تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نورۇز بايرىمىدا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى

0:00 / 0:00

3-ئاينىڭ 21-كۈنى كۈن بىلەن تۈن تەڭشەلگەن كۈن بولۇپ، بۇ ئالاھىدە كۈن پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى نورۇز بايرىمىدۇر.

بۇ يىلمۇ تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە نورۇز بايرىمىنى قۇتلاش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ئاكتىپ قاتناشتى. تۈركىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان كاستامونۇ شەھىرىدىكى كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن تۈركىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان بۇرسا شەھىرىدىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نورۇز پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان.
21-مارت كۈنىدىكى نورۇز مۇراسىمىدا سۆز قىلغان كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور سېيىت ئايدىن ئەپەندى نورۇزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئامېرىكا قىتئەسىگىچە بولغان دائىرىدىكى پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر تەبرىكلەيدىغان مىللىي بايرام ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ نورۇز بايرىمىنىڭ پەقەت بۇ يەرلەردىلا ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاندىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە، تۈركىيەدىن سىبىرىيەگىچە، موڭغۇلىيەدىن ئامېرىكاغىچە يېڭى بىر ئويغىنىشنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز ئۈچۈن نورۇز پەقەتلا باھار مەۋسۇمنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى ئەمەس. نورۇز بايرىمى مىڭ يىلدىن بېرى تىرىلىشنى، بەرىكەتنى، ئىتتىپاقلىقنى ۋە قېرىنداشلىقنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار گەرچە مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىن كەلگۈسىدە چوقۇم مۇستەقىل بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى سۈبھىنۇر ئۆمەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

نورۇز پائالىيىتىگە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى، شۇ جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، سابىق يۇگۇسلاۋىيە پارچىلانغاندىن كېيىن مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەردىن ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىدىن تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىشتىراك قىلغان. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى كۆتۈرۈپ پاراتتىن ئۆتكەن ۋە ئەڭ مۇھىمى مەخسۇس «ئۇيغۇر چېدىرى» ئېچىپ ئۇيغۇرلارنىڭ پارلاق مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، كىيىم-كېچەكلىرى ۋە ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان.

پائالىيەت جەريانىدا تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سۈبھىنۇر ئۆمەر كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نورۇز پائالىيىتى ھەققىدە تولۇقلىما بەردى.

سۈبھىنۇر ئۆمەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نورۇز پائالىيىتىگە كاستامونۇ شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋە مەكتەپنىڭ مۇدىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇيغۇر چېدىرىنى ئايلانغان ۋە ناھايىتى ياخشى ئىنكاس قايتۇرغان ئىكەن.

كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن باشقا تۈركىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان بۇرسا ۋىلايىتىدىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتكە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان 120 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ئابدۇلقادىر بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى تۇرسۇنگۈل خانىم بۇ قېتىمقى نورۇز پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇتۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىمۇ تونۇشتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا تۈركىيەنىڭ باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىمۇ نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەتلەرگە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ قاتناشقان.