ئارداھان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلدى
2024.12.04
28-نويابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ ئارداھان ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئارداھان پەن-تېخنىكا تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ھەمكارلىقىدا «تارىختىن بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە تۈرك دۇنياسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا ئارداھان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور مەھمەت بىبەر ۋە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى، شۇنىڭدەك ئارداھان پەن-تېخنىكا تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى، ئارداھان سېلىم تۇرسۇنئوغلۇ ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى، ئىبراھىم ئەردوغان كەسپى تېخنىكا تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
يىغىن ئارداھان پەن-تېخنىكا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن دىلا تەڭرىۋەردى ۋە گۆكدېڭىز ئايدىننىڭ «شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق» نامدىكى شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىش بىلەن باشلاندى.
يىغىندا بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى، خىتاي دائىرىلىرى مۇددەتسىز قاماققا جازاسى ھۆكۈم قىلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىلھام توختىنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.
يىغىندا سۆز قىلغان ئارداھان ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى مەھمەت بىبەر ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىلمىي ئۇسۇلدا بىر يول تېپىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا بىزدىن تۆر كۆزى بىلەن ئۈمىد كۈتۈۋاتقان مەزلۇم ئىنسانلار مەۋجۇت. ئادالەتسىز بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز، بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر چارىسى ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كۈچلۈك بولۇش. بىز ئۇنىۋېرسىتېت ئاكادېمىكلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ مەسىلىنى ئىلمىي ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلىش يولىنى تېپىشىمىز كېرەك».
يىغىندا تارىخ پەنلىرى ئاكادېمىكلار جەمئىيىتى باش مەسلىھەتچىسى، دوكتور سۇئات ۋۇرال ئەپەندى سۆز قىلىپ «بىز ئانا يۇرتىمىز، كوممۇنىست خىتاينىڭ زۇلمى ئاستىدا ئىگە-چاقىسىز قالغان، تۈرك دۇنياسىنىڭ قانىغان يارىسى شەرقىي تۈركىستانغا كۆڭۈل بۆلىمىز ۋە يالغۇز قويمايمىز. بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان پۈتۈن دوستلىرىمىزنى تەبرىكلەيمەن ۋە تەشەككۈر بىلدۈرىمەن» دېدى.
يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى، پىروفېسسور ۋارىس چاقان ئەپەندى «تارىختىن بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ كەلگۈسىگە تەسىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەدىمى تارىخى، ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان بېسىم، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قاتارلىق تېمىلار توغرىسىدا توختالدى.
ئۇ سۆزىدە «خىتاي زۇلمى پەقەت شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، يەنە تۈرك دۇنياسىنىڭ كېلەچىكىنىمۇ سەلبىي جەھەتتىن تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. پىروفېسسور ۋارىس چاقان ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ گوبى چۆلىدىن يىراق، سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئارقىسىغا جايلاشقان بىردىن بىر ئىشغال قىلىنغان رايوندۇر. بۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ غەربكە ئېچىلىدىغان چىقىش ئېغىزى ھېسابلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستان زېمىنى جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ سىياسەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىكى سەۋەبىدىن خىتاي ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بىر جۇغراپىيەدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ئىشغال قىلىۋالغان شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدىن چېكىنىپ چىقىپ مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇشقا قەتئىي يول قويماستىن، يەرلىك خەلققە بېسىم ئىشلىتىپ زوراۋانلىق بىلەن ئىشغالىيەتنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر خەلقىنى ئۇچۇر ئىگىلەش ۋە ئالاقە قىلىش قاتارلىق پۈتۈن ئەركىنلىكلەردىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئۈستى ئۇچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇردى ھەمدە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيا كۈنتەرتىپىدىن يىراق تۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا».
پىروفېسسور ۋارىس چاقاننىڭ قارىشىچە، 21-ئەسىردە ئەڭ چوڭ كۈچ بولۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا بولغان قارشىلىقىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باستۇرىۋېتەلىسە، ئىشغال نۆۋىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرگە كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام دۇنياسى تەھدىت ئاستىدا قالىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلاردىكى قارشىلىقنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش خىتاي ئۈچۈن بەك مۇھىم. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ھازىر «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» دەپ قارىلىۋاتقان ئىشلار ئاللىقاچان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بولۇشتىن ھالقىپ، كېڭەيمىچىلىككە مەستخۇش بولۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تۈرك-ئىسلام دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىگە ئايلىنىشقا يۈزلەنگەن، شۇنداقلا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە تۈرك مىللىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دۆلەت مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مۇھىم باسقۇچقا كېلىپ قالغان. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيە نۆۋەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك سىياسىي جۇغراپىيە نۇقتىسىدىن بۇ ھەقتە جىددىي بىر كېلىشىم تۈزۈپ چىقىشى زۆرۈر.
پىروفېسسور دوكتور ۋارىس چاقان سۆزىدە يەنە تۈركىيەنىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» غا قېتىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ‹بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى›غا قېتىلغان بولسا، مەن ھۆكۈمەت بۇ پىلاندىن چېكىنىپ چىقسۇن دېمەيمەن. ئەمما تۈركىيە ئۆز ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرى ۋە قېرىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ پايدىسىغا بىر پىلان تۈزۈپ چىقىشى ھەمدە ئۆز قارشىلىقىنى كۆرسىتىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا خىتاينىڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى›غا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. تۈركىيە شۇنداق قىلالىغاندا تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن بىر ئۈمىد نۇرى بولىدۇ».
يېقىندىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپلەپ يىغىن ۋە پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كەلمەكتە. «تارىختىن بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە تۈرك دۇنياسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن ئارداھان شەھىرى ئاناتولىيە رايونىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان يۈز مىڭ نوپۇسلۇق بىر شەھەر بولۇپ، پايتەخت ئەنقەرەدىن 1100 كىلومېتىر ئۇزاقلىققا جايلاشقان.