بۇرسادىكى تۈركىي مىللەتلەر تەنتەربىيە فېستىۋالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ بۇرسا ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن 4-نۆۋەتلىك تۈركىي مىللەتلەر تەنتەربىيە فېستىۋالىدا ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنىمۇ ئاڭلاتتى.

بۇ فېستىۋالدا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن يىگىرمىدەك تۈركىي مىللەتنىڭ مىللىي تەنتەربىيە ئويۇنلىرىنى كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭدىن سىرت ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەر مەخسۇس چېدىرلاردا بۆلمە ئېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ۋە سەنئىتىنى نامايان قىلدى.

فېستىۋالغا ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە بۇرسا ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قاتنىشىپ، مەخسۇس چېدىردا بۆلمە ئاچتى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مىللىي مەدەنىيەت-سەنئىتىگە دائىر بۇيۇملارنى كۆرگەزمە قىلدى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۈركىيەدە چىقىۋاتقان كىتاب، گېزىت-ژۇرنال ھەمدە كېيىنكى يىللاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرىدىكى ھايات ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەرنى كۆرسەتتى. ئۇلار يەنە ھەر كۈنى ئاخشىمى ئۇيغۇر مىللىي ناخشا-ئۇسۇللىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسىتىپ، فېستىۋالغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

فېستىۋال جەريانىدا ئۇيغۇرلار تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى، سابىق دۆلەت مىنىستىرى خاقان چاۋۇشئوغلۇ، بۇرسا شەھىرىنىڭ باشلىقى ئەلنۇر ئاقتاش ۋە باشقا بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى قىيىن ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى ۋە ئۇلارغا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ھەدىيە قىلدى.

19-ئىيۇلدىن 21-ئىيۇل كۈنىگىچە بۇرسا شەھىرىدىكى قوجايايلا دېگەن جايدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ فېستىۋالدا ئۇيغۇرلاردىن سىرت تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، ئۆزبېك، تاتار، ئاھىسكا تۈركلىرى ۋە نوگايلارمۇ مەخسۇس بۆلمە ئېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان.

فېستىۋال ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، بۇرسا ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسئۇلى ئابدۇلقادىر ئابدۇلكېرىم ۋە ئۇيغۇر بۆلمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان تۈركلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم 4-نۆۋەتلىك تۈركىي مىللەتلەر تەنتەربىيە فېستىۋالىدا ئۇيغۇر سەنئەت گۇرۇپپىسى بىلەن يېمەك-ئىچمەك گۇرۇپپىسى بولۇپ 25 كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، 3 كۈنلۈك پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيەت چېدىرىنى 5000 دەك كىشىنىڭ زىيارەت قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم 3 كۈنلۈك فېستىۋال جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي يېمەك-ئىچمەك ۋە تاماقلىرىنى نەق مەيداندا ئېتىپ تونۇشتۇرغانلىقىنى شۇنداقلا زىيارەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۇ يىل تۈركىي مىللەتلەر تەنتەربىيە فېستىۋالىنىڭ 4-قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ فېستىۋالدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىشتىراك قىلغان. مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بۇ يىلقى پائالىيەتنىڭ بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەنلەرگە ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى ھەققىدىمۇ توختالدى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ئاخىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى ئاڭلىتىش ئۈچۈن پائالىيەتلەرنى كۆپ خىللاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

بۇرسا شەھىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار «شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى» دېگەن تېمىدا 4 بەتلىك دوكلات تەييارلاپ ئۇيغۇر چېدىرىنى زىيارەت قىلغان بۇرسا شەھىرىنىڭ باشلىقى ئەلنۇر ئاقتاش ئەپەندى، تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاقان چاۋۇشوغلۇ ۋە باشقا پارلامېنت ئەزالىرىغا تەقدىم قىلغان.

بۇ فېستىۋالغا ئىستانبۇلدىن كېلىپ قاتناشقان ئۇيغۇر مائارىپچى شەمشىنۇر تاڭنۇرى خانىم بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۇرسا شەھىرى تۈركىيەنىڭ مۇھىم سانائەت شەھەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، مەزكۇر شەھەر بۇلغارىيە، سابىق يۇگوسلاۋىيەدىن كۆچۈپ كەلگەن تۈرك كۆچمەنلەر كۆپلەپ ئولتۇراقلاشقان جاي ھېسابلىنىدۇ. بۇرسادا داۋاملىق تۈردە تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنمەكتە.