سەلچۇق ئۆزداغ تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە بەزى پارتىيەلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن د ئۇ ق نىڭ بۇ قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل ئەۋەتمىگەنلىكىگە سوئال قويدى

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.10.31
Selchuq-ozdagh تۈركىيەنىڭ سائادەت ۋە كېلەچەك پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا مەسئۇلى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 12-ئىيۇن، ئەنقەرە
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ «سائادەت» ۋە «كېلەچەك» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا مەسئۇلى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن سارايېۋودا چاقىرىلغان 8-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاتناشمىغانلىقىغا سوئال قويدى. ئۇ سۆزىدە ئۇلارنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقمىغانلىقى بىلەن ئەيىبلىدى.

سەلچۇق ئۆزداغ، 600 ئەتراپىدا پارلامېنت ئەزاسى ئىشتىراك قىلغان ئومۇمىي يىغىندا ئىككى ئۆكتىچى پارتىيە نامىدىن سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىنى مۇنداق باشلىدى: «مەن كېلەچەك ۋە سائادەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى بارلىق ۋەكىللىرى نامىدىن سۆزگە چىقتىم. تۈركىيە ھۆكۈمىتى 3 يىل بۇرۇن بىزگە ئەڭ قىسقا زامان ئىچىدە شەرقىي تۈركىستانغا بىر ھەيئەت يوللايمىز. ئۇ يەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، دېگەن ئىدى. ھازىرغىچە بۇ جەھەتتە ھېچبىر ئىلگىرىلەش يوق. بىز خىتايدىن ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھەق ۋە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى تەلەپ قىلىپ كەلدۇق. لېكىن خىتاي بۇنى غەرب دۆلەتلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان ئىش دەۋاتىدۇ. ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بار دەۋاتىدۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىزدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يوق دەۋاتىسىلەر».

ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ بۇرۇندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر شۇنداق بولىدىغان بولسا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشىكىنى ئېچىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئۇنداق بولسا، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشىكىنى ئاچسۇن. پارلامېنت ئەزالىرى، ژۇرنالىستلار، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بارسۇن. ئۇلار بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسۇن. ئەگەر سىلەر دېگەندەك راستتىنلا ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى چەكلەنمىگەن، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىلگەن بولسا، بىز سىلەردىن ئەپۇ سورايلى. ئەگەر ئۇيغۇرلار، ب د ت ۋە ياكى ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى بار بولسا، بىز سىلەرنىڭ بۇنىڭغا دەرھال خاتىمە بېرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمىز.»

ئۇ نۇتقىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيەگە كىرىش چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى تەلەپ قىلغاندىن سىرت، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى د ئۇ ق نىڭ بۇ قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا قاتناشمىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى چاقىرغان 3 يىغىنغا قاتناشتىم. بىرسى پىراگادا چاقىرىلغان 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي، يەنە بىرى بوسنىيەنىڭ سارايېۋو شەھىرىدە چاقىرىلغان قۇرۇلتاي، ئۈچىنچىسى ياپونىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلغان ‹ئۇيغۇر مۇنبىرى›. بۇ يىغىنلارغا پۈتۈن پارتىيەلەر تەكلىپ قىلىندى. لېكىن بەزى پارتىيەلەر بۇنى كۆرمەسلىككە سېلىۋاتىدۇ. بىز ھۆكۈمەتكە، سىلەر نېمىشقا قاتناشمايسىلەر؟ دەپ سورىساق، ئۇلار بۇ يىغىنلارنى كىملەر قوللاۋاتقانلىقىنى بىلىمىز، دەيدۇ. ياپونىيە، چېخىيە ۋە بوسنىيە بۇ يىغىنلارغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇنداق بولسا، سىلەر نېمىشقا ساھىبخانىلىق قىلمايسىلەر؟ بىز بىلەن دىنداش، مىللەتداش بولغان ئۇيغۇرلارغا نېمىشقا ئىگە چىقمايسىلەر؟ ھەممە نەرسە ئىقتىسادىي مەنپەئەتمۇ؟»

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئورنىغا، تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇننىڭ سايلانغانلىقىنى، تۈركىيە سوتى دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيەگە كىرىش چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قايتا چەكلىمە قويغانلىقىنى، بۇنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى بۇ كۈچلۈك نۇتقىدىن كېيىن، سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ نۇتقۇمنى پارلامېنتتا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئاق پارتىيەدىن بولغان 265 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بىلەن ھۆكۈمەتنى قوللاۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن بولغان 50 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ھېچ قانداق نارازىلىق بىلدۈرمەستىن ئاڭلىدى. بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقمىغانلىقىدىن خىجىل بولماقتا. ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن سائادەت پارتىيەسى، كېلەچەك پارتىيەسى، ئىيى پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى مېنىڭ سۆزۈمنى قاتتىق ئالقىشلىدى.»

«ئىيى» پارتىيەسى قاتارلىق تۈركىيەدىكى بەزى پارتىيەلەر كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا تۈركىيە پارلامېنتىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كومىتېتى قۇرۇش، ئۇيغۇر ئېلىگە تەكشۈرۈش ھەيئىتى يوللاش توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىسى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن رەت قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.