تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ 2017-يىلى ئىككى دۆلەت مىنىستىرلىرى ئارىسىدا ئىمزالانغانلىقى، 2019-يىلى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان قول قويغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتمىگەنلىكى، مەزكۇر كېلىشىمنىڭ 26-دېكابىر كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ماقۇللانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقىتىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە پارلامېنتىدا ھۆكۈمەتنى قوللاۋاتقان پارتىيەلەردىن بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى بايان ئېلان قىلدى. ئۇ، تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. مۇستافا دەستىچى 31-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى قوللاشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە جامائىتىمىزنىڭ ۋە تۈرك خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. بىز بۇ مەسىلىدە پەقەت ئارقىمىزغا چېكىنمەي شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاۋازى ۋە قوللىغۇچىسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز».
بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى، يەنى ب ب پ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى باياناتىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركلەرنىڭ قان-قېرىندىشى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ كېلىشىمنى ھېچ قانداق پارتىيەنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمەتنى قوللاۋاتقان پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ بۇ كېلىشىمنى قوللىمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەممە كىشى شۇنى بىلىۋېلىشى كېرەككى، شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئانا ۋەتىنىمىز ھەم ئاتا ۋەتىنىمىزدۇر. شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىزنىڭ قان-قېرىنداشلىرىمىزدۇر، قېرىنداش قېرىنداشتىن يۈز ئۆرۈمەيدۇ. ئىقامەت ( تۇرۇش رۇخسەتنامىسى) بىلەن تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى باشقا ئۇيغۇرلار بولسۇن، تۈركىيەدىكى ھېچقانداق شەرقىي تۈركىستانلىقنى ھېچكىم زالىم، قاتىل ۋە تاجاۋۇزچى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرەلمەيدۇ. بۇنىڭغا تۈرك مىللىتى رۇخسەت قىلمايدۇ، تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇزاكىرىگىمۇ قويالمايدۇ. ھازىر تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتقان ‹جۇمھۇر ئىتتىپاقى› دەپ ئاتىلىدىغان گۇرۇھ ئىچىدە بىز بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىمۇ بار. شۇڭا تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن تۈزگەن ‹جىنايەتچىلەرنى ئۆز-ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى› تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتمەيدۇ».
مۇستافا دەستىچى ئەپەندى بۇ ھەقتىكى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «بۇنى توسۇش ئۈچۈن كونكرېت نېمىلەرنى قىلماقچىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز باشتا پرېزىدېنتىمىز، مۇئاۋىن پرېزىدېنتىمىز مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى ھۆكۈمەتنىڭ پارلامېنتتا قارار چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەنىدۇق. ئەمدى بۇ كېلىشىمنى پارلامېنتتىن ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈنمۇ خىزمەت ئىشلەيمىز. مەن دەپ ئۆتكەندەك بۇنى ھېچكىم پارلامېنتقا ئېلىپ كېلەلمەيدۇ دەپ ئويلايمەن».
قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان، ھازىر تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى، يەنى پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاخمەت كەمال ئەروزان ئەپەندى سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىر يېرىم يىلدىن بۇيان پارلامېنتتا تۇرۇۋاتقان بۇ كېلىشىمنى ئەمدى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلمەيدۇ دەپ ئويلايمەن. پارلامېنتتا ھاكىمىيەتتىكى پارتىيە بىلەن شېرىك پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى كۆپ بولغاچقا توسساقمۇ ئەپسۇس ماقۇللۇقتىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەگەر ماقۇللۇقتىن ئۆتۈپ قالسا بۇنىڭ گۇناھى ھاكىمىيەتنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن ئۇنى قوللاۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىگە تەۋە بولىدۇ».
ئۇنداقتا بۇ كېلىشىم تۈركىيە پارلامېنتىدا كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىنسە قوبۇل قىلىنارمۇ؟ ئىستانبۇلدىكى ئىبىن-خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى بۇنىڭ ماقۇللىنىپ ماقۇللانماسلىقىنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈركىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلىتى، ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن نامزات بولغان دۆلەت. كېيىنكى يىللاردا تۈركىيەنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە سوغۇقلۇق پەيدا بولغانىدى. تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 1-ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ئورنىنىڭ ياۋروپادا ئىكەنلىكىنى، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان زىددىيەتنى دىئالوگ يولى بىلەن ھەل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەنىڭ تىجارەت پائالىيىتىنىڭ كۆپىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا بىلەن بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا تۈركىيەنىڭ ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنى تاشلاپ رۇسىيە ۋە خىتاي تەرەپكە ئۆتۈپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» 26-دېكابىر كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ماقۇللانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تۈركىيەدە تارقالغاندىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغانلىقىنى، مەزكۇر كېلىشىمنى ھازىر پارلامېنتنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كەلسە قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيە پارلامېنتىدا جەمئىي 13 پارتىيەدىن سايلانغان 584 پارلامېنت ئەزاسى بار بولۇپ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ 289، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ 138، خەلقنىڭ دېموكراتىيەسى پارتىيەسىنىڭ 56، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ 48، ۋە ئىيى پارتىيەسىنىڭ 36 پارلامېنت ئەزاسى مەۋجۇت. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر كېلىشىمنامە ئاق پارتىيە تەرىپىدىن ئاۋازغا قويۇلسا، قالغان پۈتۈن پارتىيەلەر قارشى چىقسا بۇ كېلىشىمنامىنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنى توسۇپ قالغىلى بولىدىكەن.