، ساخاۋەتچى ئۇيغۇرلار مىللەتنىڭ ئىز باسارلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئېڭى بىلەن ھەرىكەتلىنىپ، 200 گە يېقىن ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرگە ياردەم قۇلىنى ئۇزاتقان ۋە ئۇلارنىڭ ئۇمىدى بولغان. ئۇلاردىن بىرى ئابدۇسەمى خوتەن.
ئابدۇسەمى خوتەن ئەپەندى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ياشلار مەركىزى (شەرقىي تۈركىستان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى) نىڭ مەسئۇلى ئىكەن. بۇ مەركەز 2021-يىلىدىن بۇيان پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قالغان، كوچىلاردا ئوغرىلىققا ۋە تىلەمچىلىككە سېلىنىۋاتقان، كوچىلاردا ياكى ناچار بىنالاردا ئۇخلاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەرنى تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلىگەن، يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ۋە سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم قىلغان. بۇ مەركەز زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قالغان ياشلاردىن 35 ئادەمنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئابدۇسەمى خوتەن بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ باردۇق، تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.