2017-يىل قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا تۈركىيە پارلامېنتى ۋە خەلقئارا سورۇنلاردا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان «ئىيى» يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە تۈركىي خەلقلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئاييۈجە تۈركەش تاش خانىم 24-نويابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانىسى ئېچىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئاييۈجە تۈركەش تاش خانىم 5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى سايلامدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم تەرىپىدىن چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە تۈركىي خەلقلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ تەيىنلەنگەنىدى. ئۇ، 30-31-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ياپونىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلغان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: دۇنيا پارلامېنتلار كېڭىشى» يىغىنىغا قاتنىشىپ كەلگەندىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭغا چارە تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانىسى ئېچىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش رىياسەتچىلىك قىلغان ئومۇمىي يىغىنغا بارلىق مىنىستىرلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، پارلامېنت ئەزاسى ئاييۈجە تۈركەش تاش خانىم سۆزىنى مۇنداق باشلىدى: «مەن بۈگۈنكى نۇتقۇمدا ئاتا ۋەتىنىمىز بولغان شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە توختالماقچىمەن. مەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەھرىمانى ئوسمان باتۇر، شەرقىي تۈركىستاننىڭ لىدىرى خوجىنىياز ھاجى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتقان مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە ھاياتىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئاتىغان دادام ئالىپئارسلان تۈركەشنى ئەسلەش بىلەن بىرلىكتە ئۇلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. مەرھۇم لىدېرلىرىمىزنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن. ئۆمۈر بويى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور ئىلھام توختى باشچىلىقىدىكى بارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ۋە لاگېردا يېتىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا سالام يوللايمەن. قىسقىسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا سالام يوللايمەن.»
ئۇ، نۇتقىنىڭ داۋامىدا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنى، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى شۇنداقلا ئىنسانلىق دۇنياسىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «تارىخىمىزنىڭ باشلانغۇچ يېرى، مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئاساسلىق مەركىزى بولغان شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى 20 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركىنىڭ مەسىلىسى بولغىنىدەك، بىزنىڭ، شۇنداقلا تۈرك دۇنياسىنىڭمۇ مەسىلىسىدۇر. بۇندىن 70 يىل بۇرۇن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ لىدېرى بولغان مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بۇ مەسىلىنى تۈركىيەدە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئاڭلىتىشقا باشلىغانىدى. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى پەقەت تۈركىيەنىڭلا ئەمەس، تۈرك ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان بارلىق ئىنسانلارنىڭ مەسىلىسىدۇر. شۇڭا بۇ مەسىلىگە قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇش مىللىتىمىزگە ۋە ۋىجدانىمىزغا قارىتا مەسئۇلىيەتسىزلىك بولۇپلا قالماستىن، ئىنسانلىق دۇنياسى ئۈچۈنمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.»
ئاييۈجە تۈركەش تاش خانىم خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇرلار ياراتقان پارلاق مەدەنىيەتنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كوممۇنىست خىتاي 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كۈندىن تارتىپ مىليونلىغان ئۇيغۇر تۈركىنى قەتلى قىلدى. 1990-يىلدىكى بارىن قەتلىئامى، 1997-يىلدىكى غۇلجا قەتلىئامى، 2009-يىلى 5-ئىيۇلدا مەيدانغا كەلگەن ئۈرۈمچى قەتلىئامى يېقىنقى زاماندا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقلاردىن بىر قانچىسىدۇر. 2017-يىلىدىن تارتىپ مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغان بولۇپ، خىتاي دۆلىتى سىستېمىلىق ھالدا ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تارىخ سەھنىسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاش سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا».
«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى ئاييۈجە تۈركەش تاش خانىم 24-نويابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىندا قىلغان نۇتقىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تۈرك خەلقىنىڭ ۋە تۈركىيە دۆلىتىنىڭ مىللىي دەۋاسى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا ئىگە چىقىشنىڭ مىللىي بۇرچ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا ئېچىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە تۈركىيە، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئەركىن ياشاش كۈرىشىگە قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان ھادىسىلەر توغرىسىدا توغرا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا ئېچىش ئىشىنى ئويلىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ئائىلىلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشىمىز كېرەك. تۈركىيە پۇقراسى تۇرۇقلۇق ھازىرغىچە جازا لاگېرلىرىدا ۋە تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى خىتاينىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك. بىز ‹ئىيى› پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. پارتىيەمىزنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق بىئارام بولماقتا. خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 2021-يىلىدا پارتىيەمىزنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىمغا تەھدىت سالدى. تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى خىتايغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈرك خەلقىنىڭ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ مىللىي مەسىلىسىدۇر. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىگە چىقىش بىزنىڭ مىللىي بۇرچىمىزدۇر».
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن سىرت، گۇاڭجۇ، شاڭخەي، چېڭدۇ ۋە خوڭكوڭ قاتارلىق شەھەرلىرىدە كونسۇلخانىسى بار. خىتاينىڭ بولسا ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن سىرت پەقەتلا ئىستانبۇلدا كونسۇلخانىسى بار. ئىگىلىشىمىزچە تۈركىيە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا ئېچىشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمىغان.
ئاييۈجە تۈركەش تاش خانىمدىن بۇرۇن ياۋۇز ئاغىرئالىئوغلۇ ۋە رىدۋان ئۇز ئەپەندىلەر «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنىدى.