قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلدى
2024.12.03
تۈركىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى قارابۈك شەھىرىگە جايلاشقان قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيە بويىچە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ بولغان ئالىي مەكتەپ بولۇپ، 28-نويابىر كۈنى ئۇيۇشتۇرۇلغان تۈرك دۆلەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىمۇ تونۇشتۇرۇلغان. تۈرك ۋە چەت ئەللىكلەردىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان پائالىيەتكە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پىروفېسسور ئىسمايىل راقىپ قاراش، ۋىلايەتلىك ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى جوشقۇن گۈۋەن قاتناشقان ۋە ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلغان. ئىسمايىل راقىپ قاراش ئەپەندى قىلغان سۆزىدە قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ ئۇنىۋېرسىتېت ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ئۈچۈن سورۇن تەييارلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
يىغىن زالىنىڭ سەھنىسى تۈركىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرى قاتارىدا «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى» بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، مەزكۇر دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆز دۆلىتىدىكى مەشھۇر بىر كىشىنىڭ رولىنى ئويناش ئارقىلىق ئۆز دۆلەتلىرىنى تونۇشتۇرغان. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تارىخ فاكۇلتېتى دوكتورانتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق)نىڭ ۋەكىلى مامۇتجان ئەركىن «مەھمۇد كاشىغەرى» نىڭ رولىنى ئويناپ، ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان.
مامۇتجان ئەركىن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 28-نويابىر كۈنى قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت پائالىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، قانۇن ۋە تەتقىقات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇلۇغ ئالىمىمىز مەھمۇد كاشىغەرىنى ۋە نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، شۇنىڭدەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ۋە بېسىم سىياسىتىنى تونۇشتۇردۇم. يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان چۈشەنچىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇم.»
ئىگىلىشىمىزچە، قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا 42 مىڭ ئوقۇغۇچى بار ئىكەن. بۇلارنىڭ 13 مىڭ 500 نەپىرى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدىن تۆت مىڭى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئىكەن. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. مامۇتجان بۇ توغرىلىق بىزگە مۇنداق دېدى: «بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ئۇنىۋېرسىتېتىمىزدا شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاينىڭ بۈگۈن خەلقىمىزگە يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلمىنى ئاڭلىتىش زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ ئويلايمەن. چۈنكى بۇ ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەدە ئوقۇپ ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتقاندىن كېيىن مۇھىم ئىدارە جەمئىيەتلەردە ئىشلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇنىۋېرسىتېتىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل يىغىن، فېستىۋال ۋە كۆرگەزمىلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈلپەتلەرنى تونۇشتۇرۇۋاتىمەن.»
پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغانلار بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا خېلى تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ بىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى شەنئول سويتۈرك تۈركسوي ئەپەندى بولۇپ، زىيارىتىمىز جەريانىدا مۇنداق دېدى: «‹چىڭغىز ئايتماتوۋ تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى›نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۈركىيە ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئىدارىسى بىرلىكتە ‹تۈرك دۇنياسىدا قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىشىشنىڭ تىلى› تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. ئالتە مۇستەقىل تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىن بىر كىشى بىردىن مەشھۇر شەخسنىڭ رولىنى ئويناپ تۇرۇپ ئۆز دۆلەتلىرىنى تونۇشتۇردى. بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇشتىكى رولى ناھايىتى زور دەپ ئويلايمەن. مەسىلەن، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلار مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ قەدىمدە قەشقەردە ياشىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئۇنىمۇ بىلگەن بولدى. مەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلمىنى ياخشى بىلىمەن. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەيمەن، شۇنداقلا تۈركىيە ۋە ھەر قايسى تۈركىي دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىشىنى تىلەيمەن.»
تۈركىيەنىڭ قارابۈك شەھىرىدىكى قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى ئاز بولسىمۇ تۆت-بەش يىلدىن بۇيان مامۇتجان ئەركىننىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بەش قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلغان. جۈملىدىن تۆت قېتىملىق فېستىۋالدا مەخسۇس بۆلۈم ئېچىلىپ ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان.