تۈركىيەدىكى 3 پارتىيەنىڭ رەھبرى «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى» گە قارشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-01-19
Share
تۈركىيەدىكى 3 پارتىيەنىڭ رەھبرى «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى» گە قارشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەھبەرلىرىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى بىلەن بىرگە. 2021-يىلى 15-يانۋار. تۈركىيە.
RFA/Erkin Ekrem

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ھۆكۈمەتنى قوللاۋاتقان ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن «بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى» نىڭ رەئىسى، «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە «دەۋا» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىقلار ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەھبەرلىرىنى ئەنقەرەدىكى پارتىيە مەركەزلىرىدە قوبۇل قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىدىن، شۇنداقلا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» دىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر كېلىشىمنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتمەسلىكى ئۈچۈن قوللىرىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.

15-14-يانۋار كۈنلىرى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى، خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇئاۋىن مۇدىرى دوكتور شەۋكەت ناسىر ئەپەندىلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت «بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى» رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى، «دەۋا» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇراخمان بىلگىچ ئەپەندى ۋە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ قاتارلىق پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلار، 3 پارتىيەنىڭ رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى، ۋە «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ ئۇيغۇرلاردا پەيدا قىلغان ئەنسىزلىك توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇلاردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر كېلىشىمنىڭ پارلامېنتتا ماقۇللانماسلىقى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىشتى.

Selchuq-Ozdagh.jpeg
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەھبەرلىرىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت كېلەچەك پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ بىلەن بىرگە. 2021-يىلى 15-يانۋار. تۈركىيە.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ھەيئىتىنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغان «بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى» رەئىسى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن ‹جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى› تۈزۈشىگە قارشىمىز. بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بۇنداق بىر كېلىشىم تۈزۈشىنى توغرا تاپمايمىز. لېكىن بۇ كېلىشىم تېخى پارلامېنتتىكى مۇناسىۋەتلىك كومىتېتلاردا مۇزاكىرە قىلىنمىدى. ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كومىتېتلاردا مۇزاكىرە قىلىنىپ، ماقۇللۇقتىن ئۆتكەندىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى كېرەك. مەنچە مەزكۇر كېلىشىم ھازىر مۇزاكىرىگە سۇنۇلغان تەقدىردىمۇ ماقۇللۇقتىن ئۆتمەيدۇ. چۈنكى تۈرك خەلقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ھۆكۈمەت كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلسە تۈرك ئاممىسى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ دەپ ئويلايمەن. بىزمۇ بۇ كېلىشىمنىڭ پارلامېنتتا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنى توسۇش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز».

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەھبەرلىرىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنىڭ 14-ۋە 15-يانۋار كۈنلىرى 3 پارتىيەنىڭ رەھبىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى، ئۇلارغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ ‹جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى›نى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزمەسلىكىنى تەلەپ قىلىپ يازغان خېتى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەييارلىغان دوكلاتنى سۇنغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى ھەيئەتنى قوبۇل قىلغان بارلىق رەھبەرلەرنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزمەسلىككە تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تارمىقىدىكى خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى 3 سىياسىي پارتىيەدىن سىرت بەزى ئاممىۋى تەشكىلات ۋە ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەييارلىغان «شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى دوكلات» نى، «كۆك كىتاب» نامىدىكى ژۇرنالنى ھەم ئۆزى يازغان كىتابلارنى تەقدىم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ئۇچرىشىش جەريانىدا ھەممە سىياسىي پارتىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى تەسىراتىغا ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھازىر تۈركىيە پارلامېنتىدا بولغان «بۈيۈك بىرلىك» پارتىيەسى 1992-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل ھالدا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. «كېلەچەك» پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن بۇيانقى 2 يىل مابەينىدە ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا، «دەۋا» پارتىيەسى بولسا بۇندىن كېيىن بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت