تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى كۈچەيمەكتە

0:00 / 0:00

18-يانۋار ئىستانبۇلدا قوراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ ئۆيى باسقۇن قىلىنىپ، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئەزاسى» دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان. قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىچىدە 4 بالىنىڭ ئانىسى ئامىنە بەكىرمۇ بار بولۇپ، ئامىنە بەكرىنىڭ قىزى ئالىيە زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:» كۈنلىرىم ئىنتايىن ئەندىشە ئىچىدە ئۆتتى، تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى يوق ئىكەن. گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ يىرىم كېچىدە قوراللىق ساقچىلار تۇتۇپ ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ. خىتاي-تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا قايتۇرۋېتىش كېلىشىمنامىسىنى ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ. بۇ ئاي ئىچىدە 30 دىن كۆپ ئۇيغۇرنى ئۆيىدىن خىتايغا قايتۇرۋېتىمىز دەپ تەھدىت بىلەن قورقۇتۇپ قولغا ئالدى. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا بىرسىنى قولغا ئالماقچى بولسا، ‹سەن تېرورىست ئىكەنسەن، سەن ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنسەن› دەپ تۆھمەت ئارتىپ قولغا ئالاتتى، ئاندىن تۈرمىگە ئاپىرىپ ئۆلتۈرىۋەتتى. ھازىر تۈركىيەدىمۇ ئوخشاش ئەھۋالنى ياشاۋاتىمىز. «

18-يانۋار قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىچىدە ئامىنە بەكىر قاتارلىق بىر نەچچە كىشى قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بولسىمۇ، تولۇق سانلىق مەلۇماتنىڭ بولماسلىقى سەۋەبلىك قانچە كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ۋە قانچە كىشىنىڭ قايتۇرۋېتىش مەركىزىگە قامالغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

تۈركىيەدىكى بەزى تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قوراللىق ساقچىلارنىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلىمەكتە.

بۇرھان كېرەمنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەنلىكىگە ئائىت باش تەپتىش ئىدارىسىنىڭ قارارنامىسى.

شەرقى تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە بايانات ئىلان قىلىپ، ھۆكۈمەتتىن خىتاي بىلەن تۈزگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆز ئارا قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمنامىسى» نى ئاۋازغا قويماسلىقنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە قۇراللىق ساقچىلارنىڭ باستۇرۇپ كىرىشگە خاتىمە بىرىپ، مۇۋاپىق شەكىلدە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار تەرىپىدىن چاقىرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

شەرقى تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ دىرېكتورى نۇرەتتىن ئىزباسار ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنىڭ كۈچىيىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۇتقۇن ھەرىكىتى ۋە خىتايغا قايتۇرۋېتىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپتۈرىۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتىپ كەلمەكتە. «دۇۋار» گېزىتىدە ئىلان قىلىنغان» تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى نېمە ئۈچۈن ساقچىلار تەرىپىدىن باسقۇن قىلىنىدۇ؟» ناملىق خەۋەردە سۆز قىلغان شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۇتقۇن ھەرىكىتىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلارنى تەشۋىشلەندۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېگەن:

» خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا كېلىشىمنامە ئىمزالانغانلىقى ئۈچۈن بىر-ئىككى ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنسا، دەرھال ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەركەتلىنىش بولۇپ كېتىدۇ. بىر كىشى تۇتقۇن قىلىنسا، 100 كىشى تۇتقۇن قىلىنغاندەك ئىنكاس بىلدۈرۈلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئالاھىدە بىر ھەركەت يوق. مەقسىتىمىز كىشىلەرنى قورقۇتماستىن مەسىلىنى ھەل قىلىش. «

بۇرھان كېرەمنىڭ كامېرادىكى گۇماندار بىلەن بىر كىشى ئەمەسلىكىنى يېزىلغان تەپتىش ئىدارىسىنىڭ دوكلاتى.

18-يانۋار كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان ئابدۇللا مەتسەيدىنىڭ ئايالى مەلىكە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. مەلىكە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار خىتايغا قارشى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئىسپاتلانسا، ئەر-ئايال ھەر ئىككىسىنى خىتايغا قايتۇرۋېتىدىغانلىقىنى ئېيىتقان.

خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «جىنايەتچىلەرنى ئۆز ئارا قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمنامىسى» تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىسىنى كۈنسېرى كۈچەيتمەكتە.

2018-يىلى بۇرھان كېرىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر تۈركىيە ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن كامېرا خاتىرىسىدىكى بىر گۇماندارغا ئوخشىتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان. تەپتىش ئىدارىسىدىن بۇرھاننىڭ كامېرا خاتىرىسىدىكى گۇماندارغا ئوخشىمايدىغانلىقى، ئىككىسىنىڭ ئوخشىمىغان ئىككى كىشى ئىكەنلىكىگە ئائىت دوكلات كەلگەن. بىراق دوكلاتقا قارالمىغان، بۇرھاننىڭ ئادۋوكاتىغىمۇ خەۋەر بىرەلمەي 2018-يىلى 5-ماي كۈنى تۈركىيە ھاۋا يوللىرى TK072 نومۇرلۇق ئايروپىلان بىلەن خىتايغا قايتۇرۇلغان.

ئەردوغان ھۆكۈمىتىگە يىقىن سىياسەتچىلەر بىر ئۇيغۇرنىڭمۇ خىتايغا قايتۇرۇلمىغانلىقىنى ئېيتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.

بىز تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى، پروفېسسۇر ئىلياس دوئان ئەپەندىمدىن قايتۇرۋېتىش مەركىزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىنىڭ بار-يوقلىقىنى سورىدۇق. ئىلياس دوئان ئەپەندىم سوئاللىرىمىزغا خەت ئارقىلىق جاۋاپ مۇنداق دېدى:

» خەتەر ئاستىدا بولغانلار بار. لېكىن دېلوسىغا مەن قاراۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا قايتۇرۋېتىلگەنلەر يوق. لېكىن بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ. بەزى ئەھۋاللار يۈز بېرىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئەتراپىدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى يېتەرلىك قويۇق بولمىغان كىشىلەرنىڭ بۇ خىل خەتەر ئاستىدا قېلىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ چوڭ. چۈنكى تۇتۇلۇپ، قايتۇرۋېتىش مەركىزىگە سولانغان بىرسىنىڭ تېشىدا كۆڭۈل بۆلۈدىغان بىرەر ئادىمى بولمىسا، خىتايغا قايتۇرۋېتىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى تۈركىيە خىتايدىن كۆپ سوممىلىق قەرز ئالدى. بۇ سەۋەبلىك خىتايغا قارشى كۈچلەرگە سەزگۈر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ھېچقانداق ئۇرۇق-تۇغقىنى بولمىغان ئۇيغۇرلارنى قۇربان قىلماقتا. تۈرمىگە سولانغان ئۇيغۇرلار بىخەتەررەك. چۈنكى تۈرمىلەرگە تەپتىش مەسئۇل. قايتۇرۋېتىش مەركىزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ خەتەرلىك. قايتۇرۋىتىش مەركىزى ئىچكىي ئىشلار مىنىستېرلىقىغا قارايدۇ. تۈرمىدىكى بىرسى دىنىي نىكاھ قىلىنغان ئايالى بىلەن تەپتىشنىڭ رۇخسىتىدە كۆرۈشەلەيدۇ. لېكىن قايتۇرۋېتىش مەركىزىدىكى بىرسى ئادۋوكاتىدىن باشقا ھېچكىم بىلەن كۆرۈشەلمەيدۇ.»

ئىلياس دوئان ئەپەندىم يەنە خىتايغا قايتۇرۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىزىملىكىگە ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:

» تىزىملىكنى خىتايغا قايتۇرۋېتىلگەنلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئادۋوكاتقا ۋاكالەت بەرسە، ئادۋوكات ئارقىلىق تەلەپ قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن بۇ ئىنتايىن تەس. چۈنكى خىتايغا قايتۇرۋېتىلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۈركىيەدە ھېچقانداق ئۇرۇق-تۇغقىنى بولمىغان كىشىلەر. بۇنىڭدىن باشقا پارلامېنىت ئەزالىرى جۇمھۇر باشقانلىقتىن مەلۇمات تەلەپ قىلسا بولىدۇ. لېكىن بۇ ئۇلارغا چوقۇم ئېنىق جاۋاپ بېرىلىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. «

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يېقىنلىشىشى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى دەپ قارالماقتا. مىسىردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىنى تېخىچە ئۇنۇتالمىغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ مىسىرغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ئېھتىمالدىن قاتتىق ئەندىشىلەنمەكتە.