خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى (HDP) كوجائەلى مىللەت ۋەكىلى دوكتور ئۆمەر فارۇك گەرگەرلىئوغلى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە «شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەپلىك قۇربان بولغانلارنى خاتىرىلەش ۋە ماتەم كۈنىنى ئېلان قىلىش» قانۇن لايىھەسىنى سۇنغان. مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى قانۇنغا ئايلانسا، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامنىڭ خاتىرە كۈنى «شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك قۇربان بولغانلارنى خاتىرىلەش ۋە ماتەم كۈنى» قىلىپ بېكىتىلىدىكەن. قانۇن لايىھەسىنىڭ تەكلىپى بۇيىچە، ھەر يىل 5-ئىيۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ھەپتە ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار، پۇقراۋى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھەمكارلىشىپ ئۆچمەنلىك، ھاقارەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بولغان تونۇشنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

تۈركىيەدە ئوخشىمايدىغان سىياسىي پارتىيەلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەر خىل ئۇسۇللاردا كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى ۋە سىياسىي ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەنىڭ پاسسىپ بولۇشى، ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىتلىنىپ كەلمەكتە.
خەلىقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى (HDP) كوجائەلى مىللەت ۋەكىلى دوكتور ئۆمەر فارۇك گەرگەرلىئوغلى مەزكۇر قانۇن لاھىيەسى تەكلىپى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
«شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلەش ۋە ماتەم كۈنى لالايىھەسى قانۇنغا ئايلانسا، بۇ خىتايغا بېرىلگەن كۈچلۈك بىر سىگنال بولىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ساختا دىپلوماتىك ۋە ئىنتايىن يەڭگىل ئىنكاسلار بىلەن ئىپادە بىلدۈرىۋاتىدۇ. خىتاي سادىر قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تۈپتىن ئىنكاس قايتۇرمايۋاتىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى چوقۇم ئۈنۈملۈك ۋە كۈچلۈك ئىنكاس بېرىشى كېرەك. تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى بۇ ھەقتىكى تەكلىپىمىزنى قوبۇل قىلىشى لازىم. خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ جاۋابكارلىقىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىشى كېرەك. ھۆكۈمەت بۇ قانۇن لايىھەسىگە مۇتلەق ئىجابىي قارىشى لازىم. ھۆكۈمەتنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى خىتايغا تۇتقان يۇمشاق، ئۈنۈمسىز ۋە پەرۋاسىز پوزىتسىيەسىنى نەزەرگە ئالساق، بۇ قانۇن لايىھەسى تەكلىپىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى قىيىن، دەپ قارايمەن.»

ئۆمەر پەرۇق گەرگەرلىئوغلى تۈركىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۈگۈنگىچە جەمئىي 4 سوئال تەكلىپى يوللىغان بولۇپ، بىراق ھۆكۈمەت ئابستراكىت ۋە يېنىك دىپلوماتىك ئىزاھاتلار بىلەن مەزكۇر سوئاللارغا ئېنىق جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچقان. دوكتور ئۆمەر فارۇك گەرگەرلىئوغلى بۇ نۇقتىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زىخمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان بىر دىپلوماتىك سەۋىيىدە ھەركەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى قويۇق. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدۇ. شۇڭا ئۇلار خىتاي سادىر قىلغان ۋەھشىيلىكلەر ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا ئۈنۈملۈك دىپلوماتىك خىزمەت قىلالمايدۇ. ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەلقنىڭ قىزغىنلىقىغا قارىتا ئانچە-مۇنچە بايانات ئېلان قىلىپ قويىدۇ، خالاس. ‹بىز بۇ مەسىلىگە سەزگۈر› دەيدۇ، لېكىن، ئۇلاردىن جازا لاگېرلىرىنىڭ نېمىشقا تەكشۈرۈلمەيۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، كونكرېت جاۋاب بەرمەيدۇ.»
ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى، قانۇن لالايىھەسىنىڭ ئىچىدىكى ماددىلار ۋە تۈركىيەدىكى سىياسىي ئاتمۇسفېرا قاتارلىقلار توغرىسىدا توختالدى.
ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ خەلقئارالىق بىر مەسىلىگە ئايلىنىشى بىلەن بىرلىكتە، دېموكراتىك دۆلەتلەر بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ئەمەلىي قەدەملەر ئالماقتا. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ۋە نوپۇزى سەۋەبلىك يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا ئوچۇق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى تارتىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە.
مىللەت ۋەكىلى ئۆمەر پەرۇق گەرگەرلىئوغلى تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىيىنچىلىقىنى ئاشكارا ئەيىبلىمەكتە ۋە ھەر قايسى پارلامېنتلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇئامىلىسىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ تونىماقتا. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ خىتاينى كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە. ئەمما تۈركىيە بەزى ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى قوغداش ئۈچۈن سۈكۈت قىلىپ كەلمەكتە. بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ كېلىۋاتقان بولىسىمۇ، ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئاۋاز يوق. ئەمەلىيەتتە تۈركىيە كەسكىن پوزىتسىيە بىلەن خىتايغا ئىنكاس بىلدۈرۈشى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىغا ئوچۇق-ئاشكارا قارشى تۇرۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما ھۆكۈمەت خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش تەرەپدارى. مىللەتچىلىك ۋە ئۈممەتچىلىك تەشۋىقاتلىرى بىلەن سايلانغان ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلماسلىقى بىر سەمىمىيەتسىزلىكتۇر.»
كۆزەتكۈچىلەر، بۇندىن بۇرۇنقى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ ۋە قانۇن لايىھەلىرىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ھۆكۈمەت بېشىدىكى پارتىيەلەر تەرىپىدىن بايقۇت قىلىنغانلىقىنى، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭمۇ قۇبۇل قىلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەنلىكىنى، بىراق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشتا بۇ خىل سىياسىي ئۇرۇنۇشلارنىڭ مۇھىملىقىنى ئېيتىپ كەلمەكتە.