تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر ھۆكۈمەتنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە قارار ماقۇللاشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

1-ئاينىڭ 20-كۈنى فرانسىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىشى نەتىجىسدە، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان دۆلەت پارلامېنتلىرىنىڭ سانى 8 گە يەتتى. يەنى 2021-يىلىنىڭ باشلىرىدىن بۇيان ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، گوللاندىيە، بېلگىيە، چىخىيە، لىتۋا، فرانسىيە قاتارلىق 8 دۆلەت پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىدى.

فرانسىيە پارلامېنتىدا مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنغان بۇ قارار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرۈپلا قالماستىن، ئۇيغۇرلارنىڭ قان-قېرىندىشى بولغان تۈركلەرنىمۇ قاتتىق سۆيۈندۈردى. تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ئۆكتىچى پارتىيەلەر، ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە تۈرك خەلقى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيە پارلامېنتىنى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار ماقۇللاشقا چاقىرماقتا.

تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسى رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەنىڭ خېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار ماقۇللۇشى كېرەك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، بېلگىيە، ئەمدىلىكتە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتتى. كۆپ ساندا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ۋە دېموكراتىك ئەللەر خىتاينى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇردى. بىز بىر قانچە يىل بۇرۇنلا تۈركىيە پارلامېنتىدىكى بارلىق سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ بۇ ھەقتە ئورتاق بىر قارار ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق. لېكىن تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تېخىچە سۈكۈتتە تۇرىۋاتىدۇ. مەن تۈركىيە پارلامېنتىنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمەن. ئۇيغۇرلار بىلەن ھېچقانداق تۇغقاندارچىلىقى يوق دۆلەتلەر بۇ ھەقتە قارار چىقىرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دەرھال بىر قارار ماقۇللىشى كېرەك.»

ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تېخىچە تۈزۈكرەك بىر پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئۆزىنى ‹ئىسلام دۇنيانىڭ لىدىرى› دەپ جاكارلىغان رەجەپ تايىپ ئەردوغان قېنى؟ ‹ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭ ئىگىسى بىز› دېگەن ئەردوغان ھۆكۈمىتى قەيەردە قالدى؟ نېمىشقا ئۇلار ھەر قايسىي دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈۋاتقان قارارلارنى كۆرمەدۇ؟ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئازغىنا ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى دەپ ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› نى كۆرمەسلىككە سېلىشىنى، قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە قايتا-قايتا چاقىرىمەن.»

بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن پارلامېنت ئەزاسى، «زافەر» پارتىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئىسمايىل قونجۇق ئەپەندى بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بىر قارارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشكە يول قويمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ پۈتۈنلەي تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش. بۇنداق بىر قارارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈش ناھايىتى قېيىندەك تۇرىدۇ، بۇنىڭدىكى سەۋەب ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدۇر. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغان ئېنىق پوزىتسىيەسىمۇ بىلدۈرۈپ باقمىدى. ھازىرغىچە بۇنىمۇ قىلمىغان ھۆكۈمەت، ‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى› توغرىسىدا قانداقمۇ قارار ماقۇللىسۇن؟»

ئىسمايىل قونجۇق ئەپەندى ئەسلىدە تۈركىيەنىڭ فرانسىيەدىن بۇرۇن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە قارار ماقۇللىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە تۈركىيە، فرانسىيە ۋە ئامېرىكادىنمۇ بۇرۇن قان-قېرىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغدىيالىغان بولسا، نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى! مەن بۇنداق قىلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئارزۇ قىلاتتىم. ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ 20 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىگە قاراپ، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر نەرسە قىلمايدۇ، دەپ ئويلايمەن. خۇدايىم بۇيرىسا، بۇ قېتىمقى سايلامدا بىز ئۇتۇپ چىقىپ ھۆكۈمەت قۇرساق، ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› توغرىسىدىكى قارارنى بىز ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزىمىز.»

20-يانۋار كۈنى فرانسىيە پارلامېنتى ئاۋازغا قويغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» قارار لايىھەسىگە ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقان 175 پارلامېنت ئەزاسىدىن 170 كىشى ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقان بولۇپ، 5 كىشى ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن. نەتىجىدە بىرگە قارشى 169 پارلامېنت ئەزاسى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى قوبۇل قىلىپ ئاۋاز بەرگەن.