قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان تۈرك قېرىنداشلارغا ياردەم قولىنى سوزماقتا

0:00 / 0:00

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشتە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان تۈرك قېرىنداشلىرىغا ھېسداشلىق قىلىپ، ئىمكانىيەتلىرىنىڭ بارىچە ياردەم قولىنى سۇنۇشقا تىرىشماقتا. قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى 9-10 فېۋرال كۈنلىرى پايتەخت بىشكەكتە، 11-12 فېۋرال كۈنلىرى قىرغىزىستاننىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان باشقا رايونلىرىدا مارافونچە خەير-ساخاۋەت پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، توپلانغان ئىئانە پۇل ۋە ماددىي ياردەملەرنى تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئارقىلىق ئەۋەتىشكە تىرىشماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، 6-فېۋرال تۈركىيەنىڭ شەرقىي-جەنۇبىدىكى غازىئانتېپ، قاھرامانماراش ۋە ھاتاي قاتارلىق ۋىلايەتلىرىدە قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن. يەر تەۋرەشتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقى، ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ، ئېغىر ئىقتىسادىي زىيانلارنىڭ كېلىپ چىققانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدىكى كىشىلەر تىل، دىن، مەدەنىيەت، ھەتتا سىياسىي كۆزقاراشلىرىنىڭ ئوخشاماسلىقلىرىدىن قەتئىينەزەر، تۈركىيەدىكى ئاپەت رايونىغا ئۆزلىرىنى ياردەم قوللىرىنى سۇنماقتا. شۇ قاتارىدا قىرغىزىستانمۇ دەرھال جىددىي قۇتۇقۇزۇش ۋە ئىزدەش ئەترەتلىرىنى تۈركىيەگە ئەۋەتكەنىدى. قىرغىزىستان ئاھالىلىرى بولسا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىشكەكتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا ياردەم توپلاش پونكتلىرىنى ئېچىپ، ئىئانە توپلاشقا كىرىشكەن ئىدى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشتە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان تۈرك قېرىنداشلىرىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان مارافونچە خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى فېۋرال.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموۋ باشلىقىدىكى ھەيئەت قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەلچىسى ئەھمەت سادىق دوغان ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆز تەزىيەسىنى بىلدۈرگەن ۋە تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان تۈرك قېرىنداشلارغا ياردەم قولىنى ئۇزاتقان.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموۋ، مۇشۇنداق ئېغىر ئاپەت كۈنلىرىدە تۈركىيە خەلقىگە ياردەم بېرىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ۋە قېرىنداشلىق بۇرچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامايىتىنى ئىئانە توپلاشقا سەپەرۋەر قىلغان.

ئىئانە توپلاش بويىچە ساخاۋەتلىك مارافون بىشكەك شەھىرىدىكى «ئاۋات» رېستورانىدا ئىككى كۈن داۋام قىلدى. بۇ پائالىيەتكە پايتەخت بىشكەك ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايون-يېزىلاردا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ۋە تىجارەتچىلەر قاتنىشىپ، ئۆز ياردىملىرىنى تاپشۇرۇشتى. يېزىلاردىكى قېرىنداشلار بولسا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق مەھەللىلىرىدىكى يىگىت باشلىرى ۋە ئاياللار كومىتېتى ئارقىلىق ئۆز ئاماناتلىرىنى ئەۋەتىشتى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئىتتىپاق» جەمئىيتى ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنئاي ئىسلام، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىشكەكتىكى «ئاۋات» كافېيسىغا يىغىلىپ، قولىدىن كەلگەن ماددىي ياردەملىرىنى توپلىغانلىقى ۋە تۈركىيەنىڭ ئاپەت رايونىدىكى تۈرك قېرىنداشلارغا ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشتە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان تۈرك قېرىنداشلىرىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان مارافونچە خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى فېۋرال.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىن كېلىپ، بىشكەك شەھىرىدىكى مەدىنە بازىرىدا سودا-تىجارەت بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرمۇ ئۆز-ئارا ئىئانە توپلاپ، تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرىغا ياردەم قىلىش پائالىيىتى باشلاتقان. ئۇندىن باشقا قىرغىزىستاننىڭ باشقا جايلىرىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارمۇ توپلىغان ياردەملىرىنى ئەۋەتمەكچى ئىكەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئىتتىپاق» جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەكبەرجان باۋۇۇدۇنوۋ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۈگۈن تۈرك خەلقىنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەن بۇ پەيتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە تۈرك قېرىنداشلىرىغا ياردەم قولىنى سۇنۇشىنىڭ ھەم ئىنسانىي ھەم قېرىنداشلىق بۇرچ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، قىرغىزىستاندا تۇغۇلۇپ ھازىر تۈركىيەنىڭ ئانتاليا شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، شۇ شەھەردىكى باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ياردەم توپلىغان. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى يەنە تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش رايونلىرىغا ئەۋەتىلىۋاتقان جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە قوشۇلۇپ، ئالدىنقى سەپكە ئاتلانغانلىقى مەلۇم.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەن پەيتلەردە ھەمىشە ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ۋە قېرىنداشلىق بۇرچلىرىنى ئورۇنداپ كەلمەكتە.