ئاپەتكە ئۇچرىغۇچى: خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرلىرى ماڭا پۇل بېرىپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تىللاشنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ قاھرامانماراش ۋىلايىتىنىڭ پازارجىق ناھىيەسىنى مەركەز قىلغان، مالاتيا، ئادانا، گازىئانتىپ، دىيارباقىر، ئۇرفا، ئوسمانىيە ۋە خاتاي قاتارلىق ئون شەھىرىدە 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئېغىر يەر تەۋرەشتىن كېيىن باشلانغان قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش ئىشلىرىنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇخبىرلىرى ئاپەت رايونىغا كەلگەن. خەلقئارا چوڭ تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرى كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغان ھالدا تۈركىيەدىكى بۇ چوڭ ئاپەتنى ئاڭلىتىۋاتقان كۈنلەدە تۈركىيەدىكى گازىئانتىپ شەھىرىدىكى «قانال 27» تېلېۋىزىيەسىدە 8-فېۋرالدا تارقىتىلغان خەۋەردە، خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرلىرىنىڭ پۇل بېرىپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تىللاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان كىشى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتكە ئورۇن بېرىلگەن. مەزكۇر خەۋەر تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان بىر تۈرك تېلېۋىزىيە مۇخبىرىغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدىن ئۈچ مۇخبىر تەرجىمانى بىلەن بىرلىكتە بۇ يەرگە كەلدى. يەر تەۋرىگەندە يىقىلىپ چۈشكەن دۇكانلارنى ۋە بۇ يەرلەرنى سىنئالغۇغا تارتتى. ئاندىن كېيىن ماڭا: ‹بۇ يەر تەۋرەشتىن كۆڭلىمىز بەك يېرىم بولدى. بىز خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدىن كەلدۇق› دېدى. قولىدا مىكروفون، يېنىدا سىنئالغۇغا ئالغۇچىمۇ بار ئىدى. مەندىن ‹نېمە بولدى؟› دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا ‹بۇ ئاللادىن كەلگەن بىر ئاپەت› دەپ جاۋاب بەردىم. خىتاي مەندىن: ‹ھۆكۈمەت سىلەر ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلدى؟› دەپ سورىدى. مەن: ‹بىز تۈرك مىللىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىر نەرسىگە ئېھتىياجىمىز يوق›، دەپ جاۋاب بەردىم. خىتاي مۇخبىر: ‹سەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئەزاسىمۇ؟› دەپ سورىدى. مەن: ‹ياق مەن ئۇ پارتىيەنىڭ ئەزاسى ئەمەس، مەن پەقەتلا تۈركىيە بايرىقى مەستانىسىمەن؟، ۋەتىنىمنى، زېمىنىمنى ياخشى كۆرىمەن، بىزدە پارتىيەچىلىك يوق› دەپ جاۋاب بەردىم. ماڭا ھۆكۈمەتنى تىللاپ بەر دەپ ماڭا پۇل ئۇزاتتى. مەن پۇلنى ئالمىدىم. ‹مەن پارتىيە ئەزاسى ئەمەس، مەن تۈرك مىللەتچىسىمەن› دېدىم. تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى بىرنەرسىلەر سۆزلەپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى. مەن ئۇنى ‹كۆزۈمدىن يوقال› دەپ ھەيدىۋەتتىم. ئەسلىدە بۇ خىتاي مۇخبىرلارنى ئۇرماقچى ئىدىم، ئەمما ئۇرمىدىم».

خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرلىرىنىڭ پۇل بېرىپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تىللاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان كىشى. 2023-يىلى فېۋرال.
خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرلىرىنىڭ پۇل بېرىپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تىللاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان كىشى. 2023-يىلى فېۋرال. (Social Media)

تۈرك تېلېۋىزىيە مۇخبىرىنىڭ «خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرى ساڭا پۇل بېرىپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تىللاپ بەر دېدى، شۇنداقمۇ؟» دېگەن سوئالىغا، تۈرك دېھقان مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «ھەئە، شۇنداق ھۆكۈمەتكە قارشى سۆزلەپ بەر دەپ، ماڭا پۇل ئۇزاتتى. بۇلار ئۆزلىرىنى خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرلىرى دەپ تونۇشتۇردى».

بىز مەزكۇر خەۋەردە تارقىتىلغان خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ خىل خەۋەر بېرىش مەقسىتى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرى ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. لېكىن خىتاي تەرەپ بۇنى ئىنكار قىلدى. يەنى، پېڭ فامىلىلىك ئەلچىخانا خادىمى سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى. «خىتاي دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىنىڭ مۇخبىرلىرى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندىكى بىر كىشىگە پۇل بېرىپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرگە قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا پېڭ مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىزمۇ بۇ خەۋەرنى كۆردۇق، لېكىن بۇنداق ئىش يوق. بىزنىڭ ئادەملەر بولماسلىقى كېرەك. بىزمۇ ئېنىقلاشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئۇنداق ئىش يوق».

تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا تۈركىيەدىكى يەر تەۋرىگەن 10 شەھەرگە 75 دۆلەتتىن جەمئىي 8 مىڭ 500 كىشىدىن تەركىب تاپقان قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى كېلىپ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنالارنىڭ ئاستىدا قالغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش پائالىيىتىگە قاتناشماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتايدىن كەلگەن 82 كىشىدىن تەركىب تاپقان قۇتقۇزۇش ئەترىتىمۇ بار بولۇپ، ھازىر تۈركىيەنىڭ مالاتيا شەھىرىدە قۇتقۇزۇش پائالىيىتىگە قاتناشماقتىكەن. گەرچە، خىتاي دۆلىتى 75 دۆلەت قاتارىدا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان مالاتيا شەھىرىگە قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتكەن بولسىمۇ، خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرىنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىلىم ۋە مەرىپەت ۋەخپىسى مۇئاۋىن رەئىسى، يەنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا قاتناشقان ھەبىبۇللا كۈسەنى ئەپەندى ئۆزىنىڭ «قانال 27» تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىلغان خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسى خادىملىرىنىڭ قىلمىشىغا ئىشىنىدىغانلىقى، ئەگەر شۇنداق ئىش بولمىسا مەزكۇر قانالنىڭ نەق پاكىت بىلەن بۇنداق خەۋەرنى تارقاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىنى ئىنسانىي قىممەت قارىشىدا بىرلەشتۈرگەن بۈگۈنكى كۈندە خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرلىرىنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى بايان قىلدى.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ يەر تەۋرەش ئەھۋاللىرىنى، جۈملىدىن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغانغا تەزىيەنامە ئەۋەتكەنلىكى قاتارلىقلارنى خەۋەر قىلىشقانىدى. لېكىن، خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا يەر تەۋرەش ئاپىتى ۋە تۈركىيەگە نىسبەتەن سەلبىي ئىنكاسلارمۇ ئوتتۇرىغا چىققان. 2-ئاينىڭ 6-كۈنى تۈركىيەنىڭ شەرقىي-جەنۇبىدىكى قاھرامانماراش شەھىرىنى مەركەز قىلغان ئون شەھەردە چوڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ، تۈركىيەنىڭ ئىچى-سىرتىدا جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتى باشلانغاندىن كېيىن، 7-فېۋرال كۈنى تۈركىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى بولغان ۋېيبودا ئېلان چىقىرىپ، تۈركىيەگە ياردەم قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىغا رەھمەت ئېيتقان، شۇنداقلا خىتايدىن پۇل ئىئانە قىلماقچى بولغان شەخس ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ تۈركىيە «قىزىل ئاي جەمئىيىتى» بىلەن «دىيانەت ئىشلىرى ئىدارىسى» نىڭ تور بېكىتىدىكى بانكا ھېسابىنى تەۋسىيە قىلغان. ئەمما بۇنىڭغا ئىنكاس يازغان بەزى خىتايلار تۈركىيەنىڭ خىتاي ئاۋىئاماتكىسىنى بوسفۇر بوغۇزىدىن ئۆتكۈزمىگەنلىكى، «كۇردلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ، سۈرىيەلىكلەرنى ئەزگەنلىكى» ھەققىدە ئەيىبلەپ، «سىلەرگە بىر سوممۇ بەرمەيمىز» دېگەن، ھەتتا بەزى خىتاي ئىنكاسچىلار تۈركىيەنى «تىلەمچى» دەپ ھاقارەتلىگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرسى: «بۇنداق ئاپەت ھەر قانداق دۆلەتنىڭ بېشىغا كېلىدۇ، بۇنداق رەھىمسىزلىك قىلمايلى» دەپ ئىنكاس يازسا، ئۇنىڭغا جاۋاب يازغان بىر خىتاي: ئىنكاسچى: «مەن ئاشۇنداق رەھىمسىز، قانداق قىلىسەن؟» دېگەن، بۇنىڭغا ئىنكاس يازغان باشقا خىتايلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن «مەنمۇ شۇ پىكىرگە قوشۇلىمەن» دەپ ئاۋاز قوشقان.