تۈركىيەدىكى «فلاش تېلېۋىزىيىسى» ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيەنىڭ مىللىي مەسىلىلىرى قاتارىدا تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن 2022-يىلى باشلاندى. مەزكۇر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا تۈركىيەنىڭ مىللىي مەسىلىسى ھېسابلىنىدىغان رۇسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى تاتارلارنىڭ مەسىلىسى، ئىراقتىكى تۈركمەنلەر مەسىلىسى، گىرېتسىيەدىكى تۈركلەر مەسىلىسى قاتارىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پېشقەدەم يازغۇچى، سابىق پارلامېنت ئەزاسى نازىف ئوقۇمۇش ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا پېشقەدەم ئۇيغۇر پائالىيەتچى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى تەكلىپ بويىچە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قىسقىچە تارىخى، بالىلىق چاغلىرىدا كۆرگەن زۇلۇملارنى ئەسلىتىپ ئۆتكەندىن كېيىن خىتاينىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
نەق مەيداندىن تارقىتىلغان پروگراممىدا ھامۇتخان كۆكتۈرك ئاڭلاتقان تراگېدىيەنى ئاڭلىغان تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى نازىف ئوقۇمۇش ئەپەندى ۋە باشقا قاتناشقۇچىلار كۆزىگە ياش ئالغانلىقى دىققەت تارتتى.
ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى ئۆتكەن ھەپتە «فلاش تېلېۋىزىيەسى» دە نەق مەيداندىن تارقىتىلغان پروگراممىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ئېغىر ۋەزىيىتى، شۇنداقلا ئۆزى 11 ياشتا يۇرتىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن بېشىدىن ئۆتكۈزگەن زۇلۇملارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى شىمالىي سىپرۇس، ئىراقتىكى تۈركمەن، رۇسىيە بېسىۋالغان قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى تاتارلارنىڭ مەسىلىسى قاتارلىقلارنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم مىللىي مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ۋە كېيىنكى يىللاردا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ مىللىي مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تونۇلغان تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى، يازغۇچى ۋە سابىق پارلامېنت ئەزاسى نازىف ئوقۇمۇش ئەپەندى، 2022-يىلىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا ئاڭلىتىش ئارقىلىق باشلانغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنكى پروگراممىلىرىدىمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا ئاخىرى بىر كۈن قۇياش چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. شەرقىي تۈركىستاندىكى مەدەنىيەتىمىزنى قايتا گۈللەندۈرىمىز. بۈگۈن تۈرك دۇنياسىدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان خەلقلەر بار، يېڭى يىلنى ئۇلارنىڭ دەردىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن باشلىدۇق. خۇدايىم بۇيرۇسا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ».
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇخبىرى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋالغان بولسىمۇ، لېكىن 2022-يىلىدا تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كۈن تەرتىپكە كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا «فلاش تېلېۋىزىيەسى» دە نەق مەيداندىن تارقىتىلغان پروگراممىغا تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئۈمىد يالىن ئەپەندى، ئىراقتىكى تۈركمەنلەردىن مۇتەخەسسىس جۈنەيت مەڭگۈ ئەپەندى، قىرىم تاتارلىرى جەمئىيىتى رەئىسى جەلال ئىچتەن ئەپەندىلەر ئىشتىراك قىلدى. تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ تۈرك دۇنياسى سەنئەتچىسى بۇنيامىن ئاقسۇنگۇر ئەپەندى تونۇلغان ئۇيغۇر سەنئەتچى ئابدۇرەھىم ھېيىتنىڭ «ئۇچراشقاندا» ناملىق ناخشىسىنى ئورۇنلىدى.