ئېلى ئېھسان چېچەك ئەپەندى: «تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدە ‹كۆك بايراق ئېسىش› پائالىيىتى ئۆتكۈزدۈم»

0:00 / 0:00

بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئېلى ئېھسان چېچەك ئەپەندى 2017-يىلى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدە «كۆك بايراق ئېسىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كەلگەن. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئاكتىپ پايدىلىنىش ۋە «كۆك بايراق ئېسىش» ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ئەھۋالىنى ئاڭلىتىپ زور مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئېلى ئېھسان چېچەك ئەپەندى ئالدى بىلەن ئۆزىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن 1966-يىلىدا ئانتاليانىڭ قاش كەنتىنىڭ كەمەر يېزىسىدا دۇنياغا كەلدىم. 8 پەرزەنتلىك بىر ئائىلەنىڭ 6-بالىسىمەن. چاناققەلئە پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈردۈم. 35 يىلدىن بۇيان ئانتالىيە مائارىپ ئىدارىسىدە تەپتىشلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىمەن. بالىلىق چاغلىرىمدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قىزىقىمەن.»

ئۇ بىزنىڭ «سىزدىكى شەرقىي تۈركىستان سۆيگۈسى قانداق پەيدا بولغان؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستانغا قىزىقىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن ئىنسان بولۇش يېتەرلىك. بولۇپمۇ تۈرك ۋە مۇسۇلمان بولۇشمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىگە چىقىش ئۈچۈن يېتەرلىك، دەپ ئويلايمەن. مەن ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتسۆيەر بىر مۇھىتتا چوڭ بولدۇم. مەن بالىلىق چاغلىرىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ لىدىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئەپەندىنىڭ نۇتۇقلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ يازغان ماقالىلىرىنى ئوقۇپ چوڭ بولغان بولغاچقا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ياخشى بىلەتتىم. 1990-يىللاردا ئەنقەرەدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن بىر ئۇيغۇر مۇزىكانت بىلەن تونۇشتۇم، ئىككى يىل ئۇنىڭ بىلەن بىر ياتاقتا ياتتىم، ئۇنىڭدىن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە كۆپ نەرسە ئۆگەندىم. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا بولغان قىزىقىشىم، ئۇيغۇرلارغا بولغان سۆيگۈم تېخىمۇ كۈچەيدى.»

«سىز ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىۋاتىسىز، بۇ ھەقتە رادىيو ئاڭلىغۇچىلارغا مەلۇمات بەرسىڭىز» دېگەن سوئالىمىزغا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ مۇھىم ۋاستىلاردىن بىرى بولغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ياخشى پايدىلاندىم، دەپ ئويلايمەن. مەزكۇر دەۋانى ئاڭلىتىش ئۈچۈن فېيسىبۇك گۇرۇپپىلىرى قۇردۇم، بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئىسمى ‹شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم بار› ئىدى. بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى تىراگېدىيەلەرنى ئاڭلىتىشقا تىرىشتىم. بارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئاكتىپ پايدىلىنىپ، نۇرغۇن كىشىگە ئاڭلاتتىم، ناھايىتى ياخشى ئىنكاسلارنى ئالدىم.»

ئېلى ئېھسان چېچەك ئەپەندى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەڭ تەسىرلىك پائالىيەتلىرىدىن بىرىنىڭ «كۆك بايراق ئېسىش» پائالىيىتى بولغانلىقىنى، ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل، مەسىلىنى ئالدى بىلەن تۈرك جامائەتچىلىكىگە ياخشى ئاڭلىتىش ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، ‹كۆك بايراق ئېسىش› پائالىيىتى باشلاتقان ئىدىم. مەن كۆك بايراق ئېسىش ئارقىلىق تۈرك خەلقىنىڭ دىققەت-ئىتىبارىنى تارتىشقا تىرىشتىم. بۇ پائالىيەتتە ھەممە يەرگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقىنى ئاستۇق. مەن تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدىكى دوست-بۇرادەر، تونۇش-بىلىش، ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، بۇ پىلانىمنى ئاڭلاتتىم. ئۇلارمۇ قىزىقتى. ئۆتكەن يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئانتاليا ۋىلايىتىدىكى 18 ناھىيەنىڭ كوچا، مەيدان، دۇكان ۋە باغچىلىرىغا كۆك بايراق ئاستۇق. كېيىن ئىستانبۇلدىن ئون مىڭ ئەتراپىدا كۆك بايراق ياسىتىپ كېلىپ، باشقا ۋىلايەتلەرگە ئەۋەتىپ، تونۇش-بىلىشلەرنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىشخانىسى، ماشىنىلىرىغا، شۇنداقلا شەھەرلەرنىڭ كوچا-بازارلىرىغا ۋە دۇكانلارغا، ھەتتا ئۆيلەرگە كۆك بايراق ئېسىپ، بۇنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتتۇق. مەن ھازىرغىچە كۆپ قېتىم بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردىم.»

ئۇ بىزنىڭ «قانداق ئىنكاسلار كەلدى؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ پائالىيەتنى ھۆكۈمەت قوللىمىسىمۇ، ئەمما توسمىدى. خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتىم، بۇ مېنى خۇشال قىلغان پائالىيەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇنىڭ تەسىرى ناھايىتى ياخشى بولدى.»

«بۇنىڭدىن كېيىن نېمە قىلماقچىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەنچە، تۈركىيەدە جامائەت پىكرى پەيدا قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم يوللىرىدىن بىرى سەنئەت پائالىيەتلىرىدۇر. بارلىق ئەدەبىيات تۈرلىرى، مەسىلەن، تىياتېر، شېئىر، رومان، كىنو ۋە تېلېۋىزيە فىلىملىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشىمىز كېرەك. بۇنى تۈركىيەدىكى بارلىق سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئورتاق مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق پارتىيەلەر بىلەن كۆرۈشۈش كېرەك. تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تېخىچە بىلمەيدىغان كىشىلەر بار. شۇڭا مەن بۇندىن كېيىنمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئاكتىپ پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىشەنچىلىك ئىسپاتلار بىلەن تەپسىلىي ئاڭلىتىشنى داۋام قىلماقچىمەن. بۇلاردىن سىرت كۆك بايراق ئېسىش پائالىيىتىنى كەڭ-كۆلەمدە قانات يايدۇرىمەن، چۈنكى كۆك بايراقنى كۆرگەن كىشى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشتە مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالىدۇ.»

تۈركىيە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باش تەپتىشى ئېلى ئېھسان چېچەك ئەپەندىنى بۇرۇندىن تارتىپ تونۇيدىغان، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى، ئېلى ئىھسان ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.