«سىيېر» ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانى ئۇيغۇرلارغا بېغىشلاندى
2024.08.09
مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «سىيېر ۋەخپى» نىڭ قارمىقىدا نەشر قىلىنىدىغان «سىيېر» پەسىللىك ژۇرنىلىنىڭ 2024-يىلى ئىيۇلدا نەشر قىلىنغان 31-سانى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بېغىشلاندى. «سىيېر» ژۇرنىلىنىڭ بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان سانىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتى، شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندە دۇچ كېلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار تەييارلىغان ئىلمىي ماقالىلەر، شۇنىڭدەك تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن زىيارەت خاتىرىسىگە ئورۇن بېرىلگەن.
بىز بۇ ژۇرنال ۋە ئۇنىڭ 180 بەتلىك يېڭى سانىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بېغىشلىنىشى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن «سىيېر» ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى مۇھەممەد ئېلى ئەلىئوغلۇ ۋە «سىيېر تەتقىقات ۋەخپى» نىڭ رەئىسى مۇھەممەد ئىمىن يىلدىرىمنى زىيارەت قىلدۇق.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «سىيېر» ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى، ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇھەممەد ئېلى ئەلىئوغلۇ ئەپەندى بۇ ژۇرنال توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز، ئۈچ ئايدا بىر نەشر قىلىنىدىغان ‹سىيېر› ژۇرنىلىنىڭ بۇ قېتىمقى 31-سانىنى مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە ئاجراتتۇق. بۇ ساندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيەسى، مەدەنىيىتى ۋە بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالى، شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە دىنى باستۇرۇشلىرىنى يورۇتۇپ بەرگەن تېمىلارغا ئورۇن بېرىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى بىلەن بىرگە 10 دىن ئارتۇق مۇھىم شەخسلەر ۋە يازغۇچىلارنىڭ ھاياتى، شەھەرلەر ۋە مۇھىم ئورۇنلار تونۇشتۇرۇلغان ماقالىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»
مۇھەممەد ئېلى ئەلىئوغلۇ «سىيېر» ژۇرنىلىنىڭ بۇ سانىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە مەخسۇس ئورۇن بېرىشتىكى سەۋەب ۋە مەقسەت توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ ژۇرنالدا ئومۇمىي جەھەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئائىت تۈركىيە خەلقىنىڭ زېھنىدە پەيدا بولغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە تىرىشتۇق. خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەر ھەققىدە تۈركىيە جامائىتى قانچىلىك مەلۇماتقا ئىگە؟ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خىتاي-ئامېرىكا ۋە غەرب ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشكە كوزىر بولغان بىر مەسىلىمۇ ياكى ئۇنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئاساسىي بار بىر مەسىلىمۇ؟ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيەدە ۋە خەلقئارا جامائەتكە يېتەرلىك دەرىجىدە ئاڭلىتىلىۋاتامدۇ؟ دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب ئىزدىگەن ئاساستا تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان زىيارەت خاتىرىسى ۋە ئاكادېمىكلار تەرىپىدىن تەييارلانغان ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە تىرىشتۇق. بۇ ژۇرنال مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىدىغان ژۇرنال بولۇپ، بۇ قېتىمقى مەخسۇس سانىدا ئاتا يۇرتىمىز ۋە ئانا ۋەتىنىمىز بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالىنى، 200 يىلدىن بۇيان زۇلۇمغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان مەزلۇم خەلقنىڭ بېشىدىن ئۆتۈۋاتقان پاجىئەلەرنى ھەمدە ناھەقچىلىكلەرنى دۇنيا جامائىتىگە ئاڭلىتىش، شۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولغانلىقىمىزنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلدۇق. بۇ خىزمىتىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز».
مۇھەممەد ئېلى ئەلىئوغلۇ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ ژۇرنال كۆپ تەرەپلىمە كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە ۋۇجۇدقا چىققان. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بۇ ژۇرنالنىڭ نەشر قىلىنىشىدا ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەمدە بولغان «سىيېر ۋەخپى»، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەممىسىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
بىز يەنە بۇ ژۇرنال ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيەدە تونۇلغان «سىيېر ۋەخپى» نىڭ رەئىسى دىنى ئالىم مۇھەممەد ئىمىن يىلدىرىم ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.
مۇھەممەد ئىمىن يىلدىرىم ئەپەندى «سىيېر» ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس تەييارلانغان بۇ ساننى نەشرگە تەييارلاشتىكى مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان زۇلۇمغا قارىتا بىر ئىنسان ۋە مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سۈكۈت قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن شۇ ھەقىقەتنى ئىپادىلەيمەنكى، پۈتۈن دۇنيادا شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا قارشى يېتەرلىك دەرىجىدە قارشىلىق كۆرسىتىلمەيۋاتىدۇ ۋە بۇ نۇقتىدا ئاجىزلىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ؛ ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇ يەردىكى زۇلۇم ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئۇ يەردىكى زۇلۇمنىڭ نەقەدەر چېكىدىن ئاشقانلىقىدىن خەۋىرى بولمايۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەر تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك. زالىمنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش، مەزلۇم كىم بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ رەڭگى، تىلى ياكى مىللىتىگە قارىماستىن مەزلۇمنىڭ يېنىدا بولۇش ۋەزىپىمىز باردۇر. شۇ سەۋەبتىن بۇ 31-سانىدا پۈتۈنلەي شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىلدى. بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ۋە ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقاپ كەتكەن شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن پاجىئەلەرنى ئاز بولسىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە تىرىشتۇق. بۇ خىزمەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيە ۋە دۇنيا جامائىتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كېلىشىگە ھەسسە قوشۇشنى جانابى ئاللاھتىن تىلەيمەن».
دىنى ئالىم مۇھەممەد ئىمىن يىلدىرىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يۈرەك سۆزلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «مەن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىمەن، مېنىڭ ئۇيغۇر يېقىنلىرىم ۋە قېرىنداشلىرىم بار، ئۇلارنىڭ بەك ئېغىر زۇلۇم تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. بۇ زۇلۇمنىڭ ئاخىرى گۈزەل بىر نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. شەرقىي تۈركىستانلىق پۈتۈن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا سەۋرچان بولۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھاياتلا بولىدىكەنمىز، ئاخىرقى تىنىقىمىزغىچە ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ يېنىدا بولىمىز، ئۇلارنى ھەرگىز يالغۇز قويمايمىز، ئۇلارنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى ئۆزىمىزنىڭ دەردى دەپ بىلىمىز. ئۇ يەردىكى زۇلۇم تۈگەپ قېرىنداشلىرىمىز ئەركىنلىككە چىققۇچە ئۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەيمىز.»
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پەسىللىك ژۇرنالنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس نەشر قىلىنغان سانى 180 بەتلىك بولۇپ، 5000 دىن ئارتۇق مۇشتەرىسى بولغان «سىيەر» ژۇرنىلى رەسمىي تور سەھىپىسىدە رەقەملىك PDF شەكلىدە ھەقسىز تارقىتىلغان. بۇ ژۇرنال ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى سانلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپلىگەن ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىكەن.