سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇئاۋىنى ناجى قورۇ ئەپەندى: «تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى2015-يىلىدىن تارتىپ ئۆزگەرگەنىدى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-11-08
Share
سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇئاۋىنى ناجى قورۇ ئەپەندى: «تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى2015-يىلىدىن تارتىپ ئۆزگەرگەنىدى» تۈركىيەنىڭ تەجرىبىلىك دىپلوماتى ناجى قورۇ ئەپەندى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەزگىلىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆزلىمەكتە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ تەجرىبىلىك دىپلوماتى، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ناجى قورۇ ئەپەندى ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان «تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش سىياسىتى ئىزدەشتىكى قىيىنچىلىقلىرى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان.

ئۇنىڭ ماقالىسى مۇنداق باشلانغان: «بۈگۈن خىتاينىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېغىر زۇلۇم سىياسىتى ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ يېڭى باشلانغان سىياسەت ئەمەس. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆز ئالدىدا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ زۇلۇم، بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ‹تەربىيەلەش مەركىزى› نامىدا ئاچقان جازا لاگېرلىرىدا بىر مىليوندىن كۆپرەك ئۇيغۇر سىستېمىلىق ھالدا باسقۇنچىلىققا، قىيناشلارغا ئۇچرىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن دىنىي ئېتىقادىنى ۋە ئانا تىلىنى چەكلەپ ئۇيغۇرلارغا قارىتا مېڭە يۇيۇش سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا. مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قىسىرلاشتۇرۇشتەك بىر يۈرۈش سىياسەتلىرى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە».

ناجى قورۇ ئەپەندى ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىر مۇئاۋىنى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىققانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەزى خىزمەتلەرنى قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى يازغان: «شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھەر جەھەتتىن بېسىم كۈچەيدى. ئۇيغۇرلار چىدىغۇسىز بېسىمدىن جېنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تايلاند ۋە مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولدى. ئەمما خىتاي ئۇيغۇرلارنى چەتئەلدىمۇ راھەت قويۇپ بەرمىدى. ھەتتا چەتئەلگە قاچقان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ ئەكېتىپ جازالاشقا تىرىشتى. بۇ خەۋەرلەر تۈركىيەدىكى ئاخباراتلاردىمۇ ئورۇن ئالغاندىن كېيىن تۈركىيە جامائەتچىلىكى ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلغانىدى».

«5-ئىتيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»

ماقالىنىڭ ئاپتورى ناجى قورۇ ئەپەندى 2009-يىلىدىن-2015-يىلىغىچە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىر مۇئاۋىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ، ئۇ، ماقالىسىدە بۇ مەزگىلدە تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ھەر جەھەتتىن ياردەم قولىنى ئۇزاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنۇلارنى يازغان: «2015-يىلىدا مىڭلىغان ئۇيغۇر جېنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن مالايشىيا ۋە تايلاندقا كېلىپ يىغىلغانىدى. خىتاي بۇ دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىشكە تىرىشىۋاتاتتى. بۇ خەۋەرلەر تۈركىيەدىكى ئاخباراتلاردىمۇ ئورۇن ئالغاندىن كېيىن تۈركىيەدە زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيەلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە خەلق ئاممىسى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىپ بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي جەنۇبتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆرۈشۈشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن كۆپ ساندا ئۇيغۇر مۇساپىر تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى».

ناجى قورۇ ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2015-يىلىدىن تارتىپ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغاندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇشقا باشلانغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «تۈركىيە ھۆكۈمىتى2015-يىلى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردوغان ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇشقا باشلىدى. 2017-يىلىدىن بۈگۈنگىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا، گوللاندىي ۋە باشقا بەزى دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى›ئىرقىي قىرغىنچىلىق‹دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ تۈركىيەنىڭ تېخىگىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق قارار ماقۇللىمىغانلىقى ئۆكتىچى پارتىيە ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا».

تۈركىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ناجى قورۇ ئەپەندىنىڭ خىتاي بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە يازغان ماقالىسى توغرىسىدا كۆز-قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، 2015-يىلى 4-ئايدا تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردۇغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە بۇ ھەقتە بىر يىغىن چاقىرىلغانلىقىنى، مەزكۇر يىغىندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئىچكى ۋە تاشقى بېسىم تۈپەيلى يېقىندىن بۇيان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ قايتا ئۆزگەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ماقالىنىڭ ئاپتورى ناجى قورۇ ئەپەندى ئۇزۇن يىل تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا دىپلومات بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىللەردە تۈركىيەنىڭ ئامېرىكانىڭ بوستون، گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھەرلىرىدىكى تۇرۇشلۇق كونسۇلى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت