تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي خىزمەتلەر كۈنسېرى جانلانماقتا. ئۇيغۇر شائىر ۋە ئەدىبلىرىنىڭ ھەر خىل تىلدا ئەسەرلىرى نەشر قىلىنىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىنى بېيىتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تونۇتۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى رېياللىقنى دۇنياغا ئاڭلىتىش تىرىشچانلىقى كۈچەيمەكتە. كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى ئەدەبىيات-سەنئەت ۋاسىتىسى بىلەن ئىپادىلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
يېقىندا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرېھىم پاراچ ئەپەندىمنىڭ ئۇيغۇرچە شېئىرلار توپلىمى «ھىجران تىنىقلىرى» ئونۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئابدۇرېھىم پاراچ ئەپەندىم 1975-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزىۋات ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، تەڭرىتاغ ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان تۇنجى شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات ساھەسىگە قەدەم باسقان. ئۇ يەنە 2018-يىلى تۈركىيەدە «ۋەتەنسىز كۈي» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، بۇ يىل «ھىجران تىنىقلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھاياتى ۋە ۋەتەن سېغىنىشىنى ئىپادىلەشكە تىرىشقان.
كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى ۋەتەن تېمىسى ئىكەن. بىز بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ۋەتەن ئۇقۇمىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي رېياللىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىزاھلاش ئۈچۈن مۇستەقىل تەتقىقاتچى ۋە يازغۇچى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئەزىز ئەيسا ئەپەندىم بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆتمۈشتە، بۈگۈندە ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن ۋەتەن تېمىسى، ۋەتەن ھەققىدە يېزىلغان ئەسەر ۋە شېئىرلار ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. چۈنكى خەلقىمىز ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىنى، مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇشنىڭ دەردىنى ئېغىر تارتقان. ئەلۋەتتە، بۈگۈنكى ئۇيغۇرنىڭ تراگېدىيەسى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەلىك ئەھۋالى، ۋەتەنگە ئىگىدارچىلىق قىلالمىغانلىقىدەك بىر رېئاللىق ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ، بولۇپمۇ قەلەم تۇتقان ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىرلارنىڭ ئاساسلىق تېمىسى. شەخسەن مەن ئۆزۈمنى مىسال قىلىپ ئېيتسام، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ۋەتەن ھەققىدە يازغان شېئىرلىرىم ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. . . ئەڭ گۈزەل شېئىرلار ۋەتەندىن ئايرىلغان، مۇستەقىل دۆلەتنىڭ ۋە دۆلەتچىلىكنىڭ قەدرىنى چۈشەنگەن زىيالىيلارنىڭ قەلىمىدىن چىقىدۇ. شۇڭا ھازىر ۋە كەلگۈسىدە ۋەتەن تېمىسى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ نېگىزلىك مەسىلە بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.»
بىز ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر تىلى چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئامىللىرى مائارىپتىن سىقىپ چىقىرىلىۋاتقان بۈگۈنكى شارائىتتا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن ئۇيغۇر سىياسىي رېياللىقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تۈرك شائىرى نىلۇفەر ئاچىلان يىلدىز خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.
ئەدەبىياتنىڭ مەدەنىيەتلەر ياكى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەكس ئەتتۈرۈش جەھەتتىكى رولىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسەتلىرىنى مىسالغا ئىلىپ ئىزاھلاشقا تىرىشقان نىلۇفەر خانىم قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «سەنئەت ۋە ئەدەبىيات جەمئىيەتتىكى رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش جەھەتتىن مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەدەبىيات مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدا تارىخقا ئىز قالدۇرىدىغان تۆمۈر كۆۋرۈك ئىنشا قىلىپ ئوپتىك يېقىنلىشىشقا سەۋەب بولىدۇ. ئەبەدىيلىكنى ئاساس قىلغان ئەدەبىيات، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدە يىلتىزىنى تاپىدۇ. قانداق سەۋەب كۆرسىتىشتىن قەتئىينەزەر ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزگەن مىللەتلەرنىڭ نىيىتى ۋەيرانلىق ۋە پېشكەللىكنى ئۆز ئۈستىگە تارتىشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە سىستېمىلىق بىسىم ئىنسانىيەتنىڭ ئاساسى مەسىلىسى. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ‹شىنجاڭ رايونى› دا ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى ۋە جاھانگىرلىك چۈشەنچىسى ئىجرا قىلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئەيىبلەيمەن.»
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى ياكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ باشقا تىللاردا يازغان، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئەسەرلىرىنىڭ نەشر قىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش زۆرۈر دەپ قارالماقتا. تۈركىيەدە ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان كىتابلار بىلەن بىللە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ تۈركچە يېزىلغان ئەسەرلىرىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە.
يېقىندا «ئۇيغۇر يار» فوندىنىڭ ياردىمى بىلەن داھىي نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر شائىرى ئىمران ئابدۇغېنى سادىئىنىڭ تۈركچە شېئىرلار توپلىمى «تامچە»، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خېلىلا غۇلغۇلا قوزغىدى. شائىر تېخى 17 ياشتا بولۇپ، 3 يىل بۇرۇن تۈركچە ئۆگىنىشنى باشلىغان. قىسقا ۋاقىتتا تۈرك تىل سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شېئىر كىتابى نەشر قىلدۇرغان. شائىر ئىمران سادائىنىڭ تۈركچە شېئىرلار توپلىمىدىمۇ ۋەتەن تېمىسى ئاساسلىق سالماقنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي رېياللىقىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ۋاسىتىسى بىلەن دۇنياغا ئاڭلىتىلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللا ئەپەندىم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ رولىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ باشقا تىللاردا تەرجىمە قىلىنىشى ياكى باشقا تىللاردا يېزىلىشىغا ئوخشاش ئۇيغۇرلار دىنى-ئىتىقادى، ئەدەبىياتى، تىلى، ئۆرۈپ ئادەتلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مىللىي كىملىكى چوڭقۇر خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئەدەبىياتنى قورال قىلىش ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە ئۆزىنىڭ مۇشۇ دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن. بۇ خىل ئەسەرلەر كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشى كېرەك، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇنداق ئاپتورلارنى قوللاپ-قۇۋەتلىشى كېرەك.»