ماردىن تۈركىيەنىڭ شەرقىي-جەنۇبى رايونىغا جايلاشقان شەھەردۇر. بۇ يەردە ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمىگەن بولۇپ، ماردىن خەلقى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى نامايىشلار ياكى باشقا نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. بۇ قېتىم، يەنى 18-19-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ماردىن شەھىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئارقا-ئارقىدىن 3 مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىدە مەيدانغا كەلگەن ئىلگىرلەشلەر تونۇشتۇرۇلغان.
ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا كۈنسايىن كۈچىيىشى ۋە تۈركىيەدە پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيەلىرىدىمۇ خىتايغا قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى كۆپەيمەكتە. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى بۇرۇن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىلمىغان جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىدىغان دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈپ، ھەر ساھادىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تىرىشماقتا. بۇ مەقسەت بىلەن 18-19-ئۆكتەبىر كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي رايونىغا جايلاشقان ماردىن شەھرىدە 3 مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابلەت ئۇدۇن ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى» تېمىسىدا دوكلات بەرگەن. ئۇ دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا توختالغاندىن سىرت، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى ئەھۋالى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن. ئۇ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
ئابلەت ئۇدۇن ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ يېقىندا سايلام ئۆتكۈزۈپ رەھبەرلىك ھەيئىتىنى يېڭىدىن سايلاپ چىققانلىقىنى؛ بۇ قېتىمقى خىزمەت پىلانىدا بۇندىن كېيىن تۈركىيەدىكى بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان توغرىلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغان ۋىلايەت، شەھەر ۋە ناھىيەلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى؛ بۇ سەۋەبتىن تۈركىيەنىڭ ئەرەب ۋە كورد مىللەتلىرى كۆپ ئولتۇراقلاشقان ماردىن شەھىرىدە 3 مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئابلەت ئۇدۇن ئەپەندى، ماردىندىكى ئارتۇق ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنلىرىغا قىزىقىشنىڭ ناھايىتى يۇقۇرى بولغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغان تۈركىيەنىڭ چەت ۋىلايەت، شەھەر ۋە ناھىيەلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ماردىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ھۇزەيفە ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە سوھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، مۇنداق دېدى: «3 مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدۇق. ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. ئۇنىۋېرسىتېتىمىزنىڭ مۇدىرىمۇ ئابلەت ئۇدۇن ئەپەندىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا يېڭى مەلۇماتلار بەردى، ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى قىزىقىپ ئاڭلىدى. يىغىندىن كېيىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار مۇسۇلمان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايمىز، دەپ سورىدى. بۇندىن كېيىن ئۇنىۋېرسىتېتىمىزدا بۇ ھەقتە جامائەت پىكرى توپلاش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز. ھەتتا ‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى›نى توختىتىش ئۈچۈن ئىمزا توپلاپ، پارلامېنتقا سۇنىمىز.»
ئىلگىرى تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تىل، تارىخ ۋە ئەدەبىيات كەسىپلىرىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار كۆپرەك قىزىقاتتى. ھازىر بولسا خەلقئارا مۇناسىۋەت، ئىقتىساد، سىياسەتشۇناسلىق، دىنىي ئىلىملەر ۋە ئىدارە باشقۇرۇشقا ئوخشاش كەسىپلەردىكى ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارمۇ قىزىقماقتا، شۇنداقلا بۇ ھەقتە دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرماقتا. ئۇلار ھەتتا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توختىتىلسۇن» دەپ ئىمزا توپلاپ، تۈركىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەلەپلنامىلەر يوللىماقتا.