خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا ۋە گوللاندىيە پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن بىردەك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئارقا-ئارقىدىن پارلامېنتلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە ئەيىبلىشى تۈركىيەدىمۇ كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلماقتا.
مۇشۇنداق بىر پەيتتە تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرگە مەنسۇپ پارلامېنت ئەزالىرى ئارقا-ئارقىدىن پارلامېنتتىكى ئومۇمىي يىغىندا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينى تەنقىت قىلىش بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى «خىتايدىن قورقما، ئاللاھدىن قورق» دەپ تەنقىت قىلماقتا. تۈركىيەدىكى «سائادەت» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئابدۇلقادىر قارادۇمان ئەپەندى 16-مارت كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن قورقۇپ سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ خىتايدىن قورقماي ئاللاھدىن قورقۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ سۆزىنى مۇنداق باشلىدى: «ھۆرمەتلىك دوستلار، ھۆكۈمەت كىشىلىك ھوقۇقىنى تەكىتلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. شەرقىي تۈركىستان دەپ بىر جاي بار، بىلەمسىلەر؟ ئۇيغۇر تۈركلىرى، خىتاي ۋە جازا لاگېرلىرى دېگەن ئاتالغۇلار سىلەرگە نېمىلەرنى خاتىرلىتىۋاتىدۇ؟ خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي ئەقىل ۋە مەنتىققا سىغمايدىغان، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە جازا لاگېرلىرىنى ‹تەربىيەلەش مەركىزى› دەپ تونۇشتۇرۇۋاتىدۇ. جازا لاگېرلىرىدا 3 مىليون ئۇيغۇر سولاقلىق. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىق، خالىغانچە ئۆلۈم جازاسى بېرىش، تۇتقۇن قىلىش ۋە خانىم-قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايەتلىرىنى سىستېمىلىق ھالدا ئېلىپ بارماقتا.»
ئۇ نۇتۇقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىنىشى بىلەن كۈلتۈر جەھەتتىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا رايونلارغا كۆچۈرۈلۈشى، خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈلۈشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تېزدىن خىتايلاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئۇزۇندىن بۇيان سىستېمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلماقتا.»
سائادەت پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئابدۇلقادىر قارادۇمان ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ زۇلۇمنى كۆرمەسلىككە سېلىۋاتقان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىت قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ زۇلۇمنى پۈتۈن دۇنيا كۆرۈۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا بۇ ھەقتە ئورتاق بىر تەكلىپ لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭغا 39 دۆلەت قول قويغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۈكۈتتە تۇرۇۋالدى. بىز بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ئاتا-ئانىسىدىن خەۋەر ئالالمىغان شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلغاندا، ئۇلار ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى، بۇ دۆلىتىمىز ئۈچۈن نومۇس قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئىش. تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتايدىن ھېساب سورىماي، ئۇيغۇرلاردىن ھېساب سوراۋاتىدۇ. بىزنىڭ دىنىي ئېتىقادىمىزدا مەزلۇم، ئېزىلگەن خەلقلەرنى قوللاش ئەقىدىسى مەۋجۇت.»
پارلامېنت ئەزاسى ئابدۇلقادىر قارادۇمان ئەپەندى 16-مارت كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا قىلغان سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان زۇلۇمى ئالدىدا قاچانغىچە سۈكۈتتە تۇرىسىلەر؟ ھېچ قانداق تىجارەت ۋە مەنپەئەت بۇ سۈكۈتتە تۇرۇشنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ. ھۆكۈمەت سۈكۈتتە تۇرۇۋالسىمۇ، تۈركىيە دۆلىتى مەزلۇملارنىڭ پاناھلىنىش يېرى. بىز بۇ زۇلۇم ئالدىدا ھېچقاچان سۈكۈتتە تۇرمايمىز. ھەممە سورۇندا شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇشنى داۋام قىلىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل جىم تۇرۇۋېلىشى ئەلۋەتتە تارىخقا يېزىلىدۇ. مەن ئەڭ ئاخىرىدا شۇنى دېمەكچىمەنكى، زۇلۇم ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرماڭلار، خىتايدىن ئەمەس، ئاللاھدىن قورقۇڭلار.»
تۈركىيە پارلامېنتىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئاق پارتىيەنى قوللاۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ سىرتىدىكى بارلىق پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ئارقا-ئارقىدىن سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىت قىلماقتا. بۇنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قانداق تەسىرى بولۇشى مۇمكىن؟ قەھرەمان ماراشتىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر كەسپى ئوقۇتقۇچىسى، دۇنيا ئىماملار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئالىمجان بوغدا ئەپەندى زڭيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ ھۆكۈمەتكە بېسىم پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، كېلەچەكتە سۈكۈتنى بۇزۇش ئىھتىمالى بارلىقىنى بايان قىلدى.
سائادەت پارتىيەسى بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان پارتىيەلەردىن بىرى. مەزكۇر پارتىيەنىڭ قۇرغۇچىسى تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى مەرھۇم نەجمەتتىن ئەرباقان 1984-يىلىدىن تارتىپ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن ئىدى. مەزكۇر پارتىيە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگەندە، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ 2009-يىلى 7-ئايدا ئىستانبۇلدا 20 مىڭ كىشى قاتناشقان زور نارازىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇرغانىدى. بۇ پارتىيە ھازىرمۇ پارلامېنتتا داۋاملىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.