30 تەشكىلات تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2022.07.26
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
30 تەشكىلات تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى تۈركىيەنىڭ يالوۋا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركىي خەلقلەردىن بولغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار رەھبەرلىرى يىغىنى» دىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 22-ئىيۇل.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىي خەلقلەرنىڭ 30 چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار قوبۇل قىلىپ تۈركىيەنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى.

بۇ قارار 22-23-ئىيۇل كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ يالوۋا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركىي خەلقلەردىن بولغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار رەھبەرلىرى يىغىنى» دا ئېلىندى. بۇ يىغىننى تۈركىيەدە قۇرۇلۇپ بىرقىسىم تۈركىي مىللەتلەر تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋرو-ئاسىيا تەشكىلاتلار بىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى رەئىسى دوكتۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ۋە شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان ئەپەندىلەر ئىشتىراك قىلغان. ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن كانادا ۋە گوللاندىيە قاتارلىق 9 دۆلەت پارلامېنتىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، تۈركىيە ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭمۇ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ يالوۋا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركىي خەلقلەردىن بولغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار رەھبەرلىرى يىغىنى» دا خاتىرە بويۇم تارقىتىش. 2022-يىلى 22-ئىيۇل.

ئىككى كۈن داۋاملاشقان يىغىننىڭ «تۈرك دۇنياسىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى» ماۋزۇلۇق قىسمىدا، نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان. ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان قاراردا تۈركىيەنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «يىغىندا مەن بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى رەئىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنىڭ پۈتۈنلەي يوق بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان قاراردا تۈركىيە ھۆكۈمىتى‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى›نى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىلدى».

مەزكۇر يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى رەئىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئىككى كۈن داۋاملاشقان يىغىننىڭ تۈرك دۇنياسىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ماۋزۇلۇق قىسمىدا نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. مەن تۈركىيە ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدىم. ئەسلىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا، ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش بولغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئاكتىپ ھالدا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 12-يىلى قۇرۇلغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ سۈكۈتتە تۇرماسلىقى، خىتايغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ھەققىدە تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدىم».

دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى يىغىندا خىتاينىڭ تۈرك دۇنياسىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان خەۋپى توغرىسىدىمۇ توختالغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىنغا قىرىم تاتارلىرى ۋەخپىسى، ئىراق تۈركمەنلىرى، سۈرىيە تۈركمەنلىرى ۋە ئافغانىستان تۈركلىرى تەشكىلاتى قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەردىن بولغان 30 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلغان. يىغىندا مائارىپ، ئاخبارات، كىشىلىك ھوقۇق، مەدەنىيەت-سەنئەت، ئىقتىساد، پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسى ۋە ئىچكى-تاشقى سىياسەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. يىغىن ئاخىرىدا خۇلاسە سۈپىتىدە ئەنە شۇ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ 30 ئاممىۋى تەشكىلاتى بىرلىكتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىش قارارىنى چىقارغان.

تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، «ئىيى»، «كېلەچەك» قاتارلىق بىر قىسىم ئۆكتىچى پارتىيەلەر ھەم بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى كۆپ قېتىم تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە تېخىچە سۈكۈتتە تۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.