خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان «جازا لاگېرلىرى» خەلقئاراغا پاش بولغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئاخبارات خادىملىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە سولچى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن تەركىب تاپقان ئۆمەكلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە قۇمۇل قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ «جازا لاگېرلىرى» يوقلۇقىنى، ئۇيغۇرلارغا كەسىپ ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتماقتا.
خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسى ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىدىن بىر ھەيئەتنى تەكلىپ قىلىپ، ئۈرۈمچى ۋە قۇمۇلنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرغان. بۇ ھەيئەت 6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى ۋە قۇمۇلدىكى بەزى جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان. 18-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىدا بۇ ھەقتە مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، ئېكسكۇرسىيەگە ئىشتىراك قىلغان پېنسىيەگە چىققان گېنېرال گۈراي ئالپاي ئەپەندى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى پروفېسسور دوكتور ھامزا يىلماز ئەپەندىلەر ئۆز تەسىراتلىرىنى ئاڭلاتتى. ئالدى بىلەن ھامزا يىلماز ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بارغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئاخبارات خادىملىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە تەتقىقات ئورگانلىرى مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەركىب تاپقان 20 كىشىلىك ھەيئەت 6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە شاڭخەي، سۇجۇ، ئۈرۈمچى ۋە قۇمۇل قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. بۇ زىيارەتنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا بىر نەرسە دېيىلمىگەن بولسىمۇ، بۇ زىيارەتنىڭ ئىككى مەقسىتى بار ئىكەن. بىرىنچىسى خىتاينىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆرسىتىش ئىكەن. ئىككىنچىسى بولسا خىتاينىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەربىيەلەش مەركىزى توغرىسىدا دۇنيادا ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقانلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، بىزنىڭ ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ قايتىشىمىزنى تەلەپ قىلغانىكەن. ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن ئاخشام 12 غىچە خىتاي ساھىبخانىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق».
پروفېسسور دوكتور ھامزا ئەپەندى ئۈرۈمچىدە ئىسلام ئىنستىتۇتى، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، تېررورغا قارشى كۈرەش قىلىش مەركىزى ۋە ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى زاۋۇتلارنى ئايلانغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىۋالغان جايلارنى كۆرسەتمىگەنلىكىنى، شۇڭا مېدىيادا چىقىۋاتقانلارنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكى ھەققىدە بىر نېمە دېيەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇ يەردە ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ بىر قانائەتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن بىزگە كۆرسەتكەنلەر ۋە مېدىيادا چىقىۋاتقانلار يېتەرلىك ئەمەس. مەسىلەن ‹قايتا تەربىيەلەش مەركىزى›نى كۆرمىدۇق. بۇنداق بىر مەركەزنىڭ بار-يوقلىغىنى كوچىدىكى كىشىلەردىن سورىيالمىدۇق. خىتايمۇ دۇنياغا بۇ ھەقتە ئېنىق بىر نەرسە دېمەيۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئېنىق بىر نەرسە دېيىشىنى كۈتىمىز».
ئارقىدىن پېنسىيەگە چىققان گېنېرال، دوكتور گۈراي ئالپار ئەپەندى ئۈرۈمچى ۋە قۇمۇلنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بايان قىلدى. ئۇ، ئۈرۈمچىدىكى زوراۋانلىققا ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇزېيىنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنى ئۈرۈمچىدىكى زوراۋانلىق ۋە تېررورغا قارشى تۇرۇش مۇزېيىغا ئېلىپ باردى. ئۇيغۇر رايونىدا مەيدانغا كەلگەن ھەممە ۋەقەنى مۇزېيغا قويۇپتۇ. تېررورلۇق ۋەقەلىرىدە ئىشلەتكەن پارتلاتقۇچىلار، قورال-ياراقلارنىمۇ قويۇپتۇ. بىز بۇلارنى كۆردۇق. بىز ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تېررورچىلارغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز. بىزدىكى تېررورچىلارنىڭ قورال-ياراقلىرىغا سېلىشتۇرغاندا بۇ بەك كونا قوراللار ئىكەن. بەلكى 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن قالغان قوراللار. ئۆزلىرى ياسىغان ئىپتىدائىي پارتلاتقۇچىلار، پاچاقلار بار ئىكەن».
پېنسىيەگە چىققان گېنېرال دوكتور گۈراي ئالپار ئەپەندى مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى رەھبەرلەرگە «ئۇلارنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرىمىز دەپ بەكلا ئاشۇرۇۋەتكەنلىكى» نى دېگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن مۇزېيدىن چىققاندىن كېيىن ئۇ يەردىكى رەھبەرلەرگە سىلەر تېررورچىلىققا قارشى تەدبىر ئېلىۋېتىپسىلەر، ئەمما بەك ئاشۇرۇۋېتىپسىلەر. تېررورچىلىق ۋەقەلىرىگە ئارىلاشمىغان كىشىلەرنىمۇ قارا-قويۇق جازالىساڭلار بۇ، مەسىلىنى ھەل قىلمايدۇ، تېخىمۇ ۋەھىمىلىك ھالغا ئەكېلىدۇ دېدىم، خىتاي رەھبەر بىز بۇلارنى تۈزىتىشكە تىرىشىۋاتىمىز دېدى».
پېنسىيەگە چىققان گېنېرال دوكتور گۈراي ئالپار ئەپەندى ئۈرۈمچىدە مەسچىتلەرنىڭ يېپىق ئىكەنلىكىنى، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە سەنئەت مەكتەپلىرىدىكىلەر بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى، بەزى سىياسەتلەرنىڭ ئۆزلىرىگە بەكلا غەلىتە تۇيۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بۇ سىياسەتنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىزگە ئاڭلاتتى. ئۇيغۇرلار قالاق بىز ئۇلارنى تەربىيەلەۋاتىمىز دەيدۇ. بۇ بىزگە غەلىتە تۇيۇلدى. تۈركىيەدە كىمگە ئاڭلاتسىڭىز بۇنى غەلىتە دەپ قارايدۇ. بىرى ئۇسسۇل ئوينىمىسا تېررورچى دەيدىكەن. سىز تېررورچىلىق پائالىيىتىنى قوللىمىسىڭىز ئۇسسۇل ئوينىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كادىرلارنى ئەۋەتىدىكەن، ئۇلار ئۇ ئۆيلەردە قونىدىكەن، بۇنى خىتايلار پەخىرلىنىپ ئاڭلىتىۋاتىدۇ. بىر ئۆيگە تونۇمايدىغان ئادەم كېلىپ قونسا بولامدۇ؟ ھەر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس دىنىي ئېتىقاد ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى بار، بۇلارغا ھۆرمەت قىلماي تۇرۇپ مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. خىتاي تېررورچىلىققا ئارىلاشمىغان ئادەملەرگە چېقىلماسلىقى كېرەك».
ئۈرۈمچى تەسىراتلىرىنى ئاڭلىتىش يىغىنىغا ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرلىرى، سابىق پارلامېنت ئەزالىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى. دوكلات بېرىش يىغىنىغا خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان 3 دىپلوماتمۇ قاتناشتى. يىغىنغا ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور دوكتور مۇھەممەت ساۋاش قافقاسيالى ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ئاخىرىدا يىغىن ئەھلى ئارقا-ئارقىدىن سوئال سورىدى. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مۇھەممەت: «مەن تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئوقۇۋاتىمەن، 2 يىلدىن بۇيان ئائىلەم بىلەن ئالاقە قۇرالمايۋاتىمەن. بۇنداق ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەدە بەكلا كۆپ، بۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟ دەپ سوئال سورىدى. مەن: «ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە-بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە مۇھىم بىر مەسىلىگە ئايلاندى. تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى قانداق بولۇشى كېرەك؟» دەپ سوئال سورىدىم.
پروفېسسور دوكتور مۇھەممەت ساۋاش قافقاسيالى ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، ئۇلار خىتاينىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. چۈنكى، بىز ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش بىر مىللەت. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا بىز قوبۇل قىلالايدىغان شەرتلەردە سىياسەت ئېلىپ بېرىشى كېرەك».
«جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىن ئۈچ قېتىم ھەيئەت تەكلىپ قىلىپ ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە قۇمۇل ۋىلايەتلىرىنى ئايلاندۇردى.
0:00 / 0:00