تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان تۈركلەرگە ياردەم قولىنى سۇنماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2023.02.22
turkiye-yer-tewresh-yardem-1

ئۇيغۇرلار يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرگە ياردەم ئۈچۈن تەييارلىغان ماددىي بۇيۇملار. 2023-يىلى 10-فېۋرال، تۈركىيە. RFA/Arslan

turkiye-yer-tewresh-yardem-8

ئۇيغۇرلار يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرگە ياردەم ئۈچۈن تەييارلىغان ماددىي بۇيۇملار. 2023-يىلى 10-فېۋرال، تۈركىيە. RFA/Arslan

turkiye-yer-tewresh-yardem-2

ئۇيغۇرلار يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرگە ياردەم ئۈچۈن تەييارلىغان ماددىي بۇيۇملار. 2023-يىلى 10-فېۋرال، تۈركىيە. RFA/Arslan

turkiye-yer-tewresh-yardem-3

ئۇيغۇرلار يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرگە ياردەم ئۈچۈن تەييارلىغان ماددىي بۇيۇملار. 2023-يىلى 10-فېۋرال، تۈركىيە. RFA/Arslan

turkiye-yer-tewresh-yardem-4

ئۇيغۇرلار يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرگە ياردەم ئۈچۈن تەييارلىغان ماددىي بۇيۇملار. 2023-يىلى 10-فېۋرال، تۈركىيە. RFA/Arslan

turkiye-yer-tewresh-yardem-5

ئۇيغۇرلار يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرگە ياردەم ئۈچۈن تەييارلىغان ماددىي بۇيۇملار. 2023-يىلى 10-فېۋرال، تۈركىيە. RFA/Arslan

turkiye-yer-tewresh-yardem-6

ئۇيغۇرلار يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرگە ياردەم ئۈچۈن تەييارلىغان ماددىي بۇيۇملار. 2023-يىلى 10-فېۋرال، تۈركىيە. RFA/Arslan

turkiye-yer-tewresh-yardem-7

ئۇيغۇرلار يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرگە ياردەم ئۈچۈن تەييارلىغان ماددىي بۇيۇملار. 2023-يىلى 10-فېۋرال، تۈركىيە. RFA/Arslan

تۈركىيەنىڭ قاھرامانماراش، گازىئانتېپ قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئىككى قېتىملىق يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان تۈركلەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلارمۇ سەپەرۋەر بولۇپ، يوتقان-كۆرپە ۋە ئاياللارنىڭ كىيىملىرىنى تىكىش، تاتلىق-تۈرۈم پېچىنە-پىرانىك پىشۇرۇش قاتارلىق ھەر خىل ياردەم خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلماقتا.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، يېقىن تارىختا ئۆتكەن ئۇيغۇر قەھرىمانى نۇزۇگۇمنىڭ نامىنى قويغان ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاياللار ئارىسىدا يەر تەۋرەشتە زىيانغا ئۇچرىغان كىشىلەرگە ياردەم بېرىش سەپەرۋەرلىكى باشلاتقاندىن بۇيان زەيتىنبۇرنۇ، سەفاكۆي، سەلىمپاشا ۋە باشاقشەھەر قاتارلىق رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر خانىملارنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ئورتاق ياردەم پائالىيىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئاياللار ئۆز ئارا ئىئانە توپلاش ئېلىپ بېرىپ دەسلەپكى قەدەمدە 74 مىڭ تۈرك لىراسى نەق پۇلنى ئەۋەتكەنلىكىنى، ياردەم سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ئاۋاز قوشقانلىقىنى، ئاياللارنىڭ بەزىلىرى تاتلىق تۈرۈم، پېچىنە-پىرانىك پىشۇرغانلىقىنى، ئاياللار 200 مىڭ لىرا قىممىتىدە رەخ سېتىۋېلىپ يوتقان-كۆرپە ۋە ئاياللار كىيىملىرى تىكىپ يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن رايونغا ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇرخانىم، «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بۇ ياردەم پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش روھى سىڭدى، ياخشى، پەزىلەتلىك ھەرىكەت بولدى»، دېدى.

مۇنەۋۋۋەر خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «بىز بۇ ياردەمنى پەقەت تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشىلىك مەجبۇرىيىتىمىز دەپ بىلدۇق، ھەم شۇنداقلا بىز ئۇلارغا ياردەم قىلساق ئاللا بىزگە ياردەم قىلىدۇ، دېگەن چۈشەنچە بىلەن ياردەم قىلدۇق. يەنە بىر جەھەتتىن ئاياللار ئارسىىدا مۇشۇنداق بىر ياردەم ۋە ھەمكارلىق قىلىش ئارقىلىق ھەمكارلىق ۋە بىر-بىرىمىزنى قوللايدىغان روھنىڭ تېخىمۇ جانلىق بولۇشى، شۇنداقلا ئائىلىلەردە پەرزەنتلەرگە ياخشى ئۈلگە بولۇشىنى ئارزۇ قىلدۇق. خۇدايىم بۇيرۇسا مۇشۇ قىلغان ياخشىلىقىمىز ۋەتىنىمىزنىڭ قۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولغۇسى دەپ ئويلايمىز، ئۇ يەردىكى قىيىنچىلىق ۋە ئېھتىياجلار تۈگىگىچە بىز ياردەمنى داۋام قىلىمىز».

سېلىمپاشا رايوندىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلارمۇ ئاياللارنىڭ ياردەم پائالىيىتىگە ئاۋاز قوشۇپ، ئاياللار كىيىملىرىنى تىكىش، نان ۋە پېچىنە پۇشۇرغاندىن سىرت يەنە 500 دىن ئارتۇق كۆرپە تىكىپ يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونغا ئەۋەتكەن.

ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ياردەم پائالىيىتىگە ئاۋاز قوشقان سېلىمپاشادىكى ئۇيغۇر ئايال ئىلمىنۇرخانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە مەيلى مۇسۇلمان مەيلى باشقا دىندىكى دۆلەتلەر بولسۇن پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە «مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ياردەم قىلىشى ئىنسانلىق مەجبۇرىيىتىمىز، مۇسۇلمانلىق ۋەزىپىمىز»، دېدى.

ئىلمىنۇرخانىم ياردەم قىلىش ئىنسانىي نۇقتىدىن قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياردەم قىلىش بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىمىز، بۇ يەردە مۇھاجىر بولۇپ، مۇشۇ دۆلەتنىڭ نوپۇسىغا ئۆتۈپ دۆلەتنىڭ ئەزاسى بولۇپ ياشاۋاتىمىز، مۇشۇنداق ئەھۋالدا بۇ ھادىسىگە نىسبەتەن ئۆزىمىز قىينالغان تەقدىردىمۇ، موھتاج بولغان شارائىتتىمۇ ئۇلارغا ياردەم قىلىشىمىز زۆرۈر».

ئۇيغۇر خانىملارنىڭ سەفاكۆيدە كىيىم ۋە كۆرپە تىكىۋاتقان ئورۇنغا بىر گۇرۇپپا تۈرك ئوقۇتقۇچى خانىملار كېلىپ ئۇلارغا تەشەككۈر بىلدۈردى ۋە ئائىشە ئىسىملىك تۈرك ئوقۇتقۇچى خانىم ئۆز تەسىراتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بىز2018-يىلى زۇلۇمدىن قېچىپ شەرقىي تۈركىستاندىن ئىستانبۇلغا كەلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىمىز بىلەن ئىئانە توپلاپ مۇشۇ ئورۇنغا ئەكېلىپ بەرگەندۇق، بۈگۈن ئوخشاش يەردە ئۇلار بىزگە ياردەم قىلىپ كۆرپە ۋە كىيىم تىكىۋاتىدۇ، بەك خوش بولدۇق. بۈگۈن، ئەلۋەتتە قېرىنداشلىقنى كۆرسىتىدىغان كۈنىدۇر، قوللىرىدا يىڭنە ئارقىلىق چىن كۆڭلىدىن ئىخلاس بىلەن يوتقان-كۆرپە تىكىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى كۆرۈپ ھەيران قالدۇق. ئاللا ئۇلاردىن رازى بولسۇن».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.