سىنارىست سۇلايمان چوبانئوغلۇ: «‹توققۇز ئوغۇز› ناملىق چاتما فىلىمدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىمۇ بايان قىلىنغان»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2023.02.01
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
toqquz-oghuz-1 1-ئاينىڭ 22-كۈنى تۈركىيەدىكى FOX تېلېۋىزيەسىدە تارقىتىلىشقا باشلانغان «توققۇز ئوغۇز» ناملىق چاتما فىلىمنىڭ بىرىنچى قىسمىدا تاغنىڭ چوققىسىغا تىكلەنگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى كۆرسىتىلدى.
RFA/Erkin Tarim

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم، ئاسسىمىلاتسىيە ۋە يوقىتىش سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيەدىكى بەزى تېلېۋىزىيە چاتما فىلىملىرىدە سېنارىيە ئاپتورلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىگىمۇ ئورۇن بېرىشكە باشلىدى.

1-ئاينىڭ 22-كۈنى تۈركىيەدىكى FOX تېلېۋىزيەسىدە تارقىتىلىشقا باشلانغان «توققۇز ئوغۇز» ناملىق چاتما فىلىمنىڭ بىرىنچى قىسمىدا تاغنىڭ چوققىسىغا تىكلەنگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى كۆرسىتىلدى. چاتما فىلىمدە «ئوغۇز قوشۇنى» نامىدا ئالاھىدە بىر قوشۇن بار بولۇپ، مەزكۇر قوشۇن قەيەردە زۇلۇم ۋە بېسىمغا ئۇچراۋاتقان تۈركىي خەلق بولسا ئۇ يەرگە بېرىپ ئۇلارنى قۇتقۇزۇدىكەن. مەزكۇر فىلىمدە باش رولدىكى بىلگە بىر ئۇيغۇرنىڭ رولىنى ئوينىغان بولۇپ، ئۇ، قوشۇننى باشلاپ بېرىپ جازا لاگېرىغا سولانغان ئىككى ئۇكىسىنى قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشىدىكەن.

«توققۇز ئوغۇز» ناملىق چاتما فىلىمنىڭ سىنارىيە ئاپتورى سۇلايمان چوبانئوغلۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ «توققۇز ئوغۇز» ناملىق چاتما فىلىم ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «‹توققۇز ئوغۇز› فىلىمىدە تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئالاھىدە قوشۇننىڭ كۈرەش-جەڭلىرى بايان قىلىنىدۇ. فىلىمدىكى ‹ئوغۇز قوشۇنى› تۈرك دۇنياسىدا زۇلۇم، بېسىمغا ئۇچراۋاتقان، ئېزىلىۋاتقان تۈركىي خەلقلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۇن قۇرۇلغان بولۇپ، 9 نەپەر جەڭچىدىن تەركىپ تاپقان. مەزكۇر قوشۇن قەيەردە ئېزىلىۋاتقان، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان، تاجاۋۇزغا ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان تۈركىي خەلق بولسا، ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشىدۇ. چاتما فىلىمنىڭ ھەر قىسمىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر قىسقا ھىكايە بايان قىلىنىدۇ.»

1-ئاينىڭ 22-كۈنى تۈركىيەدىكى FOX تېلېۋىزيەسىدە تارقىتىلىشقا باشلانغان «توققۇز ئوغۇز» ناملىق چاتما فىلىمدىكى بىر كۆرۈنۈش.

ئاپتور سۇلايمان چوبانئوغلۇ ئەپەندى بۇ چاتما فىلىمدە شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققىمۇ ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «چاتما فىلىمدە باش رولدىكى بىلگە بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. مەزكۇر قوشۇننىڭ باش قۇماندانى بىلگە شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرىدا يېتىۋاتقان ئىككى ئۇكىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلىنىدۇ. بۇ جەرياندا بىلگە تۆرەيېۋا ئىسىملىك ئايال ئوفېتسېرنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. فىلىمدە بۇ ئايالمۇ شەرقىي تۈركىستانلىق ئايالنىڭ رولىنى ئوينايدۇ.»

سىنارىيە ئاپتورى سۇلايمان چوبانئوغلۇ ئۆزىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ تۈرك دۇنياسىنىڭ قانىغان يارىسى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەن ھەر دائىم ھەر پۇرسەتتە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشىۋاتىمەن. ‹جەڭچى› ناملىق چاتما فىلىمىمدىمۇ شۇنداق قىلىشقا تىرىشقان ئىدىم. خۇدايىم بۇيرىسا، بۇ فىلىمنىمۇ مىليونلىغان كىشى كۆرۈپ شەرقىي تۈركىستاندىن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولار دەپ ئويلايمەن.»

شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق سابىق رەئىسى، پېشقەدەم پائالىيەتچى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى، بۇ چاتما فىلىمنىڭ سىنارىيە ئاپتورى سۇلايمان چوبانئوغلۇنىڭ ياشلىق چاغلىرىدا تېلېۋىزيە رىياسەتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقاندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كىشى ئىكەنلىكىنى، بۇنداق چاتما فىلىملەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە دۆلەتلىك راديو-تېلېۋىزيە ئىدارىسى قارىمىقىدىكى «تۈركىيە ئاۋازى» راديوسىدا ئىشلەۋاتقان ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى تۈركىيەدە تېلېۋىزيە چاتما فىلىملەرنى كۆرۈش نىسبىتىنىڭ ئىنتايىن يۇقۇرى ئىكەنلىكىنى، تارقىلىش سۈرئىتىنىڭ تېز، دائىرىسىنىڭ كەڭ بولىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن بۇ فىلىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشتا تەسىرىنىڭ زور بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇندىن 4 يىل بۇرۇن 26 قىسمى تارقىتىلغان «جەڭچى» ناملىق چاتما فىلىمىنىڭ ئۈچ قىسمىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قىسقا كۆرۈنۈش ۋە سۆھبەتلەرگە ئورۇن بېرىلگەن ئىدى. فىلىمدا بىر ئۇيغۇر جەڭچىنىڭ ئھېكايىسىدىن بېرىلگەن بۇ سۆھبەت ۋە كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئرغىر ۋەزىيىتى بايان قىلىنىپ، تۈركىيەدىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تارتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.