20-ماي كۈنى تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەترىتى تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە ساقچى باسقۇنى تەشكىللىگەن. ئىگىلىنىشىمىزچە، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك قوراللىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ كېتىلگەنلىكىگە ئائىت خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىغان.
يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نۇرزات ئابدۇجېلىلنىڭ بىر سىن كۆرۈنۈشى تارقالغان بولۇپ، سىن كۆرۈنۈشتە نۇرزات ئۆزىنىڭ قوراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئىلىنغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق ھېچقانداق ئىش سادىر قىلمىغانلىقىنى، ئائىلىسىنىڭ باسقۇن ھەرىكىتىدە ساقچىلارنىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ئەگەر يوقاپ كېتىپ قالسا جامائەتنىڭ ئۆزىگە ئىگە چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
نۇرزات ئابدۇجېلىلنىڭ ئۆيى 20-ماي كۈنى ئىستانبۇل سۇلتان بەيلىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قوراللىق ساقچى ئەترىتى تەرىپىدىن تۇيۇقسىزلا باسقۇنغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئايالى رەيھان مۇھەممەتنىڭ ئېيتىشىچە، تۈرك خەۋپسىزلىك خادىملىرى نۇرزات جېلىلنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بار» دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئالغان.

باسقۇن ھەرىكىتى ئەتىگەن سائەت 6 دە باشلانغان بولۇپ، رەيھان مۇھەممەت خانىم ساقچىلارنىڭ مۇئامىلىسىنىڭ ئىنتايىن قوپال ئىكەنلىكىنى، باسقۇندا پۈتۈن ئۆينىڭ ئاختۇرۇلغانلىقىنى، كىچىك بالىلارغا قورال تەڭلەنگەنلىكىنى، قۇرامىغا يەتمىگەن سىڭىللىرى ۋە بالىلىرىنىڭ ئىنتايىن قورقۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
رەيھان مۇھەممەت خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، نۇرزات ئابدۇجېلىل ۋە ئائىلىسىنىڭ بۈگۈنگىچە ھېچقانداق بىر «تېررورلۇق تەشكىلاتى» بىلەن ئالاقىسى بولۇپ باقمىغان بولۇپ، نۇرزات ئىستانبۇلدىكى بىر كۆزىتىش كامېراسى ئورنىتىش مەركىزىنىڭ خوجايىنى ئىكەن. نۇرزات تىجارەت ئارقىلىق ئائىلىسىدىكى 5 كىشىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتقان بولۇپ، تۈركىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ «تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دەپ قاراپ قولغا ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى نورمال ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئادەتتىكى كىشىلەر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
رەيھان مۇھەممەت خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، نۇرزات ئابدۇجېلىلنىڭ ئادۋوكاتى يېنىدا بولماي تۇرۇپ ئىپادىسى ئېلىنغان. نۇرزات ۋە ئايالى ئادۋوكاتى بولمىغان ئەھۋالدا ئىپادىسىنىڭ ئىلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ساقچىلار تەرىپىدىن ئانچە دىققەتكە ئېلىنمىغان. رەيھان مۇھەممەت بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
نۇرزات ئابدۇجېلىل تۆت كۈن سۇلتانبەيلىدىكى ساقچى ئىدارىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كىيىن، 24-ماي كۈنى بىنكىلىچ قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىگە يۆتكەلگەن. نۇرزات ئابدۇجېلىلنىڭ ئايالى رەيھان مۇھەممەت خانىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يولدىشىنىڭ سەۋەبسىزلا تۇتۇلۇپ قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، ئىككى كۈندىن بۇيان ئۆزىنىڭ قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىنىڭ ئالدىدا يولدىشىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ساقچى ئىدارىسى ياكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار نۇرزات ئابدۇجېلىلنىڭ «تېررورلۇق» گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىشىنىڭ كونكرېت ئىسپاتىنى ئائىلىسىگە ياكى نۇرزات ئابدۇجىلىلغا ئېيتمىغان.
نۇرزاتنىڭ ئادۋوكاتى مۇھەممەت سەلاھەتتىن يىلتىز ئەپەندىمنىڭ بىزگە خەت ئارقىلىق بىلدۈرۈشىچە، نۇرزات «ئىسلام شام ۋە ئىراق دۆلىتى» گە چېتىشلىق دەپ قاراپ تۇتۇلغان بولۇپ، خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ دوكلاتىدا باسقۇن قىلىنغان ۋە ئاختۇرۇلغان ئۆيدە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىككە ئائىت ھېچقانداق گۇمانلىق ئەھۋالنىڭ بايقالمىغانلىقى يېزىلغان.
ئادۋوكات مۇھەممەت ئەپەندىم نۇرزاتنىڭ قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، ئۇ يەردە ئىپادىسىنىڭ ئېلىنمىغانلىقىنى، نۇرزاتنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشىغا پۇرسەت بېرەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى ۋە مۇنداق دېدى: «مەزكۇر ھەرىكەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەترىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ھەرىكەت جەريانىدا ئائىلىدىكى ئىككى يېتىم قىز ۋە ئۈچ ياشلىق بىر بالىغا قورال تەڭلەنگەن، پىسخىكىلىك زوراۋانلىق يۈرگۈزۈلگەن. تولىمۇ ئەپسۇس، دۆلىتىمىز نۇرزاتقا ئوخشاش يۈزلەرچە شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ئاساسى يوق جىنايەت گۇمانى بىلەن پاراكەندە قىلماقتا.»
تۈركىيە خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ گۇمانلىق دەپ قارىغان ئۇيغۇرلارنى نورمال يوللار ئارقىلىق ساقچى ئىدارىسىگە چاقىرتماي قوراللىق ئەترەتنىڭ باسقۇنى بىلەن قولغا ئېلىشى قانۇنغا خىلاپ دەپ قارالماقتا. بۇ يىل 2-مارت كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك پىلاندا تۇيۇقسىز ساقچى باسقۇنلىرىغا خاتىمە بېرىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان ئىدى.
تۈركىيە خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ گۇمانلىق دەپ قارىغان ئۇيغۇرلارنى نورمال يوللار ئارقىلىق ساقچى ئىدارىسىگە چاقىرتماي قوراللىق ئەترەتنىڭ باسقۇنى بىلەن قولغا ئېلىشى قانۇنغا خىلاپ دەپ قارالماقتا. بۇ يىل 2-مارت كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان «كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك پىلاندا تۇيۇقسىز ساقچى باسقۇنلىرىغا خاتىمە بېرىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان ئىدى.
ئەنقەرەدىكى تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە ئادۋوكات جەمىل چېچەك ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «تەپتىش ئىدارىسىنىڭ قولغا ئېلىش، ئۆي ئاختۇرۇش قارارى بولۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇ ئەھۋال نورمال ئەمەس. ئاجىز كىشىلەرگە، بولۇپمۇ كىچىك بالىلارغا بۇ خىل پوزىتسىيىدە بولۇشى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدۇ. ئۆزلىرىنى چاقىرسا تەسلىم بولىدىغان ۋە ئادرېسى ئېنىق بولغان كىشىلەرنى تېلېفون بىلەن ئىپادە بېرىشكە چاقىرسا بولىدىغان تۇرۇپ، بۇ خىل شەكىلدە قوراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن باسقۇنغا ئۇچرىشى قانۇنغا خىلاپ. نورمالدا ئادۋوكاتى بىلەن ئىپادە بېرىش ئۈچۈن ساقچىغا بېرىشى كېرەك ئىدى.»
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ خىل قوراللىق ئەترەتنىڭ تۇتقۇن ھەرىكىتى ھەر ئاي دېگۈدەك يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، مۇشۇ يىلىلا يانۋاردىن ئېتىبارەن ئەڭ ئاز ئۈچ قېتىم يۈز بەرگەن. مەزكۇر تۇتقۇن ھەرىكىتىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھەرىكەت ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. تۈركىيەدىكى شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئوچۇق مەلۇماتىغا ئاساسەن، بۇ خىل تۇتقۇندا قولغا ئېلىنغان ئەڭ ئاز توققۇز كىشىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقى مەلۇم. بىز ئەھۋالنى چوڭقۇرلاپ ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇر تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولساقمۇ، زىيارەت تەلىپىمىز رەت قىلىندى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كىشىلەر تېررورلۇققا باغلىنىپ تۇتۇلغانلىقى ۋە بەزى سىياسىي ئەندىشىلىرى تۈپەيلى ئەمەلىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاشتىن ھەمىشە ئېھتىيات قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، سۈرۈشتىسىنى قىلىدىغان ئائىلىسى ياكى يېقىنى بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى قوشقاندا تۇتۇلغانلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى تېخىمۇ كۆپ دەپ قاراشقا بولىدىكەن.