تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر قۇربان ھېيتلىق تەبرىكلىرىدە ئۇيغۇرلارغا ھۆرلۈك تىلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2022.07.11
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر قۇربان ھېيتلىق تەبرىكلىرىدە ئۇيغۇرلارغا ھۆرلۈك تىلىدى تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق پارلامېنت ئەزاسى سەلجۇق ئۆزداغ ئەپەندى. 2022-يىلى ئىيۇل، تۈركىيە.
Photo: RFA

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغىلى 5 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولغان بۈگۈنكى كۈندە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى ئانا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفون ئالاقىسىمۇ قىلالمىغان ھالەتتە ھېيت ئۆتكۈزمەكتە. بۇنداق پەيتتە تۈركىيەدىكى بەزى ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق قۇربان ھېيتلىق تەبرىك باياناتلىرى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارغا ھۆرلۈك، مۇستەقىللىق تىلەش بىلەن خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چاقىردى.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن قۇربان ھېيتى تەبرىك باياناتى ئېلان قىلغان «بۈيۈك بىرلىك» پارتىيەسى رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ۋە «كېلەچەك» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق پارلامېنت ئەزاسى سەلجۇق ئۆزداغ ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇستافا دەستىچى ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمغا ھۆرمەت ۋە ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن. ئۇلار زور قېيىن-قىستاق ۋە ئېغىر بېسىم ئاستىدا قۇربان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىك ئىچىدە قۇربان ھېيتى ئۆتكۈزۈشىنى تىلەيمەن. خىتاي 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان كۈندىن تارتىپ ئۇلارغا زۇلۇم سېلىۋاتىدۇ. كېيىنكى يىللاردا بۇ زۇلۇم ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلاندى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىق سىياسىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاتتىق لەنەت ئوقۇيمەن. خىتاينى بالدۇرراق بۇ رەزىل سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىمەن. دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە بۇ خىل ئادەم قېلىپىدىن چىققان سىياسەتنىڭ مەڭگۈ داۋاملاشقىنى يوق. ھازىر دۇنيانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرى خىتايغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتىدۇ. مەنچە خىتاي بۇ رەزىل سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ».

قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئىزچىل ھالدا ھەر سورۇندا ھەر زامان ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان «ئىيى» يەنى «ياخشى» پارتىيەسى ئۆتكەن يىلدىكىگە ئوخشاشلا بۇ يىل قۇربان ھېيتىدىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق قۇربان ھېيتى تەبرىك باياناتى ئېلان قىلدى. فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى پارتىيەسى نامىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئالدى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر دىنىي ئىبادىتىنى قىلالمايۋاتىدۇ. ئىگىلىشىمىزچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربانلىق قوي سويۇپ ھېيت پەتىسى ئوقۇشىغىمۇ رۇخسەت قىلماپتۇ. بۇ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن نومۇس قىلىشقا تېگىشلىك رەزىل ئەھۋال. 21-ئەسىردە شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنداق بېسىم ئاستىدا ياشىشى نومۇس قىلىشقا تېگىشلىك ئىش. دۇنيادىكى بەزى دۆلەتلەر بىلەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمىغا قارىماستىن خىتاي بۇ زوراۋانلىق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇنى توختىتىش ئۈچۈن دەرھال تەدبىر ئېلىشى زۆرۈر دەپ ئويلايمەن».

فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى تۈركىيە باشتا دۇنيادىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق›نى توختىتىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە دۆلىتى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭمۇ بۇ مەسىلىگە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان نارازىلىق بىلدۈرمەسلىكى ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق يېرىم قىلماقتا. بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. چۈنكى بۇ زۇلۇم مەڭگۈ داۋام قىلمايدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقىگىمۇ نىجاتلىقنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. مەن ئەڭ ئاخىرىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن. بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى داۋام قىلىمىز».

سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ قۇرغان «كېلەچەك» پارتىيەسىمۇ 2020-يىلى قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ھەر ۋاقىت، پۈتۈن سورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. مەزكۇر پارتىيە بۇ قۇربان ھېيتتىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتىنى قۇتلۇقلىدى. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «كېلەچەك» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى سەلجۇق ئۆزداغ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «سابىق كوممۇنىست سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە رۇسلار تۈركىي خەلقلەرگە ئېغىر زۇلۇم سىياسىتى ئېلىپ باردى. دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ باردى، ئاخىرىدا ئۆزلىرى پارچىلاندى. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىققا ئېرىشتى ھازىر دىنىي ئېتىقادلىرىنى ئەركىن ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي بۇلاردىن ساۋاق ئېلىپ سىياسەت يۈرگۈزۈشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى زوراۋانلىق سىياسىتى ئېلىپ بېرىشقا داۋام قىلىۋاتىدۇ. مەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمغا شۇنى دېمەكچىمەنكى، بىرلىك ئىتتىپاقلىق ئىچىدە كۈرەش قىلىشنى داۋام قىلىڭلار، چوقۇم ئازادلىققا ئېرىشىسىلەر. ئەڭ ئاخىرىدا كۆڭلۈڭلەر يېرىم ئۆتكۈزۈۋاتقان ھېيتىڭلارنى تەبرىكلەيمەن».

ئىگىلىشىمىزچە قۇربان ھېيتى نامىزىدا، تۈركىيەدىكى بەزى مەسچىتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.