خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بارغان سىياسىي تەشۋىقاتلىرى

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، 2-ئاينىڭ 6-كۈنى تۈركىيەنىڭ جەنۇبى ۋە ئوتتۇرا قىسمىدا ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالى ۋە غەربىدە 7.8 بال ئەتراپىدا يەر تەۋرىگەن. تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مىنىسترلىكى (AFAD) نىڭ تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، قاھرامانماراشنىڭ پازارچىك رايونىدا 04:17 دە 7.7 بال يەر تەۋرىگەن. قاھرامانماراش شەھرىنى مەركەز قىلغان بۇ يەر تەۋرەشنىڭ دائىرىسى چوڭ بولۇپ مالاتيا، ئادانا، گازىئانتىپ، دىيارباقىر، ئۇرفا، ئوسمانىيە ۋە خاتاي قاتارلىق ئون شەھەردە ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلگەن.

يەر تەۋرەش ھەققىدىكى خەۋەر تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق ئاخبارات قاناللىرىدا تارقالغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن دۆلەتلەر دەرھال تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇتقۇزۇش خادىملىرى، دوختۇرلار ۋە ماددىي ئەشيالارنى ئەۋەتكەن.

تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 18-فېۋرال «CNN تۈرك» قانىلىغا بەرگەن زىيارىتىدە، 102 دۆلەتنىڭ تۈركىيەگە ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقى بىلدۈرگەنلىكىنى، بۈگۈنگە قەدەر 88 دۆلەتنىڭ قۇتقۇزۇش، داۋالاش قاتارلىق خىزمەتلەردە ياردەمدە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيەنىڭ ئاخبارا ت قاناللىرىدا بېرىلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتايدىنمۇ 82 كىشىلىك قۇتقۇزۇش ئەترىتى كەلگەن. ئەمما باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى، خىتايدىن كەلگەن قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئالدى بىلەن بارغان ئاپەت رايونلىرىدا بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئاخبارات قاناللىرىدا تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە بېرىلگەن خەۋەرلەردە ئاساسەن خىتاي بايرىقى كۆزگە چىلىقىدىغان بولۇپ، ھەتتا خىتاي بايرىقى تۈركىيەنىڭ بايرىقىدىنمۇ ئېگىزرەك ئېسىلغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بۇ خىلدىكى خەۋەرلەرنىڭ، رەسىملەرنىڭ ئاستىغا كىشىلەر «خىتاي تۈركىيەنى ئىشغال قىلدىمۇ؟ بايراق ئېسش ئادەم قۇتقۇزۇشتىن مۇھىمدەك تۇرىدۇ. . .» دېگەندەك ئىنكاسلارنى يېزىشقان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇسىدا «خىتاي سالغان كۆۋرۈك يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بەرگەن» دەپ جار سالغان. 2023-يىلى فېۋرال.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇسىدا «خىتاي سالغان كۆۋرۈك يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بەرگەن» دەپ جار سالغان. 2023-يىلى فېۋرال. (Social Media)

6-فېۋرال يەر تەۋرىگەن كۈنىدىن باشلاپ تىۋىتتېر، فېيسبۇك، ئىستېگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلار، تۈركىيە ۋە سۈرىيەنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئەڭ تېز ۋە ئەڭ كەڭرى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدىغان چوڭ خەۋەر سۇپىسىغا ئايلاندى. بۇ خەۋەر سۇپىلىرىدا يەر تەۋرىگەن نەق مەيداندىن خەۋەر تارقىتىۋاتقان تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك خەۋەر قاناللىرى ۋە خەلقئارالىق خەۋەر قاناللىرىنىڭ خەۋەرلىرىنى تارقىتىشتىن باشقا، تور چولپانلىرىمۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي ھېساباتلىرىدىن يەر تەۋرەشكە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تارقىتىپ تۇرغان. بۇ تۈردىكى ھىساباتلار تارقاتقان ئۇچۇرلار ئارىسدا خىتاي قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى مەشھۇر بازار «كاپالى چارشى» دىكى تىجارەتچىلەر ۋە خىرىدارلارنىڭ چاۋاكلىرى ئارىسىدا خۇددى ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرى پاراتتىن ئۆتۈۋاتقاندەك ماڭغان ۋاقتىدا تارتىلغان ۋىدىيو ۋە ئايرودرومدا خىتاي قۇتقۇزۇش ئەتىرىتىدىكى ئەزالارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش شەكلىدە «ئۇخلاپ قالغان» ئەسنادا ئايرودروم خادىملىرىنىڭ ئۇلارنى ئويغاتماستىن ئالدىدىكى ئۈستەلگە بىردىن بىردىن ھەدىيە قويۇپ قويغان ۋاقتىدا «بىلندۈرمەستىن» تارتىلغان ۋىدىيو ناھايىتى قىزىق تىما بولغان.

تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشكە ئائىت خەۋەرلەرنى ئاپەت رايونىدىن خەۋەر قىلىپ كېلىۋاتقان خەۋەر قاناللىرىدىن «قىرىم خەۋەر قانىلى» نىڭ باش مۇھەررىرى ئۆمەر جىھات كايا ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇلار ئەمەلىيەتتە تەشۋىقاتنىڭ بىر پارچىسى. ۋىدىيودا بۇ بەك ئېنىق. ئەزەربەيجان قاتارلىق تۈرك دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم خىزمەتلىرىدە ناھايىتى چوڭ ياردەملەرنى قىلدى، لېكىن ئۇلار تەشۋىقات قىلمىدى. خىتاي خۇددى پۈتۈن ياردەمنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى قىلغاندەك تەشۋىقات قىلدى. خىتاينىڭ بۇ قىلغانلىرىنى ‹يۇمشاق كۈچى‹نى ئىشقا سالدى دېسەكمۇ بولىدۇ، ئەمما مەن بەكرەك تەشۋىقات دەپ قارايمەن. ئاخبارات ۋاستىلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمى بەك ئاڭلىتىلمىغان بولغاچقا، خەلق ئارىسىدا خىتايغا قارشى يەنىلا بىر خىل ياخشى پوزىتسىيە بار. خىتاي بۇ بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. ئاپەت رايونىدا ئادەم قۇتقۇزۇش مۇھىم. خىتاي قۇتقۇزۇش ئەترىدىكىلەرمۇ ئەلۋەتتە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قىلدى، لېكىن بۇنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرى ئۈچۈن ئشلىتىشىنى مەن ‹ئەخلاقسىزلىق› دەپ قارايمەن.»

خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئاخبارات قاناللىرىدا خىتاي قۇتقۇزۇش ئەترىتى تۈركىيەگە كەلگەندىن كەتكىچە بولغان ئارلىقتا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇلارنىڭ ئاپەت رايونىدىكى خىزمەتلىرى ھەققىدە خەۋەر بېرىپ تۇرغان. خىتاينىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچلىرىمۇ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت ھېسابىدىن خىتاينىڭ تۈركىيەگە قىلغان ياردەملىرى ۋە قۇتقۇزۇش ئەتىرىتىنىڭ تۈركىيە ئاپەت رايونلىرىدىكى «كىچە-كۈندۈز» جاپالىق قۇتقۇزۇش خىزمىتى ھەققىدە ئۇچۇر يوللاپ تۇرغان.

ئەمما خىتاينىڭ شىمالىي ئىرلاندىيەدىكى باش كونسۇلى جاڭ مېيفاڭنىڭ تۋىتتېردا 13-فېۋرال يوللىغان تۈركىيەنىڭ يەر تەۋرەش رايونىدىن 1000 كىلومتىر يىراقلىقتىكى چاناققەلئە كۆۋرۈكى ھەققدىكى ئۇچۇرى ناھايىتى چوڭ غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. جاڭ مېيفاڭ تۋىتىدا، خىتاينىڭ بۇ كۆۋرۈكنى سالغانلىقى ھەققىدە ئىشلەنگەن ۋىدىيونى ھەمبەھىرلەپ، ئۈستىگە «خىتاي تۈركىيەدە سالغان كۆۋرۈك يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بەردى» دەپ يازغان. قىزىقارلىق يىرى شۇكى، كۆۋرۈكنىڭ ئورگان تور بېتىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ كۆۋرۈكنى ياساشقا تۆت شىركەت قاتناشقان بولۇپ، ئىككىسى تۈركيەنىڭ، ئىككىسى كورىيەنىڭ ئىكەن.

بىز بۇ ھەقتە يېزىلغان خەۋەرلەردە بېرىلگەن ئۇلىنىشقا ئاساسەن جاڭ مېيفاڭنىڭ تۋىتىنى ئىزدىدۇق، ئەمما بۇ تۋىت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن غايىب بولغان. «كورىيە جۇڭئاڭ كۈندىلىك خەۋرى» نىڭ 14-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جاڭ مېيفاڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا چۈشكەن ئىنكاسلاردىن كېيىن تۋىتىنى ئۆچۈرۋەتكەن.

خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ خەۋەرلىرى «تۈركىيە خىتاينىڭ ياردىمىدىن كېيىن دۆلەت پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتتى. تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى شەرقى تۈركىستانغا ئائىت خەۋەرلەرنى ئۆچۈردى» دېگەندەك تىمىلاردا خەۋەر تارقاتقان. بۇ ھەقتىكى تەكشۈرشلىرىمىگە قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ خىتايدىكى ھەرقانداق بىر ئورگىنى «شەرقى تۈركىستان» ھەققىدە ھېچقانداق بايانات بەرمىگەن ۋە شۇڭلاشقا «ئۆچۈرۈش» مەسىلىسمۇ مەۋجۇت بولمىغان. بۇ مەسىلىنى ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى خىتاينىڭ «ئۆزىنى كۆرسىتىش تەشۋىقاتى» دەپ قارىغان.

تۈركىيەنىڭ گازىئانتىپ شەھىرىدىكى «قانال 27» تېلېۋىزىيەسى، 8-فېۋرال خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرلىرىنىڭ پۇل بېرىپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تىللاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان كىشى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتكە ئورۇن بەرگەن. مەزكۇر خەۋەر تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان.

ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا دىققەت تارتقان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تارقالغان خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ۋە يەر تەۋرەشكە ياردەم توپلاش ھەققىدىكى باياناتىنىڭ ئاستىغا خىتاي خەلقىنىڭ يازغان ئىنكاسلىرىدۇر. ئۇلار بايانتنىڭ ئاستىغا «قەلەندەرلەر»، «ئۇلارغا بىرىدىغان بىر سېنت پۇلۇم يوق، خوپ بولۇپتۇ. . .» دېگەندەك ئىنكاسلارنى يازغان.

تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك خەۋەر قاناللىرىدا ياردەمگە كەلگەن دۆلەتلەر قاتارىدا خىتاي قۇتقۇزۇش ئەتىرىتىگىمۇ ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىلغان خەۋەرلەر كەڭ تارقالغان. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن قۇتقۇزۇش ئەترىتى خادىملىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن «قېرىندىشىم» دەپ تۇرۇپ قىلغان ياردەملىرى ئالاھىدە ئورۇن ئالغان. ئەمما تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار توپلاپ ئەۋەتكەن نەچچە يۈز مىڭ دوللارلىق ياردەم تىلغا ئېلىنمىغان. ھەتتا تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك تېلېۋېزىيە قانىلى بولغان TRT ئاۋاز قانىلى 11-فېۋرال ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇلارنىڭ ئاپەت رايونلىرىدا تاماق ئېتىپ تارقىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەمدە بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقاتقان، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ خەۋەرنى ئۆچۈرۋەتكەن. TRT نىڭ بۇ خىل پوزىتىسىيەسىگە قارىتا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىپادىلىگەن كۈچلۈك نارازىلىقىدىن كېيىن قايتا ھەمبەھىرلىگەن.

بىز تۈركىيەنىڭ يەرتەۋرىگەن رايونلىرىدا قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم خىزمەتلىرىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەپسىلىيرەك مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، يەر تەۋرىگەن كۈنىنىڭ ئەتىسىلا قاھرامانماراشتىكى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلانغان مەردان ئۇيغۇر بىلەن ئالاقىلاشتۇق. ئۇ، يەر تەۋەرەش ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان رايوندىكى كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ياردەم خىزمىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ئۆمەر جىھات كايا ئەپەندى زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەنىڭ خىتايغا قارىتا تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2023-يىلىدا ئۇيغۇرلارنى تەھدىت كۆرۈپ ئىرقى قىرغىنچلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلىدۇ. ئەمما ئەپسسۇسلىنارلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قوللۇق ئېلىپ بىرىۋاتقان ساختا ئۇچۇر، تەشۋىقاتلىرى تۈركىيەنىڭ ۋە تۈرك خەلقىنىڭ رىئاللىقنى كۆرۈشىگە دەخلى قىلىۋاتىدۇ.»