خىتاينىڭ تۈركىيە ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ئەلچىسى چېڭ ۋېيخۇا تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر فارۇق گەرگەرلىئوغلۇنى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ «ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش» ئىكەنلىكىنى، «جازا لاگېرىنىڭ يوقلىغىنى، بۇنىڭ تەربىيەلەش كۇرسى ئىكەنلىكى» نى ئاڭلىتىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ پارلامېنت ئەزاسىنىڭ سوئاللىرىغا قانائەتلەندۈرگۈدەك جاۋاب بېرەلمىگەن.
بۇ ھەقتە «خەلق دېموكراتىيەسى پارتىيەسى» پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر فارۇق گەرگەرلىئوغلۇ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكىنى، پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «2018-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى پارلامېنت ئەزاسى بولغاندىن كېيىن بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى داۋاملاشتۇردۇم. 2018-يىلى 9-ئايدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا ھۆكۈمەتكە سوئال سوراپ خەت يازدىم. بۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بۇ جەرياندا مەن پارلامېنتتا جىم تۇرمىدىم. كېيىن ياخشى تەييارلىق قىلىپ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا تەسىرلىك سۆزلىدىم. بۇ ھەقتە ماڭا ناھايىتى ياخشى ئىنكاسلار كەلدى. بۇ نۇتقۇم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ ناھايىتى كۆپ تارقىتىلدى. مەن ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى پائالىيەتچىسى، خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگىمۇ كۆڭۈل بولىمەن».
پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر فارۇق گەرگەرلىئوغلۇ ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن خىتاي ئەلچىلىكىدىن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بىرىنچى قېتىم پارتىيەسىنىڭ مەركىزىدە خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن پارلامېنتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن خىتاي ئەلچىلىكى بىز بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى. مەن بىلەن جەمئىي ئىككى قېتىم كۆرۈشتى. بىرىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىزدا ئۇلار مېنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمدىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەشكە تىرىشتى. ئۇلار كېلىشتىن بۇرۇن مەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ ياخشى تەييارلىق قىلىپ قويغان ئىدىم. ئۇلار تۈركچە بىلگەچكە ياخشى سوئاللارنى سورىدىم. ئۇلار تۈزۈك جاۋاب بېرەلمىدى».
ئۇ، ئىككى خىتاي دىپلوماتتىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سوئال سورىغىنىدا خىتاي دىپلوماتلارنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن جاۋابى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە سوئال سورىغىنىمدا خىتاينىڭ ئۇ يەردە ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. مەن خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن كىشىلەر ئىچىدە دىندار ئەمەس سەنئەتچى ۋە زىيالىيلارنىڭمۇ بارلىقىنى دېدىم. سىلەرنىڭ قىلىۋاتقانلىرىڭلار ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش ئىكەنلىكىنى دېدىم. ئۇلارمۇ ھەيران قالدى. مەن ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن خىتاي تۇتۇپ كەتكەن 150 ئەتراپىدا زىيالىي ۋە سەنئەتچىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزغان ئىدىم، بۇ تىزىملىكنى خىتاي دىپلوماتلارنىڭ ئالدىغا قويدۇم. بۇلارنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشىنى تەلەپ قىلدىم. يېرىم سائەت كۆرۈشمەكچى ئىدۇق، ئەمما ئىككى سائەت سۈردى».
پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر فارۇق گەرگەرلىئوغلۇ ئەپەندى بىلەن بىرىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن 4 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن خىتاي مۇئاۋىن باش ئەلچىسى چېڭ ۋېيخۇا ئۇچرىشىشنى يەنە تەلەپ قىلغان. پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر فارۇق گەرگەرلىئوغلۇ ئەپەندى بۇ قېتىم پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا ئۇنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بىرىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا سورىغان سوئاللىرىنىڭ جاۋابىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي دىپلوماتلار كەلدى، مەن ئۇلاردىن مەن سىلەرگە بەرگەن تىزىملىكتىكى كىشىلەر توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىڭلارمۇ؟ دەپ سورىدىم. ئۇ كىشىلەر توغرىسىدا خىتايدىن بىر مەلۇمات كەلمىگەنلىكىنى دېدى. مەن باشقا سوئاللارنى سورىدىم، ئالدىمدا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىر دوكلاتى تۇرۇپتۇ، كىشىلەرنى ئىلغار تېخنىكادىن پايدىلىنىپ كۆزىتىۋېتىپسىلەر، بۇ ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپ دېگىنىمدە، خىتاي دىپلوماتلار بەكلا بىئارام بولدى. خىتاي چېقىۋەتكەن مەسچىتلەرنى سورىدىم. ئانا تىل مائارىپى توغرىسىدا خىتاينى تەنقىد قىلدىم. جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا سوئاللار سورىدىم. ئەمما خىتاي دىپلوماتلىرى نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي، پەقەت ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى دېدى. قىسقىسى مېنى قانائەتلەندۈرەلىگۈدەك يېڭى بىر سۆز قىلالمىدى».
ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى 3 ئۆكتىچى پارتىيە بۇ ھەقتە ھۆكۈمەتنى ئىنكاس قايتۇرۇشقا قىستىغان ئىدى. 2-ئاينىڭ 9-كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خامى ئەرسوي ئەپەندى، 26-چېسلا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بايانات بېرىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئەيىبلىگەنىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە جىمىپ قالدى. پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر فارۇق گەرگەرلىئوغلۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا پارلامېنتتىكى ئومۇمىي يىغىندا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بىر قانچە قېتىم سوئال سورۇدۇم. خىتاينى ئەيىبلىشىنى تەلەپ قىلدىم. 9-ئايدىن بۇيان ھۆكۈمەتكە بۇ ھەقتە بېسىم ئىشلەتتىم. 2-ئايدا ئىككى قېتىم خىتاينى ئەيىبلىدى. ناھايىتى ياخشى بولدى دەپ ئولتۇرساق يەنە سۈكۈناتقا چۆمدى. بۇنىڭدىن تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تىجارەت توختامنامە تۈزۈلگەندەك ھېس قىلىۋاتىمەن».
ئۇ، تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئېنىق بىر سىياسەت بەلگىلەپ چىقىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەك. چۈنكى تۈرك جامائەتچىلىكى تۈركىيەنىڭ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ئېغىر ئىنسان ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى بار، بۇ ھەقتە تەييارلانغان دوكلاتلار بار. بۇ بىر سىياسىي مەسىلە ئەمەس، ئوبيېكتىپ مەسىلە. مەنمۇ خىتاي دىپلوماتلاردىن ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى تەييارلىغان دوكلاتلارغا تايىنىپ تۇرۇپ سوئال سورۇدۇم».
خەلقنىڭ دېموكراتىيەسى پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر فارۇق گەرگەرلىئوغلۇ ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن نۇرغۇن كىشىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن خەلق دېموكراتىيەسى پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن پەقەتلا تۈركلەرنىڭلا ئەمەس كۈرت جامائەتچىلىكىنىڭمۇ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشتىم. سايلامدا بىزگە بېلەت تاشلىغان كۈرتلەرمۇ خىتايدىكى تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىسىنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويدۇڭ دەپ مېنى تەبرىكلىدى.
ئۆمەر فارۇق گەرگەرلىئوغلۇ ئەپەندى ئىچكى كېسەللەر دوختۇرى بولۇپ، 2018-يىلىدىكى سايلامدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان.
0:00 / 0:00