تۈركىيەنىڭ سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى: شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ھەر ۋاقىت قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمىز
2023.09.26

15-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردوغاننىڭ باش دانىشمىنى ئايخان ئوگان: «شەرقىي تۈركىستان ھېچ بىر زامان خىتاينىڭ زېمىنى بولۇپ باقمىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدۇ» ، دېدى.
ئايخان ئوگان بۇ سۆزلەرنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن 23-سېنتەبىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ يىغىن زالىدا ئېچىلغان 15-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 6-قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى يىغىنىدا ئېيتتى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان يەنە بىر نەپەر تۈركىيە يۇقىرى دەرجىلىك ئەمەلدار، تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى نازىف يىلماز: «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋۇجۇدىمىزدىكى قانىغان يارىمىزدۇر. بۇ دەۋا بىزگە، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، مەسئۇد سابىر بايقۇزى قاتارلىق ئۈچ ئەپەندىلەردىن بىزگە قالغان ئامانەت ۋە مىراستۇر» دېدى.
ئۇ، سۆزىدە يەنە، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مەركەزلەشكەن مەخسۇس تەتقىقات مەركەزلىرى ئېچىش ۋە ئىنستىتۇتلارنى قۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە بۇ خىل خىزمەتلەرنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغانلار قاتارىدا يەنە ئىيى پارتىيەسى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى، سائادەت پارتىيەسى، يېڭىدىن رىفاھ پارتىيەسى قاتارلىق پارتىيەلەرنىڭ رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەم پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بار بولۇپ، ئىيى پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى ئاييۈجە تۈركەش، «ئۆزۈم ۋە پارتىيەمگە ۋاكالىتەن شۇنى تەكىتلەيمەنكى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ھەر ۋاقىت قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمىز» ، دېدى.
تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىجى: «پارتىيەمىز قۇرۇلغان كۈندىن ئېتىبارەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمىز» ، دېدى.
سائادەت پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى شۇنداقلا تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا كايا ئەپەندى، بىز سائادەت پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ دەۋانى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولغۇچە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمىز، دېدى.
يېڭى رىفاھ پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى دوغان بېكىن ئەپەندى: «تۈرك-ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ قەدىمى جامائەلىرى شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسىگە جايلاشقان. بىراق ھازىر بۇ جامائەلەر ۋەيران قىلىندى، مەدەنىيىتىمىز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ، بۇنىڭغا قارشى ھەممىمىز بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىمىز» ، كېرەك، دېدى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، بۇ ئۇچرىشىش يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۇنداقلا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلەپ، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئىشغالىيەت سەۋەبىدىن يوق بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيەدىن قۇتۇلۇش ۋە ئۆز مۇستەقىللىققا ئېرىشىش دەۋاسىدۇر» ، دېدى.
بۇ يىغىنغا، تۈركىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، شىۋېتسىيە، ، قازاقىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، مالايسىيا قاتارلىق 20 دۆلەتتىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان، سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى، خەلقئارالىق ۋە يەرلىك تەشكىلات ۋەكىللىرى، ئۆلىمالار، زىيالىيلار، ھەرقايسى ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر، تەتقىقاتچىلار، ياشلار ۋە ئاياللار ۋەكىللىرى بولۇپ، 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
يىغىندا يەنە، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار، ۋە يېڭى دۇنيا كۈنتەرتىپىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان پۇرسەتلەر ۋە بۇ پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىش يوللىرى، شۇنداقلا تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۆپلەپ ئاڭلىتىش ئارقىلىق قوللاش شارائىتىنى قولغا كەلتۈرۈش دېگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي دوكلات بەردى ۋە تېمىلار بويىچە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلدى.
15-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنى ۋە 6-قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى يىغىنى 23-سېنتەبىر شەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلانغان بولۇپ، 25-سېنتەبىر كۈنىگىچە ئۈچ كۈن داۋام قىلغان.
مەزكۇر يىغىن ھەر يىلى بىر قېتىم ئېچىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھەر قېتىمدا يېڭى ۋە ئاكتىپ تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنغان، بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۆزگىچىلىكى ھەققىدە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئىمىنھاجى توختالدى.
ئابدۇرېشىت ئىمىنھاجىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىلقى قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنى ئۆتكەن يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئوخشاشمايدىغان پەرقى بولسا چەتئەللىك مۇھىم شەخسلەر، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ كۆپلەپ قاتنىشىشى ۋە دەۋانى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىشىدۇر. يەنە بىر نۇقتا شۇكى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىن كەلگەن تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللىرى ئۆزئارا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە بىردەكلىككە كەلگەنلىكىدۇر.
دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھۇم دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 2009-يىلى 4-ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان بولۇپ، بۇ، 14 يىلدىن بۇيان داۋاملاشماقتا.