تۈركىيە پارلامېنتىدىكى 2024-يىللىق خامچوت مۇزاكىرە يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00

ھەر يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە پارلامېنتىدا ھەر قايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ كېيىنكى يىللىق خامچوتى مۇزاكىرە قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ. 27-نويابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2024-يىللىق خامچوتىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىدا «جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى» دىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى، پېشقەدەم دىپلومات نامىق تان ئەپەندى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن رۇسلارنىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى قىرىم تاتارلىرىنى تىلغا ئالمىدى» دەپ ئەيىبلىدى.

مەزكۇر يىغىندا ئالدى بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2023-يىللىق خىزمەت دوكلاتى سۇنۇلغان بولۇپ، دوكلاتتا تۈركىيەنىڭ پەلەستىن ۋە روھىنگادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ ئۆتۈلگەن، ئەمما ئۇيغۇرلار بىلەن قىرىم تاتارلىرى تىلغان ئېلىنمىغان. مەزكۇر دوكلاتنى ئاڭلىغان پارلامېنت ئەزاسى، پېشقەدەم دىپلومات نامىق تان ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن قىرىم تاتارلىرىغا ئورۇن بېرىلمىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن تۆۋەندىكى سوئاللارنى سورىغان:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان، خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقىدىكى سەۋەب زادى نېمە؟

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارغا ئورۇن بېرىلمەسلىكىنىڭ سەۋەبى تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىمۇ؟

ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىنىڭ خىتايدىن ئالغان قەرىز پۇل بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا تۇتقان بۇ پوزىتسىيەسى ئەخلاقىي ۋە ۋىجدانىي جەھەتتىن توغرىمۇ؟

خامچوت مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىنىڭ يىغىن خاتىرىسىگە ۋە بۇ ھەقتە «دامگاتۈرك» گېزىتىدە 27-نويابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندىمۇ، تۈركىيە پارلامېنتىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خامچوتىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنمىغان ۋە نامىق تان ئەپەندى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يۇقىرىدىكى سوئاللارنى سورىغان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىلمەسلىكىدىكى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا قىرىم تاتارلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىلمەسىلىكىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇنداقتا، 2024-يىلى ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيەدە قانداق بولىدۇ؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئەگەر تۈركىيە جامائەتچىلىكىنىڭ بېسىمى مۇشۇنداقلا داۋاملاشسا، خىتايدىن كېلىدىغان مەنپەئەت يېتەرلىك بولمىسا، -2024يىلىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە سىياسىتىدە چوقۇم ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىستانبۇدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى، پېشقەدەم تەتقىقاتچى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى بۇنىڭ يېقىندىن بۇيان تۈركىيە-بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى، ئۆكتىچى پارتىيەلەر كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويسا-2024يىلىدىمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى ئوچۇق ئاشكارا ئەيىبلەش ئېھتىمالىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، چۈنكى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنىڭ تېخىچە ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشەلمەيۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«جۇمھۇرىيەت خەلق» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى، پېشقەدەم سابىق بۈيۈكەلچى نامىق تان ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا تۈركلەر بىلەن قان قېرىنداش بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن تاتارلارغا ئورۇن بېرىلمىگەنلىكىدىن كۆڭلىنىڭ ئىنتايىن يېرىم بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.