قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم18-يانۋار كۈنى ئۆز پارتىيەسى سايلامدا ئۇتۇپ چىقسا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىگە چىقىشنىڭ مىللىي ۋەزىپىلىرى ئىكەنلىكى»نى تەكىتلىدى.
مەرال ئاقشەنەر خانىم بۇ سۆزلەرنى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قاناتنى ئۆز ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغاندا ئېيتتى. مەرال ئاقشەنەر خانىم مۇنداق دەپ بىلدۈردى: «مەن ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسىنىڭ مېنى زىيارەت قىلىپ كەلگەنلىكىگە پارتىيەمىز نامىدىن بەك خۇرسەن بولدۇم، رەھمەت ئېتىمەن. مەن، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان زۇلۇمنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىشكە تىرىشىۋاتقان بىر سىياسەتچىمەن. لېكىن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە يەنىلا مەلۇماتىمىز كەمچىل. ئۆمەر قانات ئەپەندى ماڭا بەزى يېڭى مەلۇماتلارنى بەردى. بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تۈركىيەدە بىر چارىسىنى تېپىش ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز. بۇ بىزنىڭ مىللىي بۇرچىمىزدۇر. بۈگۈن پارتىيەمىزدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىمىز بىلەن يىغىن ئاچماقچى. بۇ يىغىندىمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقچىمىز».
ئۆمەر قانات ئەپەندى مەرال ئاقشەنەر خانىمغا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى قانۇن ۋە قارارلار شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، سىياسەتچىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار نامىدىن بەزى كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەرال ئاقشەنەر خانىم ئۆمەر قاناتقا «دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلىرى كېڭىشى» دەپ ئاتالغان بىر ئاممىۋى تەشكىلاتقا ئەزا 14 دۆلەتتىن كەلگەن 30 نەپەر ئاتالمىش ئىسلام «ئۆلىماسى» نىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرگە زىيارەت ئېلىپ بېرىپ، خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا خىزمەت قىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئاتالمىش <ئۆلىمالار>نىڭ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بارغان زىيارەت مەسىلىسىگە كەلسەك. بارلىق دىنلاردا ئائىلە ناھايىتى مۇھىم. قايسى دىندىن بولسا بولسۇن بىر ئىنساننىڭ ئۆيىگە تونۇمايدىغان بىر ئەر كىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسىڭىز، ناھايىتى چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان بولىسىز. بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆيىگە، ھەتتا ئېرىنى لاگېرغا سولاپ قويۇپ، ئايال بار ئۆيگە خىتاي ئەرلەرنى يەرلەشتۈرسىڭىز بۇ دىنغىمۇ، ئىنسانلىققىمۇ خىلاپ. بۇ ئادەم قېلىپىدىن چىققان بىر سىياسەت، بۇ، ئىنسانىيلىق جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ توغرا ئەمەس. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا بىتەرەپ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا ئىسپاتلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش دەپ ئاتىغان ئاتالمىش ئۆلىمالارنى ئەيىبلەيمەن. بۇلارنى ئەيىبلەشلا كۇپايە قىلمايدۇ».
مەرال ئاقشەنەر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كىچىك بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ لاگېرلارغا سولاپ، ئىسكەنجە بىلەن قىيناپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، تىلىنى، دىنىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھازىر يوق بولۇش خەۋپىگە دۇچار بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنى ئىنسانىيەت دۇنياسى قۇتۇلدۇرۇشى كېرەك».
مەرال ئاقشەھەر خانىم ئۆمەر قانات بىلەن بولغان ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىزنىڭ :«تۈركىيەدە پرېزىدېنت سايلىمى بىلەن پارلامېنت سايلىمى يېقىنلىشىپ قالدى. سىز ھازىر تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىگە قارشى 6 پارتىيە قۇرغان ئىتتىپاق ئىچىدىكى <ئىيى> پارتىيەسىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئەگەر سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرسىڭىز، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلماقچى؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ھازىر تۈركىيەدە ئون مىليوندىن كۆپرەك چەتئەللىك مۇساپىر بار. بىز خەلق تۆلىگەن باجلار بىلەن ھۆكۈمەت بۇلارنى بېقىۋاتىدۇ. بۇ مۇساپىرلار ئىشلىمەي يېتىپ يەۋاتىدۇ. لېكىن بىز بىلەن قان قېرىنداش بولغان ئىراقتىن كەلگەن تۈركمەنلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈشتە قىيىنچىلىققا ئۇچراپلا قالماستىن، باشقا جەھەتلەردىمۇ قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولماقتا. بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم ئەسلىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇساپىرلارنى ئوقۇتۇپ، ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك تۇرۇقلۇق، ئۇنى قىلماستىن ئۇلارغا گىراژدانلىق بېرىشتە قىيىنچىلىق چىقىرىۋاتىدۇ. سايلامدا بىز ئۇتۇپ چىقىپ ھۆكۈمەتكە كىرسەك تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىمىز».
مەرال ئاقشەنەر بىلەن كۆرۈشۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى تۈركىيە سەپىرىنىڭ مەقسەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئۆمەر قانات ئەپەندى «ياخشى» پارتىيەسى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتىن ئۆزىنىڭ مەمنۇن بولغانلىقى، ئۇلاردىن ئىجابىي جاۋاب ئالغانلىقىنى بىلدۈردى .