تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى باشلىقى دەريا يانىق: «ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەننى قىلىمەن»

0:00 / 0:00

تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى باشلىقى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان، سابىق تۈركىيە ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرى دەريا يانىق خانىم ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مۇدىرى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىم قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەتنى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى. ئۇ: «ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەننى قىلىمەن» دېدى. .

ئۇچرىشىشتا بۇ ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇشى، دوكلاتلارنى تەييارلاپ تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇشى، تۈركىيەدىكى ئاتا-ئانىسى بىلەن ئالاقە ئورنىتالمىغان ئۇيغۇرلارنى ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشىنى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىگە ئوخشاش تۈركىيە پارلامېنتىنىڭمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى، قۇل ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماللارنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىنى چەكلىشى قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلدى. مەزكۇر كومىتېت مەسئۇلى دەريا يانىق خانىم بۇ مەسىلىلەردە ئىجابىي جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ ۋە كومىتېتىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلدى.

دەريا يانىق خانىم ئۆزىنىڭ 1990-يىللاردا ئىستانبۇلدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەلەپلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. مەزكۇر ھەيئەت، 13-ئىيۇل كۈنى بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن يەنە تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى، ھازىرقى دەۋا پارتىيەسىدىن پارلامېنت ئەزاسى بولغان مۇستافا يەنەرئوغلۇ بىلەنمۇ ئۇچراشقان. ئۇچرىشىشتا مەزكۇر ھەيئەت ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇستافا يەنەرئوغلۇ ئەپەندىمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇ ھەقتە قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس، «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە د ئۇ ق ۋەكىلى ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىم(ئوڭدا) قاتارلىقلار تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى، ھازىرقى دەۋا پارتىيەسىدىن پارلامېنت ئەزاسى بولغان مۇستافا يەنەرئوغلۇ ئەپەندى(سولدىن ئىككىنچى) بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 13-ئىيۇل، ئەنقەرە.
«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس، «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە د ئۇ ق ۋەكىلى ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىم(ئوڭدا) قاتارلىقلار تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى، ھازىرقى دەۋا پارتىيەسىدىن پارلامېنت ئەزاسى بولغان مۇستافا يەنەرئوغلۇ ئەپەندى(سولدىن ئىككىنچى) بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 13-ئىيۇل، ئەنقەرە. (RFA/Erkin Tarim)

تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى باشلىقى دەريا يانىق خانىم ۋە سابىق كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى باشلىقى مۇستافا يەنەرئوغلۇ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىز ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، ئۆزىنىڭ كۆپ قېتىم تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، لېكىن بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ھاكىمىيەتتىكى پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بولسۇن، ياكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بولسۇن ھەممىسىنىڭ ھەيئەتنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىگە پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2009-يىلى دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاپ، ئۇيغۇرلارغا مەدەت بەرگەنىدى. ئەمما كېيىنكى، بولۇپمۇ 2015-يىلىدىن كېيىنكى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا-تىجارەت، پۇل مۇئامىلە ۋە دىپلوماتىك كېلىشىملەرنىڭ تۈزۈلۈشى، تۈركىيەدىكى پۇل پاخاللىقى، ئىشسىزلىقنىڭ ئېشىپ مېڭىشى، شۇنىڭدەك تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى ۋاكسىنىنىڭ كەمچىل بولۇشى قاتارلىقلارغا ئەگىشىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەيدانىمۇ بىر قانچە قېتىم ئۆزگەرگەن.

يېقىندىن بۇيان تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ قايتا تىلغا ئېلىنىشى راستىنىلا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ بېشارىتىمۇ؟ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى مەمەت توختى ئاتاۋۇللا بۇنى ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ سايلامدىن كېيىنكى پارلامېنتتىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ تەركىبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

2023-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈركىيە خەلقى يېڭى نۆۋەتلىك پرېزىدېنت بىلەن پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاش ئۈچۈن ئاۋاز بەرگەنىدى. بۇ قېتىمقى سايلامدا چوڭ-كىچىك بولۇپ تۈركىيەدىكى 26 سىياسىي پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ئۆز نامزاتلىرى ئېلان قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىن كۆپلىگەن ئۇيغۇر دوستلىرى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغانىدى.