تۈركىيە «3 ئۇيغۇر» نى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.01.19
تۈركىيە «3 ئۇيغۇر» نى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدىكى بۇرھان كىرىمنىڭ ئادۋوكاتى مەھمەت ئوكاتان
Social Media

2018-يىلى 5-ئايدا تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ «تېررورلۇققا چېتىشلىق»، دەپ بۇرھان كېرىم، مۇھەممەد ئالىي، توختى ئادىلجان ئىسىملىك «3 نەپەر ئۇيغۇر» نى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئىسملىرىنىڭ راست ياكى پاسپورتىدا شۇنداق ئاتالغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، بىراق خىتاي پاسپورتى كۆتۈرگەن بۇ كىشىلەرنىڭ تۈركىيە ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن «تېررورلۇققا چېتىشلىق»، دەپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ئىستانبۇلدىن خىتايغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا ئولتۇرغۇزۇلۇپ، خىتايغا يوللىۋېتىلگەنلىكى ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتى ھەم ۋەقەدىن خەۋەردار ئادۋوكاتلار تەرىپىدىن دەلىللەندى.

بۇ خەۋەر «مۇستەقىللىق» گېزىتىنىڭ تۈركچىسىدە ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنىپ، تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ خەۋەر تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، يېقىندا «ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقى» نى تەكىتلەپ ئارقىدىنلا ئاشكارىلانغان. خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدىكى بۇرھان كىرىمنىڭ ئادۋوكاتى مەھمەت ئوكاتان 19-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى تۈركىيە تەپتىش دائىرىلىرى تەرىپىدىن دەلىللىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەھمەت ئوكاتان مۇنداق دېدى: «ئۇلار 3 كىشى، خىتايغا قايتۇرۇلدى. ئۇلارنىڭ بىرىگە مەن ۋەكىللىك قىلغانىدىم. ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە خەۋەرمۇ چىقتى. ئۇلارنىڭ قايتۇرۇلغانلىقىغا دائىر ئۇقتۇرۇشنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالدۇق. تەپتىش مەھكىمىسى خەت ئەۋەتتى. مەن بۇرھان كىرىمگە ۋەكىللىك قىلغان. (خىتايغا) قايتۇرۇلغانلارنىڭ كۆپى تېررورلۇققا چېتىلىۋاتىدۇ. سۆزىڭىزنىڭ ئورامىدىن بىلىمەن، سىزنىڭ يا ئۆزبېك يا ئۇيغۇرلۇقىڭىزنى. يەنى بىلگىنىڭىزدەك، بىر جايغا ئوپېراتسىيە ئېلىپ بېرىلىپ، يۈز كىشى تۇتۇلىدۇ. ئاندىن قانۇنى رەسمىيەتسىزلا ئۇلار كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش مەركىزىگە يوللىنىدۇ».

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ئۈچەيلەن تۈركىيە ئەدلىيە تارماقلىرىغا ئەرز قىلغان بولسىمۇ، بىراق سوت ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنى توسمىغان. ئۇ، ئۈچەيلەننىڭ 2018-يىلى 5-ئايدا قايتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. مەھمەت ئوكاتان بۇ ھەقتىكى سۇئاللىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇلارنى توسمىدى. ئۇلارنى يولغا سېلىۋەتتى. بىلگىنىڭىزدەك تۈركىيە خىتاي بىلەن بىر كېلىشىم ئىمزالىغان. كۈنتەرتىپتىكى بۇ كېلىشىم 2017-يىلىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. مەن ۋەكىللىك قىلغان بۇرھان كېرىم 2017-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا تۇتقۇن قىلىنغان، 2018-يىلى 5-ئايدا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى».

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامىتى (تۇرۇشلۇق رۇخسەتنامىسى) نىڭ كاپالىتى يوق ئىكەن. ئۇ، دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا 1-2 يىل تۇرۇشلۇق گۇۋاھنامە بېرىپ قويۇپ، ئاندىن بىكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەدىكى ۋەقەدىن خەۋەردار ئادۋوكاتلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، تۈركىيە تەپتىش ئورگانلىرى خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۈچەيلەن ئۈستىدىن «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان» دېگەن قىلمىش بىلەن ئەيىبلەپ داۋا ئاچقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەسىلىسى بىرتەرەپ قىلىنىۋاتقاندا خىتايغا قايتۇرۇلغان. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ كېلىۋاتقان ئادۋوكات ئابدۇلھالىم يىلماز، 19-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار «تېررورچى» دەپ ئەيىبلىنىدىغان بۇنداق داۋانىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلھالىم يىلماز مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ھەققىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا، ئۇلار دائىشچى بولۇشى مۇمكىن، دەپ دەۋا ئېچىلغان. بۇنداق دەۋالار كۆپ بولىدۇ. بۇنداق دەۋالار قىلىنسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇنىڭ بىلەن ئالاقىسى يوق. ئەگەر خىتايدىن تۈركىيەگە بۇ كىشى دائىشچى ياكى تېررورچى، دەپ ئۇچۇر كەلسە، ئۇلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ ياكى بەزىدە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۇلارنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ».

بىراق ئابدۇلھالىم يىلمازنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىقى ئۈچەيلەننىڭ سوتى داۋاملىشىۋاتقان ئەھۋالدا خىتايغا قايتۇرۇلۇشى «نورمال ئەھۋال ئەمەس» ئىكەن. ئۇ، تۈركىيەدىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ نورمالدا بۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلھالىم يىلماز مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلمىدىم. باشقا دوستلار ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتى ئىدى. مەن باشقا بىر ئۇيغۇرنىڭ ۋەكىلى ئىدىم. ئۇ قويۇپ بېرىلىپ، تۇتقۇن قىلىنمىدى، شۇڭا ئۇنىڭغا بىر ئىش بولمىدى. ئەمما تۇتۇلغان كىشىلەر 5-6 ئايدەك تۇتقۇندا تۇردى. كېيىن سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇلارنى قويۇپ بەرگەنلىكى ۋە دائىرىلەرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۇق. ئىلگىرى ئادۋوكاتلار ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سوت رەت قىلغانىدى. دېمەك ئۈچەيلەن مەخپىي قويۇپ بېرىلگەن. سوت مەھكىمىلىرىنىڭ بۇنداق ھوقۇقى بولسىمۇ، بىراق تۈركىيەدىكى سوتلار نورمالدا بۇنداق قىلمايدۇ. يەنى، داۋا داۋام قىلىۋاتقاندا قويۇپ بەرمەيدۇ. بۇ ئەھۋال نورمال ئەمەس».

تۈركىيەدىكى ۋەقەدىن خەۋەردار زاتلار، خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۈچەيلەننىڭ كىملىكى توغرىسىدا سوئال بارلىقى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۆزبېكىستان گىراژدانى بولۇشى مۇمكىنلىكى، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر، دەپ خىتايغا قايتۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىگە دائىر گۇمانلار بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاز دېگەندە بىرىنى ئۆزبېكىستانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. بۇ زات، مۇھەممەد ئالىي ئىسىملىك تۇتقۇننىڭ ھازىر ئۆزبېكىستان تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى ئېنىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئادۋوكات ئابدۇلھالىم يىلمازنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇ تۇتقۇنلارنىڭ ئىككىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەمەسلىكىنى ئاڭلىغان بولۇپ، بىرسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدە شەك يوق ئىكەن.

ئۇ، ئۈچەيلەننى تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى يولغا سالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىز شۇنى تەخمىن قىلىمىز، ئەمما بۇ پەقەت بىر مۆلچەر. ئۇنىڭ باشقا بىر ئېھتىماللىقى يوق. ئەگەر چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى بولسا بۇنى كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئىجرا قىلىدۇ. ئەمما بۇنداق بىر قارار يوق. شۇنىڭدەك سوتنىڭ خىتايغا قايتۇرۇش قارارىمۇ يوق. مېنىڭ مولچەرىمدە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى يولغا سالغان ئېھتىماللىق قالدى. بەك ئىشەنچلىك دېيەلمىسەممۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئىككىسىنى ئۇيغۇر ئەمەس، دەپ ئاڭلىدىم. توغرىمۇ-خاتامۇ بىلمەيمەن، ئەمما بىرسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىگە ئىشەنچىم كامىل».

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ، ئالدىنقى ھەپتە «تۈركىيە-خىتاي جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» گە چۈشەنچە بېرىپ، بۇ كېلىشىمنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈركۈملەپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە يول ئاچىدىغانلىقىنى رەت قىلغان. 2017-يىلى ئىمزالانغان بۇ كېلىشىم ئۆتكەن يىلى پرېزىدېنت ئەردوغان تەرىپىدىن تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلغانىدى. بىراق چاۋۇشئوغلۇ «ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ كەلگەنلىكى»، «تۈركىيەنىڭ بۇنداق بىر قەدەمنى ئاتمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.