تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ: «بىز ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ھەرگىز قايتۇرۇپ بەرمەيمىز»
2022.12.30

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئەنقەرەدە ئۆتكۈزگەن 2022-يىللىق خىزمەت خۇلاسە يىغىنىدا، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ھەرگىز بۇنى قىلمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ، مەزكۇر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان. 29-دېكابىر كۈنى «مېدياگازېتە» ناملىق تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە بۇنىڭغا تەپسىلىي ئورۇن بېرىلگەن. مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلارغا بولغان پوزىتسىيەمىز تۈپەيلى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە چېكىنىش بولغانلىقى توغرا. خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدىكى بۇ ئاستىلاش پۈتۈنلەي خىتاي تۈپەيلى ئوتتۇرىغا چىققان ئەھۋال. خىتاي بىزنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەمىزدىن بىئارام بولۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ خەلقئارا سورۇنلاردا ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدىشىمىز خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلىۋاتىدۇ».
چاۋۇشئوغلۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت خانىم خىتايغا بارغاندا بېيجىڭدا بەرگەن باياناتى بىزنى بىئارام قىلغانىدى. لېكىن، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنىڭ قانداق دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىمىز بار. بىز خەلقئارادا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئىنسانىي قارارلارنى قوللايمىز».
ئۇ، يەنە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمىگەنلىكىنى ۋە ھەرگىزمۇ قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيە پۇقراسى بەزى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشىمىزنى داۋاملىق تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىمىزنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق. بىرمۇ ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بەرمىدۇق ۋە بەرمەيمىز. ئۇيغۇر مەسىلىسى بەزىلەر تەرىپىدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سۇيىئىستېمال قىلىنىۋاتىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا داۋاملىق ھالدا ‹ھۆكۈمەت ئۇيغۇر تۈركلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ› دەپ خەۋەر تارقىتىلىۋاتىدۇ. بۇلار پۈتۈنلەي يالغان. بۇ بىر ئىنسانىي مەسىلە، ئەپسۇسكى بۇنى بەزىلەر سۇيىئىستېمال قىلىۋاتىدۇ».
تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردوغان 2019-يىلى 2-ئىيۇل ياپونىيەدىكى 20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنىدىن كېيىن بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغان ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇچرىشىشتا، شى جىنپىڭ بىر تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى قوبۇل قىلغانىدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بېرىپ قەيەرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كىملەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ھەققىدە تەلەپلىرىنى تەييار قىلىپ خىتايغا سۇنغان بولسىمۇ خىتايدىن جاۋاب كەلمىگەن. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 29-دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتىمۇ توختالغان. ئۇ، تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنىڭمۇ ئۇيغۇر رايونىغا بېرىشىغا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رۇخسەت قىلمايۋاتقانلىقىنى، 5 يىلدىن بۇيان خىتايدىن خەۋەر كۈتكەن بولسىمۇ، تۈرك ھەيئىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشى مەسىلىسىدە كېلىشەلمەيۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا ماتېرىيال بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
چاۋۇشئوغلۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ھەققىدە ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ باھاسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ تۈركىي خەلقلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەمەلىيەت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئۇنىڭ بۇ بىلدۈرۈشىنىڭ بولغۇسى سايلامدا ئاۋاز ئېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «2023-يىلىدا تۈركىيەدە سايلام بار. تۈرك خەلقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھۆكۈمەت ھازىرغا قەدەر بۇ مەسىلىگە تازا كۆڭۈل بۆلمىدى. ئەمدىلىكتە ھۆرمەتلىك مىنىستىر بۇرۇنقى سەۋەنلىكلىرىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيەدە كۈن تەرتىپكە كەلگەن ۋاقتىدا ‹بىز خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىمىز› دەپ بايانات بەردى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر ۋەزىيەتنى كۆرمەسكە سالدى. خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشتى. ئەسلىدە جازا لاگېرلىرى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 5 يىل ئىچىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا تۈزۈك ئىنكاس قايتۇرمىغان ئىدى. مەن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى توغرىسىدا بۇلارنى دېيىشى پۈتۈنلەي يېقىنلىشىۋاتقان سايلامدا تۈرك خەلقىنىڭ ئاۋازىنى ئېلىشتىن ئىبارەت دەپ ئويلايمەن».
ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىس دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى باياناتىنىڭ سەۋەبىنىڭ تۈركىيە 2015-يىلىدىن تارتىپ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئىستراتېگىيەسى يۈرگۈزۈپ، خىتاينىڭ كۆپ ۋەدىلىرىنى ئاڭلىغانلىقىنى، بۇلار ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىشتىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئالدىمىزدىكى يىللاردىمۇ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ دېگەندەك ياخشى بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلجۇق ئۆزداغ ئەپەندى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى سۆزلىرى ھەققىدە كۆز قارىشىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن ئىدى. نېمە ئۈچۈن دېسىڭىز؟ ئىقتىسادىي كىرىزىس ئىچىدە ئىدى. خىتايدىن تۆۋەن ئۆسۈم بىلەن قەرز ئېلىش، خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىشىنى كۈتكەچكە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرمىغانىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇنداق بىر بايانات بېرىشى، خىتايدىن كۈتكەنلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى ۋە تۈركىيەدە سايلامنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىدىن بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن».
2017-يىلىدىن بۈگۈنگىچە تۈركىيە پرېزىدېنتى 3 قېتىم، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 5 قېتىم، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى 3 قېتىم، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى 5 قېتىم بايانات بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئۆكتىچى پارتىيەلەر بۇنىڭ بەكلا يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.