نۇرسىمانگۈل ئابدۇرېشىت تۈركىيە پارلامېنتىدىكى يىغىنىدا جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى

0:00 / 0:00

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى مۇھىم ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «ئىيى» پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. 27-يانۋار كۈنى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا نۇرسىمان ئابدۇرېشىت خانىم «جازا لاگېرلىرى» نى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئاتا-ئانىسى ھەمدە قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى. ئۇ نۇتۇقىدا تۈركىيەنى، تۈرك دۇنياسىنى شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.

نۇرسىمان ئابدۇرېشىت خانىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلىشتىن بۇرۇن «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتتىن سورساڭلار ئەڭ ھەقىقى تۈرك ۋە مۇسۇلمان بىز دەيدۇ. ئەمما مۇسۇلمان تۈركىي قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پەريادىنى ئاڭلىمايدۇ ۋە ئۇلار ھەققىدە بىر ئېغىز گەپمۇ قىلالمايدۇ. دۆلەت بۇنداق ئىدارە قىلىنمايدۇ؟ بۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا 2017-يىلى خىتاي بىلەن تۈزۈلگەن ‹جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى بار. مەن پارلامېنت ئەزالىرىمىزنى بۇنى يېقىندىن كۆزىتىشكە چاقىرىمەن. قېنى، ھۆكۈمەت تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىشكە جاسارەت قىلالامدۇ؟ بۇنى قىلغان كىشى قېرىنداشلىرىمىز دۇچار بولۇۋاتقان زۇلۇمنى تەستىقلىغان ئادەم بولىدۇ. ئۇ كىشى بۇنى بىر نومۇسسىزلىق مېدالى سۈپىتىدە ئۆمۈر بويى بوينىغا ئېسىپ يۈرۈيدۇ.»

«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم ئۇزۇندىن بۇيان لاگېر قۇربانلىرى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق پائالىيىتى قىلغان نۇرسىمان ئابدۇرېشىت خانىمنى تۈركىيە پارلامېنتى زالىنىڭ سەھنىسىگە سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ھەپتىدىكى يىغىنىمىزنىڭ ئالاھىدە بىر مېھمىنى بار. بۇ مېھمىنىمىز بۈيۈك ئالىم مەخمۇت قەشقەرىنىڭ يۇرتىدىن كەلدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ پەرزەنتى، قەشقەرلىق قېرىندىشىم نۇرسىمانگۈل ئابدۇرېشىت قېرىندىشىمىز ئارىمىزدا. ئۇنى سۆزگە تەكلىپ قىلىمەن، مەرھامەت.»

نۇرسىمان ئابدۇرېشىت «ئىيى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە سەھنىگە چىقتى. نۇرسىمان خانىم كۆز يېشى تۆككەن ھالدا مۇنۇلارنى دېدى: «مەن ئاتا-ئانام بىلەن دىدار كۆرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ ئىنساندەك ياشاشنى خالايمەن. ئىنسانىيەتتىن، تۈرك دۇنياسىدىن ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىدىن ئۈمىد كۈتۈش بىلەن 4 يىل ئۆتتى. ئەمما جازا لاگېرلىرى تېخىغىچە بار، ھەتتا كېڭەيتىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەر كېلىۋاتىدۇ.»

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «جازا لاگېرلىرىدىن ئاتا-ئانىسىنى ئۆلۈك ۋە كېسەل ھالدا تاپشۇرۇپ ئالغانلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆرگىنىمدە، قورقۇپ جېنىم چىقاي دەپ قالىدۇ. ئۇ يەردە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپىيىۋاتىدۇ. مەن ئۇ يەردىكى ئىنسانلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىسكەنجىلەرنى، باسقۇنچىلىقلارنى ئاڭلىتىشقا يۈرىكىم چىدىمايدۇ. ئۇيغۇر ياشلىرىمىز قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. قىزلىرىمىز خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىنىپ، باسقۇنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بالىلارنى لاگېر مەكتەپلىرىگە سولاپ، ئۇلارنى تىلى ۋە دىنىدىن ئايرىپ، خىتايلاشتۇرماقتا.»

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلانغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى قانچىلىك يوشۇرۇشقا تىرىشسىمۇ مۇخبىرلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تېخنولوگىيەنىڭ كۈچى بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئەمدى دۇنيا نېمىنى ساقلاۋاتىدۇ؟ ئۇ يەردىكى مىليونلارچە كىشىنىڭ ئۆلۈشىنىمۇ؟ سىلەرنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشۇڭلار ئۇيغۇرلارنىڭ يوق بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغان بولسا، مەن كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ بارلىقىغا، تۈركلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكىگە قانداق ئىشىنىمەن؟ ۋىجدانلىق كىشىلەر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بالدۇرراق قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن. بۇ زۇلۇمغا ھەممەيلەننىڭ بىرلىكتە ‹توختا› دېيىشىنى تەلەپ قىلىمەن. مەن دەيدىغانلىرىمنى دېدىم، ئەمدى ئىنسانلىقتىن جاۋاب كۈتىمەن. دەردىمنى ۋە پەريادىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش پۇرسىتى بەرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەھمەت. ھەممەڭلەرگە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.»

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى نۇرسىمان ئابدۇرېشىت خانىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنى تۇتالماي يىغلىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىز تەسىرلىنىپ يىغلىدۇق. بىز پارلامېنتتا ئىزچىل ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز. لېكىن بىز تۇنجى قېتىم بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆزلەتتۇق. ئۇ ئاتا-ئانىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ پەريادىنى ئاڭلاتتى. مەن سىزلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىگە شۇنى دېمەكچىمەنكى، بىز خىتاي لاگېرلارنى تاقىۋەتكۈچە، خىتاي بىتەرەپ بىر ھەيئەتنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلغۇچە، خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى ئاخىرلاشقىچە، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ دەۋاچىسى بولۇشنى داۋام قىلىمىز.»

ھەپتىدە بىر قېتىم پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئىيى» پارتىيەسى يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان نۇرسىمان ئابدۇرېشىت خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

نۇرسىمان ئابدۇرېشىت خانىم ئەگەر بۇنداق پائالىيەتلەر ئىزچىل ھالدا ئېلىپ بېرىلسا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر نەرسە دېيىشكە مەجبۇر قالىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

خىتاي كونسۇلخانا خادىمى 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى مۇھاجىر نۇرسىمانگۈلگە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ 2017‏-يىلى 13‏-دېكابىر كۈنى سوت ئارقىلىق كېسىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، كونسۇلخانا خادىمى نۇرسىمانگۈلنىڭ ئاپىسى ۋە ئىنىسىنىڭمۇ دادىسى بىلەن بىر تۈرمىدە، يەنى يېزا-ئىگىلىك 3‏-دېۋىزىيەسىگە قاراشلىق تۇمشۇقتىكى گەمىلىك تۈرمىسىدە ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان.