مەرال ئاقشەنەر: «ۋالىبول مۇسابىقىسى تۈگىگىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقى سەھنىدە تۇرىدۇ»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2022.06.07
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
مەرال ئاقشەنەر: «ۋالىبول مۇسابىقىسى تۈگىگىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقى سەھنىدە تۇرىدۇ» «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىمنىڭ يوليورۇقى بويىچە تۈركىيە-خىتاي دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىدە مەيدانغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئېسىلغان. 2022-يىلى 3-ئىيۇن، ئەنقەرە، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

3-ئىيۇن كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-خىتاي دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىدە، قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بولغان «ئىيى» يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىمنىڭ يوليورۇقى بويىچە مەزكۇر پارتىيەنىڭ ياشلار تەشكىلاتى ئەزالىرى، پارتىيە رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم بىلەن بىرلىكتە مۇسابىقە مەيدانىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ئېسىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قوللىشىنى ئىپادىلىگەن.

مەرال ئاقشەنەر خانىم ساقچىلارنىڭ بايراقنى ئېلىۋېتىشىغا يول قويماي، بۇ بايراقنىڭ مۇسابىقە ئاخىرلاشقىچە تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىمنىڭ يوليورۇقى بويىچە تۈركىيە-خىتاي دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىدە مەيدانغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئېسىلغان. 2022-يىلى 3-ئىيۇن، ئەنقەرە، تۈركىيە.

بۇ مۇسابىقىنى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىممۇ نەق مەيداندىن 30 پارلامېنت ئەزاسى ئولتۇرغان جايدا كۆرگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى دەل ئۇ ئولتۇرغان سەھنىگە ئېسىلغان. مەزكۇر كۆك بايراق خىتاي دۆلەتلىك ئاياللار كوماندىسىنى قوللاش ئۈچۈن كەلگەن خىتايلار ئاسقان خىتاي بايرىقىنىڭ ئۇدۇلىدا مۇسابىقە تۈگىگىچە تۇرغان. بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن كۆك بايراقنى سەھنىگە ئاسقان ئىيى پارتىيەسىنىڭ ياشلار سىياسىتىگە مەسئۇل خادىمى ئورخان ئەرتۈركمەن ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بۇ جەريان ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «پارتىيەمىزنىڭ رەئىسى ۋالىبول مەستانىسىدۇر. ئەسلىدە بۇ مۇسابىقىگە بېرىشىدىكى سەۋەب بىزنىڭ ئايال ۋالىبول كوماندىسىنىڭ خىتاي ۋالىبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىشى ئىدى. ئۆتكەن يىلى رەئىسىمىز مەرال ئاقشەنەر خانىم غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەپ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۆرۈشىنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلغانىدى. خىتاي ئەلچىخانىسى بۇنىڭغا قارشى تۋىتتېر ئارقىلىق پارتىيەمىزنىڭ رەئىسى بولغان مەرال ئاقشەنەر خانىمغا تەھدىت سالغانىدى. ئارقىدىن بىز ئىيى پارتىيەسى ياشلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدۇق. بۇ مۇسابىقىدىمۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازى بولايلى دېدۇق».

ئورخان ئەرتۈركمەن ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقىنى 30 پارلامېنت ئەزاسى مۇسابىقە كۆرۈۋاتقان جايغا ئاسقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز تۈركىيە مىللىي ۋالىبول كوماندىسى بىلەن خىتاي ۋالىبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ھەم بىزنىڭ ئايال ۋالىبول كوماندىمىزنى قوللاش، ھەم شەرقىي تۈركستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازى بولايلى دەپ خىتاي بايرىقىغا قارشى كۆك بايراقنى ئاسايلى دەپ زالغا باردۇق. پارتىيەمىزدىن بولغان 30 ئەتراپىدا ياش تۈرك بايرىقى چۈشۈرۈلگەن مايكىمىزنى كىيىپ زالغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ئاستۇق. رەئىسىمىز مەرال ئاقشەنەر خانىم 30 ئەتراپىدا پارلامېنت ئەزاسى مۇسابىقە كۆرۈۋاتقان يەرگە كۆك بايراقنى ئېسىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. بىز خىتاي بايرىقى ئېسىلغان يەرنىڭ دەل ئۇدۇلىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئاستۇق».

«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىمنىڭ يوليورۇقى بويىچە تۈركىيە-خىتاي دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىدە مەيدانغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئېسىلغان. 2022-يىلى 3-ئىيۇن، ئەنقەرە، تۈركىيە.

ئورخۇن ئەرتۈركمەن ئەپەندى مەيداننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداۋاتقان ساقچىلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقىنى ئېلىۋېتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، پارتىيە رەئىسى بولغان مەرال ئاقشەنەر خانىمنىڭ مەزكۇر بايراقنىڭ مۇسابىقە داۋاملاشقىچە تۇرىدىغانلىقىنى دېگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز بايراقنى ئاچقاندىن كېيىن ساقچىلار يېنىمىزغا كېلىپ بايراقنى چۈشۈرىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. رەئىسىمىز مەرال ئاقشەنەر خانىم بىزگە ‹مۇسابىقە تۈگىگىچە بايراق ئېسىقلىق تۇرىدۇ، بۇ بايراقنى چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ› دېدى. بىزمۇ بايراقنى چۈشۈرمىدۇق. بىز ياشلار شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئېسىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ‹شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈركتۇر ھەم مەڭگۈ تۈرك پېتى قالىدۇ‹، ›بىز ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ يېنىدا تۇرىمىز‹، ›خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت‹دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدۇق. بۇلارنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقاتتۇق. بۇ پائالىيەت پارتىيەمىزنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىمنىڭ يوليورۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازى بولدۇق دەپ ئويلايمەن».

«ئىيى» پارتىيەسى رەئىسى بولغان مەرال ئاقشەنەر خانىمنىڭ تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-خىتاي دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىدە كۆك بايراق ئېسىشى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق سۆيۈندۈردى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۈكۈتتە تۇرىۋېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقانلىقىنى بۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈرك خەلقىنىڭ سەمىگە سېلىپ تۇرۇش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

3-ئىيۇن كۈنىدىكى مۇسابىقىنى قوللاش ئۈچۈن خىتايدىن ۋە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن خىتايلار قوللىرىدا خىتاي بايرىقى بىلەن ئولتۇرغان جاينىڭ دەل ئۇدۇلىدا كۆك بايراق ئېسىلغان بولۇپ تاماشىبىنلار ئىچىدە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇمۇ بار ئىكەن.

2002-يىلى كورېيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدە تۈركىيە مىللىي پۇتبول كوماندىسى بىلەن خىتاي كوماندىسى ئوينىغان مۇسابىقىدىمۇ پۇتبول مەيدانىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقى ئېسىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت