تۈركىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى دېڭىز بويىغا جايلاشقان ئىزمىر شەھىرىدە 30-ئۆكتەبىر كۈنى قاتتىق يەر تەۋرەپ، 92 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 994 كىشى يارىلانغان. ئىزمىردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچ بىر زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىمىغان.
30-ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىزمىر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن 6.6 بال يەر تەۋرەشتە ئىزمىردىكى كۆپ قەۋەتلىك 17 بىنا پۈتۈنلەي يىقىلىپ چۈشكەن، 58 بىنا ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان. تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن ئىزمىرغا كەلگەن قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى بىنا ئاستىدا قالغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشماقتا. يەر تەۋرەپ 65 سائەتتىن كېيىن 3 ياشلىق ئەلىف ئىسىملىق قىزنىڭ يىقىلىپ چۈشكەن بىر بىنانىڭ ئاستىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ چىقىلىشى، پۈتۈن تۈركىيەنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ ئىشخانىسىدا ئىشلەۋاتقاندا تۇيۇقسىز يەر تەۋرەپ كىشىلەرنى قاتتىق قورقۇتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە ئىزمىردا تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرەپ كەتتى. مەن ئۇ ۋاقىتتا ئىشخانامدا ئىشلەۋاتاتتىم. بۇرۇن بۇنداق يەر تەۋرەشلەر كۆپ بولۇپ تۇرغاچقا نورمال ئىشقۇ دەپ قاراپ ئانچە ئەنسىرەپ كەتمىگەن ئىدىم. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي پۈتۈن بىنا قاتتىق سىلكىنىپ كەتكەچكە قورقۇشقا باشلىدىم. يەر تەۋرەش 25 سېكۇنت داۋام قىلدى. بىز دەرھال ئىشخانىدىن چىقىپ ئۆيلەرگە قاراپ ماڭدۇق. پۈتۈن شەھەرنى قىيا-چىيالار قاپلاپ، قاتناش قالايمىقان بولۇپ كەتتى. خۇداغا شۈكۈر، بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرگە بىر نەرسە بولماپتۇ، بىنادىن پەسكە چۈشۈۋاپتۇ. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش بۇرۇنقىلارغا سېلىشتۇرغاندا، بەكلا ئېغىر بولدى. كۆپ ساندا بىنا يەر بىلەن يەكسان بولۇپ كەتتى، نۇرغۇن بىنالار ئولتۇرغىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالدى. ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر چېدىرلاردا تۇرۇاتىدۇ، پۈتۈن تۈركىيەدە ئىزمىردىكى يەر تەۋرەشتە زىيانغا ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتى باشلاندى.»
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئىزمىردە 15 ئائىلىدەك ئۇيغۇر بارلىقىنى، ھەممىسىنىڭ ساق-سالامەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە تەۋرەش بەلبېغىغا جايلاشقان دۆلەت بولۇپ، ھەر قېتىم يەر تەۋرىگەندە كۆپ ساندا بىنالار يىقىلىپ، نۇرغۇن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئاخباراتلاردا بىنالارنىڭ يىقىلىش سەۋەبلىرى تەھلىل قىلىنىپ، چىدامچان بىنا سېلىش توغرىسىدا مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىز «ئىزمىردىكى 6.6 بال يەر تەۋرەشتە نېمە ئۈچۈن كۆپ ساندىكى بىنا يىقىلىپ چۈشتى؟ يەر تەۋرەشكە چىدامچان بىنالارنى قانداق سالغىلى بولىدۇ» دېگەن سوئاللارنى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەقىپ ئۇنىۋېرسىتېتى بىناكارلىق كەسپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالى ئۆزۇيغۇر ئەپەندىدىن سورىدۇق.
ئۇ تۈركىيە زېمىنىنىڭ 90 پىرسەنتتىن ئارتۇقراقىنىڭ يەر تەۋرەش بەلبېغىغا جايلاشقانلىقىنى بايان قىلدى.
1999-يىلى تۈركىيەنىڭ ساكاريا، دۈزجە، يالوۋا، گۆلجۈك قاتارلىق ۋىلايەتلىرىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە نۇرغۇن بىنالار يەر بىلەن يەكسان بولۇپ، 30 مىڭ ئەتراپىدا كىشى ۋاپات بولغان ئىدى. ئىگىلىشىمىزچە، تۈركيە يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندە ئەڭ كۆپ بىنا يىقىلىپ چۈشىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدا ئىكەن. ئۇنداقتا، تۈركىيەدە نېمە ئۈچۈن يەر تەۋرىگەندە كۆپلىگەن بىنا يىقىلىدۇ؟ دوكتور ئالى ئۆزۇيغۇر ئەپەندى تۈركىيەدە چىدامچان ئۆي سېلىشنىڭ 1999-يىلىدىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن باشلانغانلىقىنى، كېيىنكى 20 يىل ئىچىدە سېلىنغان بىنالارنىڭ كۆپىنىڭ 7 بال يەر تەۋرەشكە چىدايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دوكتور ئالى ئۆزۇيغۇر ئەپەندى بۇ قېتىم ئىزمىردا مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەشتە يىقىلغان بىنالارنىڭمۇ كونا بىنالار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ دۇنيادا يەر تەۋرەشكە ياخشى تەييارلىقى بار دۆلەتلەرنىڭ ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈركىيە زېمىنىڭ 90 پىرسەنتتىن ئارتۇقراقى يەر تەۋرەش رايونىدا بولۇپ، ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ، ئاتاكۆي ۋە كۈچۈكچەكمەچە قارتارلىق رايونلىرى يەر تەۋرىگەندە ئەڭ خەتەرلىك رايونلار ھېسابلىنىدىكەن. ئىزمىردا 30-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى 1-قېتىملىق يەر تەۋرەشتىن كېيىن رايوندا يەنە 400 قېتىمدەك قالدۇق يەر تەۋرىگەن.
0:00 / 0:00