تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنىشى ئۇيغۇر جامائىتىدە تۈرلۈك ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-11-05
Share
تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنىشى ئۇيغۇر جامائىتىدە تۈرلۈك ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلماقتا ئىستانبۇل ۋالىيلىق مەھكىمىسى نوپۇس ۋە ۋەتەنداشلىق ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىنى رەت قىلغانلىق ھەققىدىكى ھۆججەت. 2021-يىلى نويابىر.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئەڭ كۆپ كۆچۈپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەر خىل يوللار بىلەن تۈركىيەگە كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئاشماقتا.

تۈركىيە ۋەتەنداشلىققا ئىلتىماس سۇنغان ئۇيغۇرلار تەقەززالىق بىلەن خەۋەر كۈتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىغا رەت قىلغانلىق خەتلىرىنىڭ كېلىشى، ئۇيغۇر تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ئەنسىزلىك پەيدا قىلماقتا.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت بېرىش، يەنى تۈركىيەدە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش كىنىشكىسى بېرىش بەلگىلىمىسىنى چىقارغان ئىدى. بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن تۈرك قان سىستېمىسىدىن بولغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ تۈركىي مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەتلەرنى تاپشۇرسا، ئۇلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت بېرىلىپ كەلگەن ئىدى. بەلگىلىمىدە 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سىياسەتتىن بەھرىمان بولالايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ بەلگىلىمىگە بىنائەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىگە ئىقامەت بېرىلگەندىن سىرت، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرغا تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىمۇ بېرىلگەن ئىدى. لېكىن ئىككى ھەپتىدىن بۇيان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنغانلىقى ئۇيغۇرلارنى ئەنسىزلىككە سالماقتا.

ئىستانبۇل ۋالىي مەھكىمىسى ۋىلايەتلىك نۇپۇس ۋە ۋەتەنداشلىق ئىدارىسىدىن كەلگەن «ۋەتەنداشلىق تەلىپىنىڭ رەت قىلىنىشى توغرىسىدىكى قارارى» ناملىق خەتتە «جەمئىيەت ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت» دېگەن سەۋەب بىلەن ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتۈش ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنغانلىقى يېزىلغان. ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان ئابدۇراھمان توختى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 2014-يىلى خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ تۈركىيە قانۇنىغا خىلاپ ھېچقانداق بىر ئىش قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئادۋوكاتى، ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن پەنلىرى پروفېسسورى ئىلياس دوغان ئەپەندى، ئۇچۇر ئارقىلىق سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ۋەتەنداشلىق تەلىپى رەت قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ 15 كۈن ئىچىدە يۇقۇرى سوتقا ئەرز قىلسا بولىدىغانلىقىنى، رەت قىلىش قارارىنى سوت ئىدارىسىنىڭ قايتا تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدىكى قانچە ئۇيغۇرغا ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەت كەلگەن؟ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى، كېيىنكى كۈنلەردە ۋەتەنداشلىققا ئىلتىماس قىلغان 40-50 نەپەر ئۇيغۇرغا رەت كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ ئېيتىشىچە، كېيىنكى 7-8 يىل ئىچىدە تۈركىيەگە كېلىپ جايلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 25-30 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. ئۇلار بىر قانچە دۆلەتلەر ئارقىلىق نۇرغۇن قېيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ تۈركىيەگە كەلگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى يولدا كىملىك ھۆججەتلىرىنى يوقىتىپ قويغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ تۈركىيەدە ئىقامەت ئېلىشىنىڭ بەك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى يۈز بەرگەن «5-ئىتيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى نەزەردە تۇتۇپ، 2010-يىلى 3 مىڭدەك ئۇيغۇر مۇھاجىرغا ۋەتەنداشلىق بەرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت