مەشھۇر تۈرك تارىخشۇناس پروفېسسور ئىلبەر ئورتايلى: «بىز تۈركىيە بەزى ۋاقىتلاردا خىتاي دۆلىتى ۋەياكى خىتاي كوممۇنسىت پارتىيەسى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىزنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى پىدا قىلىۋاتىمىز. بىراق بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس، بۇنداق قىلىشقا ھېچ كىمنىڭ ھەققى يوق. بىر دۆلەت ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال كېرەك بولىدىغىنى مىللەتنىڭ ئېتنىك كىملىكىنى قوغداشتۇر، تۈركلەردەك بىر قوۋم ئۈچۈن بۇ، ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ»، دېدى.
ئۇ، بۇ سۆزلەرنى، 24-سېنتەبىر كۈنى قازاق تۈركلىرى تەلىم-تەربىيە ۋە تەتقىقات جەمئىيىتى تەرىپىدىن «شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە كۆچۈشنىڭ 70-يىلى» نامدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا بايان قىلدى.
تارىخشۇناس ئىلبەر ئورتايلى سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىختىن بۇيان تۈركىستان جۇغراپىيەسىدە ياشاپ كەلگەن ۋە مەدەنىيەت ياراتقان خەلق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار تارىختا تۇنجى بولۇپ مەدەنىيلەشكەن ۋە شەھەر ھاياتىغا ئۆتكەن خەلق. خىتاي بىلەن قەدىمىي بۇددىزم دەۋرىدىن بۇيان مۇناسىۋەت قۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ خىتايلىشىپ كەتمەستىن، ئۆز تىلىنى قوغداپ كەلگەن ۋە باشقا تىل-يېزىقلارنى ئۆزلىرىگە ئۆزلەشتۈرمىگەن ۋە يەنە تۈرك مەدەنىيەت تارىخىدا ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنمۇ، ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرگەندىن كېيىنمۇ تۇنجى تىل ۋە گرامماتىكا كىتابىنى يېزىش ئارقىلىق ئۆز تىلىنى قوغداپ قالغان. ئۇيغۇرلار ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۆپلىگەن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. شەرقىي تۈركىستان، تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى ھەقىقىي بىر ئىمان-ئىرپان ۋە بىلىم بىلەن ئۆزلەشتۈرۈپ بىر مەدەنىيەت بولۇپ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان بىرىنچى ئورۇن. ئۇيغۇر تىلى پۈتۈن تۈرك شېۋىلىرى ئارىسىدا ئاناتولىيە شېۋىسىگە ئەڭ يېقىن تىل».

پروفېسسور ئىلبەر ئورتايلى سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك پەرقلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىلبەر ئورتايلى يەنە شەرقىي تۈركسىتان زېمىنىنىڭ خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداش مەنبەسى بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركسىتان زېمىنىدىن خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئېنېرگىيە بايلىقى چىقىدۇ، بۇ يېڭى بىر دەلىل-ئىسپاتتۇر».
يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور مۇئەللا يۈجەلخانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىلا ئۇيغۇر ئېلىدا ياشاپ ئۆزلىرىنىڭ دۆلەتلىرىنى قۇرغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ تۇپراقلار بىزگە ۋەتەن بولۇپ كەلمەكتە، ھونلاردىن باشلاپ كۆكتۈركلەر، ئۇيغۇرلار، قاراخانىيلار قاتارلىق دۆلەتلەر قۇرۇلغان بولسىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى يېقىن تارىختىن بۇيان بۇ تۇپراقلاردا ئېچىنىشلىق ھادىسىلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركسىتان 1860-يىللاردا مانجۇ ئىمپېرىيەسى بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۆز-ئارا كېلىشىملىرى بىلەن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن خۇسۇسەن ئۇيغۇر ۋە قازاق قېرىنداشلىرىمىز ئىزچىل كۈرەش قىلىپ بەدەل تۈلەپ كەلمەكتە. بىز كۈرەش قىلىشنى ياخشى كۆرىمىز، كۈرەشتىن قاچمايمىز، خىتايدەك بىر دۆلەتنىڭ قارشىسىدا قەددىمىزنى تىك تۇتۇپ كۈرەش قىلىپ كەلدۇق. ئەپسۇس بۇ كۈرەش كېيىنكى ۋاقىتلاردا زۇلۇمغا ئايلانغاندىن كېيىن ئامالسىز كۆچۈشكە مەجبۇر بولدۇق. بىز ئۆز تارىخىمىزنىڭ كۆچۈش جەريانىنى ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويمىساقلا، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئۆگىتىپ تۇرساقلا مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز».
يىغىندا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكۇر ئۆمەر قۇل، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈش جەريانىنى بايان قىلىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە مەرھۇم ئوسمان باتۇرنىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى ۋە مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ تۈركىيەگە كۆچۈش جەريانىدا دۇچ كەلگەن توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىقلارنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۆمەر قۇل سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان رەھبەرلىرىنىڭ بىر قانچە قېتىم يىغىن ئېچىش نەتىجىسىدە چەتئەلگە چىقماستىن كۈرەشنى داۋام قىلىش ياكى چەتئەلگە چىقىپ قايتىدىن كۈچلىنىپ كىرىشنى تالاش-تارتىش قىلىش نەتىجىسىدە: «ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلىش» نى قارار قىلغانلىقىنى ۋە باشتا كەشمىر ھەم ھىندىستان ئارقىلىق 1953-يىلى تۈركىيەگە 1800 كىشىلىك كارۋان بىلەن كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
يىغىندا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكۇر راھىلە قەشقەرلى «ئۆتمۈشتىن كۈنىمىزگىچە شەرقىي تۈركسىتاندا ئاياللار» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن ئاماننىسىخان، ئىپارخان، نۇزۇگۇم، مايسىخان، يەتتە قىزلىرىم قاتارلىق ئۇيغۇر قەھرىمان ئاياللىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ھازىر ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە بېسىملىرىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان سايراگۈل ساۋۇتباي، گۈلباھار خېتىۋاجى ۋە باشقا ئۇيغۇر ۋە قازاق قەھرىمان ئاياللار توغرىسىدا توختالدى.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركسىتاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قەتلىئام پەقەت ئۇيغۇر خەلقىگىلا قارىتىلغان بولماستىن بەلكى، پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا، شەرقىي تۈركىستان ھازىر خىتاينىڭ پۈتۈن تۈركىستان جۇغراپىيەسىگە يېيىلىشىنىڭ ئالدىنى توسۇپ تۇرغان بىر قۇرغان بولۇپ كەلمەكتە. ئەگەر شەرقىي تۈركىستان تامامەن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىپ قالسا، نۆۋەت غەربىي تۈركىستانغا كېلىدۇ، بۇنداق قورقۇنچلۇق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. ئۇ يەردىكى قەتلىئاملار مۇشۇ مەقسەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ، ئۇ يەردىكى خەلق ئىنتايىن چوڭ پىداكارلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى بەدىلىگە تۈركىي مىللەتلەرنى قوغداپ قېلىۋاتىدۇ، ئەمدى گەپنى ئاياللارغا يۆتكەيدىغان بولساق، ئۇ يەردىكى ئاياللارنىڭ باللىرىدىن ئايرىلىپ قالغان، ئەرلىرى يۇقىتىۋىتىلگەن ۋە خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ پاجىئەلەرنىڭ دەرھال توختىتىلىشى، لاگېرلارنىڭ تاقىلىشى، لاگېرغا قامالغان ھەممە ئالىملار، شائىرلار، يازغۇچىلار، دىنى ئۆلىمالارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقى سوراق قىلىنىشى كېرەك دەپ قارايمەن».
يىغىندا يەنە تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور ئەخەت ئەندىجان سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر زۇلۇمغا، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا قارىتا تۈركىيە، تۈركىستان جوغراپىيەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق يىغىن ۋە ئۇچرىشىشلاردا بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.