قاھرامانماراشتىكى «شەرقىي تۈركىستان شېھىتلىرى چېدىر كەنتى» تۈرك قېرىنداشلارغا ئەمەلىي ياردەم كۆرسەتمەكتە

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ قاھرامانماراش ۋىلايىتىنىڭ پازارجىق ناھىيەسىنى مەركەز قىلغان، مالاتيا، ئادانا، گازىئانتىپ، دىيارباقىر، ئۇرفا، ئوسمانىيە ۋە خاتاي قاتارلىق ئون شەھىرىدە 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئېغىر يەر تەۋرەشتىن كېيىن باشلانغان قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش، چېدىر مەھەللىسى قۇرۇش ئىشلىرىغا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئاكتىپ قاتناشماقتا. «كۆك بايراق ھەمكارلىق مۇنبىرى» قاھرامانماراشتا «شەرقىي تۈركىستان شېھىتلىرى چېدىر كەنتى» قۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرنى چېدىرلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىسسىق تاماقلارنى تارقىتىپ ئىللىقلىق كۆرسەتمەكتە.

7-فېۋرال كۈنى 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇردىن تەركىب تاپقان «كۆك بايراق ھەمكارلىق مۇنبىرى» نامىدىكى بىر ياردەم گۇرۇپپىسى تۈركىيەنىڭ قاھرامانماراش شەھەر مەركىزىگە يېتىپ بېرىپ، ياردەم خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتكەن ئىدى. كېيىنكى كۈنلەردە «شەرقىي تۈركىستان شېھىتلىرى چېدىر كەنتى» نامىدا چېدىر مەھەللىسى قۇرۇپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆيلىرى يىقىلىپ چۈشكەن تۈركلەرگە ياردەم قولىنى ئۇزاتقان. كۆك رەڭلىك 107 چېدىردىن تەركىب تابقان «شەرقىي تۈركىستان شېھىتلىرى چېدىر كەنتى» دىكى ھەر بىر چېدىرغا جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەردە ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغان شېھىتلەرنىڭ نامى بېرىلگەن.

«كۆك بايراق مۇنبىرى» نىڭ مەسئۇلى قۇلئەخمەت جانتۈرك ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتى بولغان قاھرامانماراش شەھرىدىكى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ باغچىسى بىلەن ئەكىنئۆزى دېگەن جايغا 107 دانە چېدىر قۇردۇق. بۇ يەردە تېخىچە ئىككى كۈندە بىر قېتىم قالدۇق يەر تەۋرەۋاتىدۇ. كىشىلەر ئۆيىگە كىرەلمەيۋاتىدۇ، كۆپ ئادەملەرنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. بىز ئۇلارنى بۇ چېدىرلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىسسىق تاماق تارقىتىپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلار نامىدىن ياردەم قولىمىزنى ئۇزىتىۋاتىمىز.»

30 ئەتراپىدا ئۇيغۇردىن تەركىب تاپقان «كۆك بايراق ھەمكارلىق مۇنبىرى» نامىدىكى بىر ياردەم گۇرۇپپىسى قاھرامانماراش شەھەر مەركىزىگە قۇرغان «شەرقىي تۈركىستان شېھىتلىرى چېدىر كەنتى» نامىدا چېدىر مەھەللىسى. 2023-يىلى مارت، تۈركىيە.

قۇلئەخمەت جانتۈرك ئەپەندى 45 كۈندىن بۇيان ئاپەتكە ئۇچرىغان قاھرامانماراش شەھىرىدە كىشىلەرگە ماددىي، مەنىۋى ۋە ئادەم كۈچى جەھەتتىن ياردەم قىلىش بىلەن بىرلىكتە «شەرقىي تۈركىستان شېھىتلىرى چېدىر كەنتى» قۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ چېدىر كەنتىنى قۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ يەردىكى بىرىنچى مەقسىتىمىز يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان كىشىلەرگە ياردەم قىلىش. ئىككىنچى مەقسىتىمىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي لاگېرلىرىدا، تۈرمىلىرىدە شېھىت بولغان ئالىملىرىمىز، ئۆلىمالىرىمىز ۋە زىيالىيلىرىمىزنى خاتىرلەشتىن ئىبارەت. بىز بۇ چېدىر مەھەللىسىگە ‹شەرقىي تۈركىستان شېھىتلىرى چېدىر كەنتى› دەپ نام بەردۇق. ھەر بىر چېدىرغا خىتاي تۈرمىسىدە ۋە لاگېرلاردا شېھىت بولغان كىشىلەرنىڭ نامىنى بەردۇق. بىز چېدىرلارنى ‹سابىت داموللام چېدىرى›، ‹كېرەم قارىم چېدىرى› ۋە ‹مۇھەممەد سالىھ داموللام چېدىرى› دەپ ئاتاپ، چېدىرلارغا ئۇلارنىڭ رەسملىرىنى ئاستۇق. ھازىرغىچە ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقى، قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋە باشقا ئاخبارات ئورگانلىرى بىزنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ھەقتە خەۋەر ئىشلىدى. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنىمۇ ئاڭلىتىۋاتىمىز.»

«كۆك بايراق ھەمكارلىق مۇنبىرى» نىڭ مەسئۇلى قۇلئەخمەت جانتۈرك ئەپەندى، بۇ مۇنبەرگە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى، ئەنقەرەدىكى تۈركمەن تەشكىلاتى ۋە قاھرامانماراشتا بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان جەمرە جەمئىيىتىنىڭ ئەزا بولۇپ ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇرلار قۇرغان چېدىردا تۇرۇۋاتقان بىر يەرلىك تۈرك كىشى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىسمىم جەلال ئالپئارسلان گۈنەش، يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ قۇربانىمەن. 6-فېۋرال ئەتىگەن ناھايىتى چوڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىدۇق. ئەتىسى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىز پاناھلانغان مەكتەپ بىناسىغا كېلىپ، 200 ئائىلىگە ياردەم قولىنى ئۇزاتتى. بۈگۈنمۇ ياردەم قىلىشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن تارتىپ، بىزگە ئىسسىق تاماق تارقىتىپ، كېيىم-كېچەك ۋە يوتقان-كۆرپىلەرنى بېرىپ ياردەم قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمدى قاھرامانماراشتىكى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ باغچىسىدا چېدىر قۇرۇپ، بىزگە ئىللىقلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. مەن يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قاھرامانماراشلىقلار نامىدىن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن.»

نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ شەرقىي-جەنۇبىغا جايلاشقان 10 ۋىلايەتتە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشكە ياردەم بېرىش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا. ئامېرىكا، گېرمانىيە، ياپونىيە، تەيۋەن ۋە كورېيە قاتارلىق 80 گە يېقىن دۆلەت بۇ قېتىمقى تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارغا ماددىي ياردەم بەرگەن. ئامېرىكا، ئىتاليە، فرانسىيە، ئىسرائىلىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر يەر تەۋرەش رايونلىرىدا چېدىر دوختۇرخانا ئېچىپ، تۈرك خەلقىنى سۆيۈندۈرمەكتە.

تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ 21-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە 50 مىڭ 96 نەپەردىن ئارتۇق كىشى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنالارنىڭ ئاستىدا قېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيەنىڭ 10 شەھىرىدە بىرلا ۋاقىتتا يۈز بەرگەن بۇ قېتىملىق ئېغىر يەر تەۋرەش دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەشلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.