خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقى قىرغىنچىلىق» سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئىچى-سىرتىدىكى بىرقىسىم ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئائىلىلىرىنى ۋەيران قىلگانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە لاگېرلارغا قاماش سىياسىتى تۈپەيلىدىن ئائىلىلىرى پارچىلانغان ئۇيغۇرلار ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللىمەكتە.
8-مارت ئاياللار بايرىمى كۈنى يىللاردىن بۇيان پەرزەنىتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئالالمايۋاتقان بىرقىسىم ئانىلار ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە مېڭىپ بېرىپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئاۋازىنى ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلغان.
پائالىيەتكە پەرزەنتلىرى خىتاي ھۆكىمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان يەتتە ئانا قاتناشقان بولۇپ، شۇلارنىڭ بىرى پاتىمە ئەمىر پەرزەنتى ئۈچۈن داۋا قىلىشتىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەن 4 يىلدىن بېرى بالىسى ھەققىدە خەۋەر ئالالمايۋاتقان بىر ئانا. مەن بالامنىڭ داۋاسى ئۈچۈن 8 مارت كۈنى ئەنقەرەگە پىيادە مېڭىپ بېرىش ئۈچۈن بۇ يولغا قەدەم قويدۇم. مەن پەرزەنتىنىڭ داۋاسىدىن ئاخىرغىچە ۋاز كەچمەيمەن».

خىتاينىڭ بالىلار لاگېرىغا پەرزەنتى قامالغان قەلبىنۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. قەلبىنۇر خانىمنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر ئانىلار يىللاردىن بۇيان تۈركىيەدىكى ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك ئورگانلىرىغا ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا پەرزەنتلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، بۈگۈنگىچە ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن.

قەلبىنۇر خانىم يەنە بالىلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش ئۈچۈن يىللاردىن بۇيان توختىماي تىرىشىۋاتقان ئانىلارنىڭ روھى جەھەتتىن قاتتىق چارچىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىگىلىشىمىزچە، 8-مارت كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دا ئەنقەرەگە قاراپ يولغا چىققان يەتتە ئانا چۈشتىن كېيىن سائەت 5 ئەتراپىدا تۈركىيە خەۋەپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن توسىۋېلىنغان. ساقچىلار ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ يولغا چىققان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويمىغان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار پەرزەنتلىرى ئۈچۈن پائالىيەت تەشكىللىگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ماشىنىدىن چۈشۈشىگە رۇخسەت قىلمىغان بولۇپ، ساقچىلار پائالىيەتچىلەرنى پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.
پائالىيەتچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار ئاۋۋال ئەنقەرەگە پەقەت ماشىنا بىلەن بېرىشى كېرەكلىكى، مېڭىپ بېرىشقا يول قويۇلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان، بىراق پائالىيەتچىلەر ئەنقەرەگە ماشىنا بىلەن بېرىشنى قارار قىلغىنىدا بولسا مەجبۇرى ئىستانبۇلغا قايتۇرۇپ كەتكەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، پائالىيەتچىلەر خەۋەپسىزلىك خادىملىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىستانبۇلغا مەجبۇرىي قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ساقچىلار پائالىيەتچىلەرنى ئىستانبۇلدىكى ئۆيلىرىگە كىرگۈزىۋەتكەندىن كېيىن قايتىپ كەتكەن.
قەلبىنۇر خانىم پائالىيەتنىڭ جەريانى ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىشىشى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىغا سەۋەب بولماقتا. كۆزەتكۈچىلەر تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى خىتاينىڭ تۈركىيەگە قاتتىق بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىماقتا.