تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.01.06
تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىماقتا تۈركىيە ئىيى پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى، قانۇنشۇناس فەرىدۇن باخشى ئەپەندى.
تۈركىيە IYI پارىتىيەسىنىڭ Facebook بېتىدىن ئېلىنغان

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشى ھەمدە ئۇيغۇرلار دۇچار بولىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيە پارلامېنتتىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. 4-يانۋار كۈنى تۈركىيە پارلامېنتى بىلەن ئىستانبۇل شەھەرلىك پارلامېنتتىكى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى نۇتۇق سۆزلەپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

پارلامېنت ئەزاسى قانۇنشۇناس فەرىدۇن باخشى ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىماقتا. شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ۋەھشى زۇلۇمىغا قارشى ئۆز ئالدىغا كۈرەش ئېلىپ بارماقتا. خىتاينىڭ بۇ زۇلۇمى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا پۈتۈن دۇنيا قارشى چىقىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئەپسۇسكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتايدىن قەرز پۇل ئالىمەن دەپ سۈكۈتتە تۇرماقتا.»

ئۇ تۈركىيەدىكى بەزى سولچى پارتىيەلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئوخشىتىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھەتتا بىر پارتىيەنىڭ رەئىسى ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ‹بوۋاقلارنىڭ قاتىلى، بۆلگۈنچى› تېررورلۇق تەشكىلاتقا ئوخشىتىپ باياناتلار بەرمەكتە. ھۆكۈمەت بۇنىڭغىمۇ ئىنكاس قايتۇرمايۋاتىدۇ.»

پارلامېنت ئەزاسى فەرىدۇن باخشى ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرلارغىمۇ ئىگە چىقالمايۋاتقانلىقىنى مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە پۇقراسى بولغان بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاينىڭ ئىسكەنجىسىگە ئۇچرىماقتا. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرى ئۈچۈنمۇ ھېچنېمە قىلمايۋاتىدۇ. تۈرك پۇقراسى ئۆمەر فارۇق ئەپەندى 2015-يىلى تۇغۇلغان قىزى زارىفە بىلەن 2016-يىلى تۇغۇلغان قىزى زاھىدەدىن 1543 كۈندىن بۇيان خەۋەر ئالالمايۋاتىدۇ. ئۆمەر فارۇق ئەپەندى تۈرك پۇقراسى ئىككى قىزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا شۇنچە كۆپ ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما جاۋاب كەلمىگەن.»

مەلۇم بولغىنىدەك، 4 يىلدىن بېرى تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ئابدۇشۈكۈر بۇندىن بىر ئاي بۇرۇن ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى. پارلامېنت ئەزاسى فەرىدىن باخشى ئەپەندى ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى سوراپ، ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇغا سوئال قويغان ئىدى. قانۇن بويىچە بۇ خەتكە ھۆكۈمەت جاۋاب بېرىشى كېرەك بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە تېخى جاۋاب كەلمىگەن. ئۇ 4-يانۋار كۈنىدىكى نۇتۇقىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېگەن: «4 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ۋە خىتاي زۇلۇمىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇر تۈركى ئابدۇشۈكۈر بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن كېچىدە ساقچى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىكەن. مەن بۇ ھەقتە ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرىگە سوئال خېتى سۇنغان بولساممۇ، تېخىغىچە جاۋاب كەلمىدى. ئابدۇشۈكۈرنىڭ تۈرك پۇقراسى بولغان قېرىنداشلىرى خىتايدا تۈرمىدە ياتماقتا. تۈركىيە ھۆكۈمىتى 5 يېرىم مىليون سۈرىيەلىك پاناھانغۇچىلارنى ھەقسىز باقماقتا. تۈرك پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان بۇ مۇئامىلىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ سەھنىسىدىن كۆكبايراققا سالام يوللايمەن!»

تۈركىيەدىكى ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ يەرلىك پارلامېنتلىرى بار. شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قارارلىرى بۇ پارلامېنتنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدۇ. بۇ پارلامېنت ئەزالىرى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، پارلامېنت يىغىنلىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلاندى. «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئىبراھىم ئۆزقان ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىدارە جەمئىيەتلەرنى «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمىدى» دەپ تەنقىت قىلدى. ئۇ سۆزىنى مۇنداق باشلىدى: «مەن ياقامغا كۆك رەڭلىك لىنتا تاقاپ سۆز ئېلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ مەسىلىسىنى سىلەرنىڭ دىققىتىڭلارغا تارتماقچىمەن. خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلىرىدە 5 مىليوندىن كۆپرەك كىشى تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. شۇنداقلا 21-ئەسىرنىڭ ئەڭ زور ئاسسىمىلاتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى نېمە ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرىدۇ؟ دىنىي قېرىنداشلىق قەيەردە قالدى؟ پرېزىدېنتىمىز ياشلارنىڭ توي قىلىشى توغرىسىدا بىر گەپ قىلىپ قويسا، بارلىق مەسچىتلەردە جۈمە نامىزىدا بۇ ھەقتە ۋەز ئېيتىلىۋاتىدۇ. ئەمما زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھەققىدە سۈكۈتتە تۇرماقتا. دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىمەن.»

ئىبراھىم ئۆزقان ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تۈرك دۇنياسى، مۇسۇلمانلار دۇنياسى شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ھەزرەتى ئەلى ‹زۇلۇمنى توسۇپ قالالمىساڭلار، ئۇنى ھەممە كىشىگە ئاڭلىتىڭلار› دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئەگەر ئىسلام دۇنياسى ياردەم قىلىدىغان مۇسۇلمان ئىزدەۋاتقان بولسا، شەرقىي تۈركىستانلىقلار مۇسۇلماندۇر. ئەگەر تۈرك دۇنياسى ياردە قىلىدىغان تۈرك ئىزدىسە، شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈركتۇر. ئىنسانىيەت دۇنياسى ياردەم قىلىدىغان ئىنسان ئىزدىگەن بولسا، شەرقىي تۈركىستاندا قەتلىئامغا ئۇچراۋاتقانلار ئىنساندۇر. مەن دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرىگە شۇنى دېمەكچىمەنكى، سىلەر ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەس، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمامى بولۇڭلار. ھۆكۈمەتنىڭ سۆزىنى جامائەتكە ئاڭلاتماي خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىتىڭلار.»

تۈركىيەدە تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىگە قاراشلىق 84 مىڭ 684 جامە بار بولۇپ، ئىسلام قائىدىسى بويىچە ھەر جۈمە نامىزىدا دۇنيادىكى ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا دۇئا قىلىشىدۇ. ئادەتتە دۇنيادىكى ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئالىملار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى ھەبىبۇللاھ كۈسەنى ئەپەندى بۇنىڭ سىياسىي سەۋەبى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ تەنقىدكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.