تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئاڭلىتىلدى
2022.11.04

11-ئاينىڭ 1-كۈنى تۈركىيەنىڭ كونيا شەھرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ۋە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ناملىق كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا نەجمەتتىن ئەرباقان ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ كەسپىنىڭ پروفېسسورى جانەر ئاراباجى ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا شانلىق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان، دۇنيا مەدەنىيەتىگە زور تۆھپە قوشقان مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر زۇلۇملاردىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن دۇنيادىكى ھەرقايسىي دۆلەتلەرنىڭ ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا كۈنسايىن كۈچىيىشى، ئەمما تۈرك دۇنياسى بىلەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىغا قارشى، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيەلىرىدە خىتايغا قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى كۆپەيمەكتە. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىدىغان دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ۋە كۆرگەزمىلەر ئۆتكۈزۈپ، ھەر ساھادىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا تارتىشقا تىرىشماقتا.
بۇ مەقسەت بىلەن 11-ئاينىڭ 1-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان كونيا شەھرىدىكى نەجمەتتىن ئەرباقان ئۇنىۋېرسىتېتىدە مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنى ھەم كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلگەن.
مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىندا پروفېسسور جانەر ئاراباجى ئەپەندى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە دۇنيا مەدەنىيەتىگە قوشقان تۆھپىلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا نۇقتىلىق قىلىپ تۈركىيە باشچىلىقىدىكى ھەرقايسىي تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرغان. ئۇ، دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى، پۈتۈن دۇنيانىڭ بۇ قىلمىشقا قارشى چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنىنى «قىزىل ئالما» ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ۋەخپىسىنىڭ كونيا شۆبىسى، شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. مەزكۇر ۋەخپىنىڭ كونيا شۆبىسى مەسئۇلى، شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئابلەت ئۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى. ئۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ دوكلات بېرىش ۋە كۆرگەزمە ئېچىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاڭلىتىلىۋاتقانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنىڭ ناھايىتى يۇقۇرى بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئابلەت ئۇدۇن ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ يېڭى خىزمەت پىلانىدا بۇندىن كېيىن تۈركىيەدىكى بارلىق ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيە ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى؛ بۇ سەۋەبتىن كونيادا دوكلات بېرىش يىغىنى بىلەن كۆرگەزمە ئۆتكۈزگەنلىكىنى، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە جەمئىي ئۈچ ئۇنىۋېرسىتېتتە پائالىيەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى.
پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان «قىزىل ئالما» ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى رۇقىيە خانىم بۇ پائالىيەت ھەققىدە مۇنداق دېدى: «پائالىيەت بىز ئويلىغاندىنمۇ ياخشى ئۆتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى ناھايىتى يۇقۇرى بولدى. كۆپ ساندا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى. بۇ پائالىيەت بىر باشلانغۇچ بولدى. بۇندىن كېيىن ئۇنىۋېرسىتېتىمىزدە ئىمتىھان يوق چاغلاردا بۇ خىل پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئۆتكۈزىمىز. بۇ پائالىيەتتە تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن فوتو سۈرەتلەرنى كۆرگەندە، ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان زۇلۇملارنى خۇددى ئۆزلىرىمۇ تارتىۋاتقاندەك ھېسسىياتتا بولدى.»
بۇ دوكلات بېرىش ۋە كۆرگەزمە ئېچىش پائالىيىتى 26-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيەنىڭ زوڭگۇلداق شەھرىدىكى بۈلەنت ئەجەۋىت ئۇنىۋېرسىتېدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.