تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار 2020-يىلىنىڭ تۇنجى پائالىيىتىنى «يېنىدەن رەفاھ» پارتىيەسىنى زىيارەت قىلىش بىلەن باشلىدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ 2020-يىلىدىكى تۇنجى پائالىيىتى «يېنىدەن رەفاھ» پارتىيەسىنى زىيارەت قىلىش بىلەن باشلاندى. «يېنىدەن رەفاھ» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور فاتىھ ئەرباقان ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا بولغان قوللىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا كۈنسايىن كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيەلىرىدىمۇ خىتايغا قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى كۆپەيمەكتە. تۈركىيەدىكى بەزى ئۆكتۈچى پارتىيەلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن خىتاينى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلماقتا ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرماقتا. بۇ پارتىيەلەردىن بىرى «يېنىدەن رەفاھ» پارتىيەسىدۇر.

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇلكېرىم بۇغرا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 1-يانۋار كۈنى چۈشتە «يېنىدەن رەفاھ» پارتىيىسىنىڭ رەئىسى فاتىھ ئەرباقان ئەپەندى بىلەن ئىشخانىسىدا كۆرۈشتى. دوكتور فاتىھ ئەرباقان ئەپەندى ئۇيغۇر ھەيئىتى بىلەن ئىشخانىسىدا 40 مىنۇت سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئۇچرىشىشتا ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى سۆز قىلىپ، «يېنىدەن رەفاھ» پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيىتتى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ ئىزچىل ھالدا قوللىشىنى تەلەپ قىلدى. ئارقىدىن ئۇيغۇر ھەيئىتى «يېنىدەن رەفاھ» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى فاتىھ ئەرباقان ئەپەندىگە ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن تەييارلانغان جازا لاگېرلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى ئىككى دوكلاتنى، ئۇيغۇرچە «قۇرئان كەرىم» ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى تەقدىم قىلدى.

فاتىھ ئەرباقان ئۇيغۇر ھەيئىتىگە «يېنىدەن رەفاھ» پارتىيەسىنىڭ مەرھۇم دادىسى نەجمەتتىن ئەرباقان مەزگىلىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بىر پارتىيە ئىكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، 2020-يىلىدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە كۆپلەپ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بىز «يېنىدەن رەفاھ» پارتىيەسنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن فاتىھ ئەرباقان ئەپەندىدىن بەزى سوئاللارنى سوردۇق. «ئۇيغۇرلار ھازىر ئېغىر ۋەزىيەتتە، سىز خىتاينى ئەيىبلەپ باياناتلار ئېلان قىلدىڭىز. بۈگۈن سىزگە دوكلات بەردى. بۇ ھەقتە نېمىلەرنى دېمەكچىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا دوكتور فاتىھ ئەرباقان ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «كەلگەنلىكىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. سىلەر ئارقىلىق تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ھۆرمەت ۋە ئىھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن. بىزگە ئەڭ مۇھىم بولغىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشىشىدۇر. چۈنكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار 70 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ياشىماقتا. خىتاينىڭ زۇلۇمى بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىمىزنى ھەر دائىم تەكىتلەپ كەلدۇق، بۈگۈنمۇ سىلەرگە دەپ ئۆتتۈم.»
«بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئېغىر ۋەزىيەتتە، مەلۇم بولۇشىچە، 2 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر جازا لاگېرلىرىدا قامىلىپ تۇرماقتا. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە 2020-يىلىدا نېمەلەرنى قىلماقچىسىلەر؟» دېگەن سوئالىمىزغا «يېنىدەن رەفاھ» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور فاتىھ ئەرباقان ئەپەندى مۇنداق دېدى: «يېقىندا ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزىمىز. مەزكۇر پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تەپسىلىي ئاڭلىتىپ، تۈركىيە جامائەتچىلىكىنىڭ شۇنداقلا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تارتىشقا تىرىشىمىز. پارتىيەمىزنىڭ قۇرغۇچىسى سابىق باش مىنىستىر نەجمەتتىن ئەرباقانمۇ ھاياتى بويىچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. بىزمۇ ئۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاشنى داۋام قىلىمىز.»
ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق. ئۇ «يەنىدەن رەفاھ» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور فاتىھ ئەرباقان ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن بۇ زىيارەتنى ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئۇچرىشىشنىڭ ئۈمۈملۈك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلكېرىم بۇغرا ئەپەندى تۈركىيە سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا پارتىيەلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى تەييارلىغان دوكلاتلارنى بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، 2019-يىلىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ غەرب ئەللىرىدە، بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا يۇقىرى دەرىجىدە ئېتىبارغا ئېلىنىشىغا ئەگىشىپ تۈركىيەدىمۇ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە كۈنتەرتىپىگە كېلىشكە باشلىدى. ئۇيغۇر مەسىلىسى بولۇپمۇ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىمۇ مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى. ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تۈركىيەدىكى بۇ ۋەزىيىتىنى قوغداپ قېلىش، ھەتتا تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇندىن كېيىن تۈركىيەدە پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

«يېنىدەن رەفاھ» پارتىيەسى ئۆتكەن يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 1983-يىلى نەجمەتتىن ئەرباقان قۇرغان «رەفاھ پارتىيەسى» نىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ.